yagaqqi يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 01:37 PM
مۇنبەردىكى مۇشۇنداق غاجاقچىلارنىڭ دەستىدىن تىما يو ...
سىز باش سۈرەتتىكى ئوماقنىڭ دادىسى بولسىڭىزمۇ بەرىبىر ماڭا ئۇكا دىمەت بولىسىز.....
دىمەكچى بولغىنىم ئۇكا- مۇنبەر تۇل خوتۇننىڭ پايتىمىسى ئەمەس،‹‹ھەم ئۇزۇن ھەم سېسىق›› دىگەندەكچۇ؟!
شۇڭا تىما يوللىغاندا رىئاللىقنى كۈزىتىش، تارىخنى قېزىش مەسئۇللىقىدا يوللىنىشى كېرەك. بۇ يەردە بىر قىسىملىرىمىز ھىس قىلالمىغان ئەمما قايتۇرۇپ كېلىشكە مۇمكىن بولمايدىغان ‹‹ۋاقىت›› ئىسىملىك تىنىم تاپماس بۇرادەر بار، ئۇنى ئويلاشمىساقمۇ بولمايدۇ، ئۇندىن باشقا ھازىرىمىزدا ئەل ئۈچۈن ئوتتەك يېنىپ چۇچۇلىدەك توپىغا مېلىنىش ھالىتىدىكى مەشھۇرلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس، تىلغا ئالالىساق شۇلارنى قېزىشقا كۈچىسەك ئىمكانىمىز بولمىسا مۇنبەردە تىما قەھەتچىلىكى كۆرۈلمىدى(بولۇپمۇ مىسرانىمدا)
مۇنبەرنى ئۆزىنىڭ مەشىق دەپتىرى بىلىۋالغان ياكى قىلىۋالىدىغانلار دىققەت قىلىشى كېرەك)مەن مىسرانىم مۇنبىرىنى ، ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى قاتارىدا بەك نەزەرگە ئېلىۋالغان بولسام بۇ باشقا گەپ.
قوسۇغىڭىزنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇش يىيىشتىن قورۇقماڭ، يازغىنىڭىز ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدىكەن قورقۇپ نىمە قىلىسىز؟ بولمىسا يوللىغاننى كۆرۈپ دىتىڭىزنى ماڭا ئوخشاش ئاشۇرۇش خىيالىڭىدا بولسىڭىزمۇ بىر قىسىم ئورۇنسىز مەشھۇرلارنى خەلقلەشتۈرۈپ ، رىئاللىقىمىزدىكى ئىگىسىز قېلىۋاتقان ئىزدىنىش ئەھلىگە ئۇۋال قىلمىسىڭىز بولارمىكى دىگەن ئۈمۈتتىمەن.