مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: konafilim

8-مارت ھەققىدىكى يالغان سۆز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 461 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 09:37:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم114 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 12:48 PM
بۇ  بايرامنى  بانە  قىلىپ  قىز  ئاياللار شەھەرلەرگە  كىر ...

ھىچكىم ئۇنداق بولسۇن دىمەيدىغۇ،بىزدە بايرامنى شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىۋاتىدۇ.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 12:04:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 12:06 PM
ئەرلەر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىغا ياخشى قارىسا بۇ بايرام ...

ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز نىيىتىگە باغلىق بۇ بايرامدىلا ئەمەس بەلكى ، باشقا ئۇلۇغ كۈنلەردىمۇ قىلىمەن دىسە قىلىۋېردۇ ، چۈنكى ئۇنداق ئادەملەردە نە ھايا نە ئىمان بولسۇن شۇنداقمۇ ؟

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10939
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 12:26:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈزسە بولمايدۇ، يامان بولىدۇ  دىگەنلەر ئۆز لايىقىدا بىر نەق جاۋابنى بېرىپ بېقىڭلار ، ئاچا- سىڭىللىرىڭلارغا ئاياللىرىڭلارغا، قىزلىرىڭلارغا ، قاراپ جاۋاب بېرىڭلار ئۇلارمۇ تەبرىكلەشتىمۇ يوق ؟ شۇلار ئۆتكۈزگەن بولسا ئاۋۋال شۇلارغا نەسىھەت قىلىڭ  بۇ مۇنبەردە قۇرۇق گەپ سېتىپ ۋارى-ۋارى قىپ ئولتۇرغۇچە ئەمىلىيتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار ، قېنى سىلەر قانچىلىك قىزلارنى بۇ بايرامنى تەبرىكلەشتىن  توسالايسىلەركىن ؟ بۇ يەردە ئىككى ئېغىز گەپ قىپ پەخىرلىنىپ كەتمەڭ ، ھېچكىم سىزنى ئەتىۋارلاپ ، پەخىرلىنىپ كەنكىنى يوق ھەقىقىي ئەركەك بولسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى  قىزلارغا قاراڭ، بۇ يەردە ئەركەكلەرگىلا دېيىلگەن گەپ ئەمەس ، قىز - ئاياللىرىمىزغىمۇ تەگسۇن ! جىق گەپ ئېشەككە يۈك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101061
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-12-19
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:22:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە ئايال ئۈچۈن ئېرىنڭ ممۇھەببىتىگە ئېرىشىش ،پەرزەنىتنىڭ بەختىنى كۈرۈش نىسپ بولسىلا كۈندە بايرام بولغاندەكلا خوشاللىنارلىق ئىش ، بىر كۈن بايرام ئويىنۋىلپ قالغان كۈنلرى دەككە-دەشنام بىلەن كۈن ئۆتكۈزسە نىمە پايدىسى ، ئەرلىك ئەيال ئۈچۈن ئېرى خوپ كۈرگەننى قىلش ، ئېرى ياختۇرمىغاندىن يىراق تۇرۇش ئەڭ ئاقىلانىلك . شۇڭا ئاچا-سىڭللارغا تەۋسىيە : ئېرىڭىزنىڭ رايىغا بېقىپ ئىش قىلڭ ، بەختىسزلىكتىن يىراق بۇلىسىز ..............

ئالەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار، ئادەمنىڭ ئىچىدە ئالەم.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101061
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-12-19
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 01:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇسۇلمان ئايال ئۈچۈن 8-مارت ئەمەس، ھەر كۈن بايرامدۇر......
ئانىلقنى ئەڭ بۈيۈك بۇرچ، ئەڭ ياخشى خىزمەت دەپ بىلگەن ،اللە رىزاسى ئۈچۈن ئەرلىرىنىڭ ئىتائىتىدە بولغان ئانىلىرىمىز ،ھەمشىلىرىمىز ئۈچۈن ھەر كۈن بايرامدۇر ئەلۋەتتە.....

ئالەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار، ئادەمنىڭ ئىچىدە ئالەم.....................

سەۋىر بىلەن سىنايدۇ ئاللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9644
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10017
تۆھپە نۇمۇرى: 428
توردا: 1567 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 04:33:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا قەۋمنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان كىشى ئاخىرەتتە شۇ قەۋم بىلەن قوپىدۇ دەپ كۆرگەنتىم. بۇ بايرام ئىسلام دىنىنىڭ بايرىمى  بولمىسا يا، ئىسلامدا پەقەت ئىككىلا بايرام بار، ئەمدى ئۈندىداردا ئۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ بولىشى بىزنىڭ باشقا مەدەنىيەتنى تىخىمۇ ئىشكىرلەپ قوللىشمىزنى توسۇش مەقسىتىدە يازغان بولغۇيتى! قايسى بىر ئامىرىكىلىق يەھۇدىي ناسارالار بىزنىڭ بايرىمىمىزنى ئوينايدىكەن ؟ بۇلار ئىسلامنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاۋارە، بىز بۇلارنىڭ بايرىمىنى ئويناپ ئاۋارە.

قولۇڭدىن كەلسە گۈل قىس،بولمىسا غىت قىس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86434
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2012-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 06:11:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈندىداردىكى بىر تونۇشۇم شۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپتىكەن،،ئۇنداق ئەمەس دەپ چۈشەندۈرسەم ،سەن نېمىنى بىلەتتىڭ دەپ تىللاپ كەتتى دېسە،،،،ھېچنىمىنى بىلمەيلا تارقىتىدۇ بەزىلەر

دۇنيادا ھەممە ئازاپقا چىدايمەن،لېكىن ئاتا ئانامنىڭ كۆزىدىن ئاققان بىر تامچە ياشقا ھەرگىز چىدىمايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97508
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-9-2
ئاخىرقى: 2014-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 06:20:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى بايرام دەپ ئويلايمەن. بەزىبىر ئادەملەرنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، نېمىشقا بۇ كىشلەر ئاياللارنىڭ بۇ كۈنى ھەرخىل ياسىنىپ مېھمانخانىلارغا كىرىپ، تانسىخانىلارغا بېرىپ قالايمىقان جايلاردا قالايمىقان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنىلا كۆرىدىغاندۇ، كۈلگۈم كەلدى، بۇلارنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇنداق يەرلەردە بولغىيمىتى يە ؟ بۇنى باشقا بىر نۇقتىدىن چۈشەنسەك بولمامدۇ، مەسىلەن، بۇكۈنى بىز پەرزەنتلەر ئاپىمىز ياكى ئاچا - سىڭىللىرىمىزدىن مۇشۇ بايرامنى باھانە قىلىپ ئەھۋال سوراپ، گۈل ياكى باشقا  كىچىك سوۋغاتلارنى بەرسەك، ئۇلارنىڭ كۆڭلى  خوشال بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئاپىلىرىمىزدىن ئەھۋال سوراپ ھاردۇقىنى چىقىرىپ قويساق بولىدۇ. ئەرلەر ئۆزى ياخشى كۆرۈپ ئالغان ئايالىغا مۇشۇ كۈنى بىرەر نەرسە سوۋغا قىلسا، سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ غىزالىنىپ، مېھمان قىلسا، ئاياللارنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئائىلىسى ئۈچۈن تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ. ئەر كىشى ئىشتىن چۈشكەندە بىر پىيالىنىمۇ ئۇياقتىن بۇياققا ئالمايدۇ، ئايال كىشى ئىشتىن چۈشۈپ تاماق ئېتىدۇ، ئۆي تازىلايدۇ، بالا باقىدۇ، ئەرلەرگە قارىغاندا خېلى كۆپ جاپا چېكىدۇ. 365 كۈننىڭ ھەممىسىنى بايرام دەيمىز، ئەمما بىرسى سىزگە 365كۈن سوۋغا بەرسە، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئالىمەن دەپ پايپىتەك بولسا ، بۇ كىمگە خوشياقىدۇ ؟  بىرەر ئەر كىشىنىڭ، ياكى پەرزەنتلەرنىڭ 365 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ ئاپىسى، ئايالى، ئاچا- سىڭىللىرىغا بايرام قىلىپ بېرەلىشى ناتايىن، بۇ يەردە چوڭ سۆزلىگەن بىلەن ئەمەل قىلماق تەس. ئائىلە دېگەندە ھەرخىل زىدىيەتلەر بولىدۇ، مۇشۇنداق بىر دىنغا چېتىلمايدىغان ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئالغىلى بولىدىغان ئالاھىدە كۈنلەردىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرىدىكى تۈگۈننى يېشىپ خوشال خورام ئۆتسە ياخشى ئەمەسمۇ، نېمىشقا بۇلارنى ئويلايدىغانلار چىقماي نەدىكى پاھىشىخانىلارنىلا ئويلايدىغانلار كۆپتۇ دەيمەن بۇ جاھاندا كۈلگۈمنى كەلتۈرۈپ. يولدىشى ئايالىغا ئۆز رازىلىقى بىلەن سوۋغا ئېلىپ بەرسە نېمە بوپتۇ، بۇنى ئىسراپخورلۇق دېيىشكە بولماس، شۇ پۇلنىمۇ خوتۇنى تەڭ تېپىشىپ بەرگەندىن كېيىن خەجلىسە نېمە بوپتۇ.  365 كۈننىڭ ھەممىسى بايرام بولغاندىنكىن ئۆتكەزسەممۇ ئۆتكۈزمىسەممۇ ئوخشاش دەپ كۈندە بالا بېقىپ، ئۆي ئىشى قىلىپ ئۆتسە بولىدىكەندە ئەمىسە. پىسخىكا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ خىل بايرامنىڭ پايدىسى بار، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئېغىر بېسىمدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن. بايرام كۈنى بىز بالىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئاپامنى چۆرىدەپ ئۇنىڭغا ئالغان سوۋغىلىرىمىزنى بېرىپ، ئۆزىمىز بىر ئۈستەل تاماق تەييارلاپ . ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل بەرگەنتۇق ئۇ شۇنداق خوشال بولۇپ، ھاردۇقى چىقىپلا قالدى، ياشىرىپ قالغاندەك بولۇپ، ئاچىلىرىم بىلەن يىغىلىشىپ مۇڭدىشىپ كېلەي دەپ شۇنداق تىتىك ھالدا چىقىپ كەتتى. ھەممە ئىشنىچۇ ئۇنداق رەزىل ئويلىمايلى ، بولمىسا ئۆزىمىزنى ئاشكارىلاپ قويىمىز، كاللىدا نېمە بولسا ئېغىزدا شۇ دەپتىكەن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۇلتۇز20 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-10 11:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101927
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 07:16:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Shox يوللىغان ۋاقتى  2014-3-8 06:07 PM
ھەممە ئىشنى دىنغا چىتىۋىلىش ھازىرقى ئەڭ چوڭ كەمچىللىك  ...

تۇفى ئاغزىڭغا

ياردەم مەزمۇنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13919
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9658
تۆھپە نۇمۇرى: 442
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-10 10:45:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«سىنىڭچە،مىنىڭچە» دىيىشمەيلى قېرىنداشلار؛  
ئاياللار بايرىمى دۇرۇسمۇ؟

سوئال:

مۇسۇلمانلار ئاياللار بايرىمى (يەنى 8-مارت ئاياللار بايرىمى)، بالىلار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى دېگەندەك بايراملارنىئۆتكۈزسە بولامدۇ؟ مۇسۇلمانلار قانداق بايراملارنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

بۇ سوئالغا تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جاۋاببېرىشكە توغرا كېلىدۇ:

1- مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككىلا بايرىمى بار

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:مەدىنىلىكلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋىدە ئىككى بايرىمى بار ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

«سىلەرنىڭ ئىككى كۈنۈڭلار بار ئىدى. ئۇ ئىككى كۈندە بايرامقىلاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا ئۇ ئىككى كۈندىن ياخشىبولغان روزا ھېيت كۈنىنى ۋە قۇربان ھېيت كۈنىنى بەردى»[①].

بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭيىلدا ئىككى بايرىمى بار: بىرى روزا ھېيت، يەنە بىرى قۇربان ھېيت. ئۇ ئىككىبايرامدىن باشقا بايراملار يەھۇدىيلارنىڭ ياكى خرىستىئانلارنىڭ ۋە ياكى باشقاكاپىرلارنىڭ بايراملىرى بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۇ بايراملارنى تەبرىكلەش،تەبرىكەيدىغانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قېتىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى كاپىرلارنىڭدىنى مۇراسىم ۋە بايراملىرىنى  تەبرىكلەش، ئۇلارنىڭ دىنى شۇئارلىرىنى ياقتۇرغانلىق،ئۇلارنى بۇ ئىشلىرىدا قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى توغرادەپ قارىغانلىق، نەتىجىدە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«إِن تَكْفُرُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنكُمْ وَلَا يَرْضَى لِعِبَادِهِ الْكُفْرَ وَإِن تَشْكُرُوا يَرْضَهُ لَكُمْ وَلَا تَزِرُوَازِرَةٌ وِزْرَأُخْرَى ثُمَّإِلَى رَبِّكُم مَّرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُون َإِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ»

«ئەگەر كاپىربولساڭلار، بىلىپ قويۇڭلاركى: ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارغا موھتاج ئەمەستۇر.ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولۇشىغا رازى بولمايدۇ. ئەگەر شۈكۈر قىلساڭلار، ئاللاھسىلەردىن رازى بولىدۇ. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاخىرىدا ھەممىڭلاررەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن ئۇ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ.شۈبھىسىزكى، ئۇ دىلىڭلاردىكىنى بىلگۈچىدۇر»- زۇمەر 39/7.

2- باشقا بايرام قىلىش ئىسلامنىڭ تاماملىنىپبولغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىك بولىدۇ

ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«الْيَوْم َأَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُم ْنِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِيناً»

«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنىپۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقاتاللىدىم»- مائىدە 5/3.

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بولغان ئىسلام قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇپ بولۇشى بىلەن تاماملىنىپ بولغان. بۇنىڭ مەنىسى، ئىسلام دىنى ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام شەرتلىرى، ئەخلاق پىرىنسىپلىرى، ئىبادەت قائىدىلىرى ۋە مۇئامىلەئەھكاملىرى… قاتارلىق پۈتكۈل تەلىماتلىرىدا مۇكەممەلدۇر، تولۇقتۇر. يەنى باشقا بىردىننىڭ بىرەر پائالىيىتىگە ياكى باشقا بىر دىننىڭ دىندارىنىڭ بىر ئادىتىگەئېھتىياجى يوقتۇر. مۇسۇلمان تۇرۇپ ئۆز دىنى بولغان ئىسلامدا ئاساسى يوق دىنى ئىشلارنى ياكى غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قۇبۇل قىلغۇچى ئىسلام دىنىنىڭ تاماملىنىپبولغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرمىگەنبولىدۇ.

3- باشقا بايرام قىلىش ئىسلامدىن باشقا بىردىن ئىزدىگەنلىك بولىدۇ

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَمَن يَبْتَغِ غَيْرَ الإِسْلاَمِ دِيناً فَلَن يُقْبَلَمِنْهُ وَهُوَ فِي الآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ»

«كىمكى ئىسلامدىن باشقا بىر دىن ئىزدەيدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئۇ دىن ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇقوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ»- ئالئىمران 3/85.

غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمىمۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش، ئىختىيارىي ھالدا ئۇلارنىڭبايرام مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە ئۇلارنىڭ خوشاللىقىغاخۇشال بولۇش ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ياقتۇرغانلىق، شۇنداقلا ئىسلامدىن باشقا بىر دىنئىزدىگەنلىك بولىدۇ.

4- باشقا بايرام قىلىش غەيرىي مۇسۇلمانلارغائوخشىۋالغانلىق بولىدۇ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام مۇنداق دېگەن:

«كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە(مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[②].

غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئوخشىۋېلىش ئۇلارنىڭ سىمۋولىھېسابلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتا بولىدۇ. مەسىلەن: ئىككى ھېيتتىن باشقابايراملارنى ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، بۈشۈك توي ئۆتۈزۈش، خرىستىئانلارنىڭراھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ مەخسۇس راھىبلىق كىيىملىرىنى كىيىش، بۇددىستلەرنىڭ دىنىكىيىملىرىنى كىيىش… قاتارلىقلار ئۇلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولۇپ دىنىمىز بۇنىڭدىنمەنئى قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش:

ئەگەر ئىشچى-خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى ۋەئىدارە-جەمئىيەتتە كادىرلىق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۇنداق بايراملارغا قېتىلمىسائىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش، خىزمەتتىن ھەيدىلىش، مەكتەپتىن قوغلىنىش خەۋپى بولسا،بۇنداق قېرىنداشلىرىمىز كۆڭلىدە نارازى بولۇش شەرتى بىلەن ئۇ بايراملارغا قېتىلسابولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«مَن كَفَرَ بِاللّهِ مِن بَعْدِ إيمَانِهِإِ لاَّ مَنْأُكْرِهَوَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالإِيمَانِ وَلَـكِن مَّن شَرَح َبِالْكُفْرِصَدْراً فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِّنَ اللّهِ وَلَهُمْ عَذَاب ٌعَظِيمٌ»

«ئىمان ئېيتقاندىن كېيىنئاللاھقا كاپىر بولۇپ،(قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇپ مەجبۇرلانغانلارمۇستەسنا) كۆڭلىنى كاپىرلىققا ئاچقانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپ ياغىدۇھەمدە ئۇلار چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ» ـ نەھل 16/106.

بۇ ئايەتتە قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرغان لېكىنمەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرنىڭ مۇرتەد بولۇپكەتمەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئۇنداق بايراملارغا قېتىلىش،كۇفۇر سۆزلەرنى قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇش شەرتى بىلەن مەجبۇرلىنىشئاستىدا ئاغزىنىڭ ئۇچىدا قىلىش بىلەن ئوخشاشتۇر.

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

[①]- بۇ ھەدىس سۈنەنۇننەسەئى، كىتابۇسالاتىل ئىيدەين، بەيھەقى، ئەسسۈنەنۇلكۇبرا كىتابۇ سالاتىل ئىيدەين دە ئۆتىدۇ.

[②]- بۇھەدىس سۈنەنى ئەبۇداۋۇد ۋە مۇسنەدى ئەھمەددە ئۆتىدۇ.

مەنبە:مۇسۇلمانلارتورى




  ئەسكەرتىش:  بۇ پەتىۋا پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا بېرىلگەن بولۇپ قورئان ۋە ھەدىستىن كۈچلۈك دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن، ئەمەل قىلىش ۋە قىلماسلىق شۇ كىشىنىڭ قۇرئان ۋە سۈنئەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا باغلىق.
بۇ پەتىۋانىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق!!!!



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش