مىسرانىم مەن كەلدىم
مىسرانىم مەن كەلدىم،
كۈتىۋال مېنى
كەسكىن رەت قىلىشلىرىڭ بىلەن،
كەسكىن تەنبىھلىرىڭ بىلەن،
سۆيۈملۈك قۇچاقلاشلىرىڭ بىلەن.
مىسرانىم مەن كەلدىم،
توسىۋال مېنى
كۈچلۈك ئالقانلىرىڭ بىلەن،
مۇستەھكەم قالقانلىرىڭ بىلەن.
كۇكۇم-تالقان قىلىۋەت،
شۇ زامات مېنى،
تاغدەك بازغانلىرىڭ بىلەن.
مەن كەلدىم،
قارشى ئال مېنى
قاتتىق غەزىپىڭ بىلەن،
قەھرىڭ بىلەن،
پارە-پارە قىلىۋەت پۈتۈن جىسمىمنى
ئۆتكۈر قىلىچىڭ بىلەن.
مىسرانىم مەن كەلدىم
ئەسەبىيلەرچە،
مەجنۇنلارچە،
تەلۋىلەرچە.
قوي قوزىسىغا ئېتىلغاندەك،
چاڭقىغان دېۋانە سۇغا ئېتىلغاندەك.
چەۋەنداز رەقىبىگە ئىتىلغاندەك،
مۇساپىر قىرىندىشىغا ئىتىلغاندەك.
رۇخسەت قىل مېنى،
سېنى قۇچاقلاشقا،
ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ قاتتىق توۋلاشقا:
«مىسرانىم مەن كەلدىم!!!»
مىسرانىم مەن كەلدىم
بەرگىن ماڭا مىسران قىلىچنى،
بەرگىن ماڭا كۆك تۇلپارنى.
ئاندىن
قويۇۋەت مېنى بەيگىگە،
قويۇۋەت مېنى ئەركىگە،
قويۇۋەت ھەممىنى ئۆزۈمگە.
چىنىقىمەن خىرىس ئىچىدە،
چاپىمەن بەيگە سىپىدە.
يىقىلسام يۆلىمە ئۆزۈم تۇرىمەن
ئوغۇل بالا ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگىدە.
مېنى تىخى خامكەنسەن دېمە،
يېتىلمىگەن بالىسەن دېمە.
بۇ يەردە كۆپ تەنقىد پەشۋالار،
تىز كەينىڭگە يانغىن دېمە.
ياق،
«بالا»بولسام چوڭ بولىمەن
خام بولسام كۈرەشتە تاۋلىنىمەن.
ئۇنىڭ كۈچلۈك يالقۇنلىرىدا
ھامىنى پولاتقا ئايلىنىمەن.
شۇڭا ،
قويۇۋەت مېنى ئەركىگە،
قويۇۋەت مېنى بەيگىگە،
قويۇۋەت ھەممنى ئۆزۈمگە.
ئەنسىرمە دۇئېلدا يىڭىلارمۇ دەپ،
ئەنسىرمە بەيگىدە يىقىلارمۇ دەپ،
ئاشالماي ئىگىز-پەس داۋانلاردىن،
ئەنسىرمە باشلىرى پىرقىرارمۇ دەپ.
ياق!
كەلسۇن قىنى ئاشۇ سىناقلار،
كەلسۇن قىنى بوران-چاپقۇنلار،
ئۆز يولۇمدىن ياندۇرۇشقا،
كەلسۇن قىنى جىمى شەيتانلار.
ياق!
ھىچ قايسىدىن قورۇقمايمەن،
نەيرەڭلەردىن ھودۇقمايمەن.
دوسلارنىڭ قوللىشى مەدەت ماڭا،
ئارقامغا قىلچىلىك داجىمايمەن.
شۇڭا
كۈتىۋال مېنى،
كەسكىن رەت قىلىشلىرىڭ بىلەن،
كەسكىن تەنقىدلىرىڭ بىلەن،
سۆيۈملۈك قۇچاقلاشلىرىڭ بىلەن.
مەنبە: ئۆزۈم
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-9 02:03 PM