|
|
|
|
سىياسى كىڭەش ئەزاسى بەي يەنسوڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن 13-15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەردى
مەمىلكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئىگەللىنىشچە سىياسى كىڭەش ئەزاسى بەي يەنسوڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن 13-15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بەرگەن
بەي يەنسوڭ مۇنداق دىدى : ئۆتكەن يىلى ھۆكۇمەت ئىككى قېتىم قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۇنىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى لايھەنى جەمىيەتكە ئېلان قىلىپ پىكىر ئېلىپ ،ئاخىردا نەتىنجىسنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ پۇتۇن ئاممىنىڭ يۈكسەك دەققىتىنى تارتىپ، دەم ئېلىش خەلىق كۆڭۇل بۈلدىغان موھىم مەسلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلدى.
ھەممە نۇرمال بولغاندا دۆلىتىمىزدە ھەر يىلىدىكى دەم ئېلىش كۈنى 115كۈن بۇلدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 104 كۈنى ھەپتە ئاخىردىكى قوش دەم ئېلىش كۈنى بۇلۇپ ، قالدى 11كۈن بولسا بىر يىل ئىچىدىكى ھەقىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش ھىساپلىندۇ. دۆلىتىمزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ يىللىق ئارام ئېلىش كۇنى بولسا دۇنيادا ئەڭ ئاخىردا تۇرۇش بىلەن بىرگە ، بۇ ئىش ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ يىللىق ئارام ئېلىش سىياسىتى ئىنتايىن تەستە ئۇمۇملىشۋاتىدۇ ياكى ئۇمۇملاشتۇرۇش تەس بۇلۋاتىدۇ ، ھەتتا بىر قىسىم ئۇرۇنلار ئۇچۇقتىن ئۇچۇق بۇ خىلدىكى دەم ئېلىشنى خىزمەتچىلەرگە بېرىشنى رەت قىلدۇ . جوڭگولۇقلارنىڭ دەم ئېلىشى شۇ ئائىلىنىڭ بەختىلىك بۇلۇشىدا موھىم ئۇرۇنغا ئىگە ، بۇلۇپمۇ پەرزەنتلەرنى ئاساس قىلغان ئائىللەردە بۇلۇپمۇ چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىن بەھىرلىنىشنى بەسى مۇشكۇل ھەم تەس . مۇشۇنداق بولغاچقا جەمىيتىمىزدە %50 دىن كۆپرەك كىشلەرنىڭ 1- ماي ئالتۇن ھەپتىلكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشنى تەلەپ قىلشىنىڭ ئاساسى بۇلۋاتىدۇ . شۇڭا قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى 11 كۈندىن ئۆتكۈنچى ۋاقىتتا 13 كۇنگە ،ئەڭ ئاخىردا 15كۈنگە ئۇزارتىش توغرىسىدىكى تەكلىپنى بىرىمەن . ئۇ يەنە مۇنداق دىدى : ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلدۇ ، بىر خىلى -دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلمە چىقىرىپ 1-ماي دەم ئېلىشنىڭ كەينىگە << ئالتۇن ھەپتىلك >> نى قۇشۇپ 1- ماي ئالتۇن ھەپتىلكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ؛ يەنە بىر خىلى -دۆلەت بەلگىلمە چىقىرىپ يېڭىدىن 2-4 كۈنگىچە قۇشۇش ،بۇنى ئوخشىمىغان ئەھۋاللار ياكى ئۆرۇپ - ئادەتكە ئاساسەن ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەر،ئاپتۇنۇم رايۇن ئۆزلىرى كونكىرىتنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ، مۇشۇنداق بولغاندادۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرشى كەلتۇرۇپ چىقارغان يول ۋە مەنزىرە نوقتىلىرىنىڭ ئادەم بىلەن تۇشۇپ كىتىش ئەھۋاللىرنى يىنىكلەتكىلى بۇلدۇ .
مەنبە : http://news.sohu.com/20140307/n396213808.shtml
نەۋقىران يوللىدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-7 03:52 PM
|
|
|
|
|
|