شائىرمەن
(ساتىرا)
نۇردىن تىلۋالدى دىلكەش
شۆھرەت ئۈچۈن غۇرۇرنى ئەرزان ساتقان شائىرمەن ،
ئادالەتكە كۆز يۇمۇپ،پەشۋا ئاتقان شائىرمەن ،
ئىبلىسلارغا خۇش كۈلۈپ ،قۇچاق ئاچقان شائىرمەن،
دېڭىزىدا زۇلمەتنىڭ سەل بوپ ئاققان شائىرمەن ،
قوزغۇنلارغا قول بېرىپ ،يولدىن ئازغان شائىرمەن.
<<شەھەر>>ئېلىپ ئېغىزدا،باغ ياسايمەن بىنەمگە ،
كۆڭۈل ئۆيۈم كەڭ،ئۇچۇق،ساددا گۈزەل،سەنەمگە ،
قويار شاللاق مىجەزىم ،گاھى داغدا ئەلەمگە ،
قالدى ئىسمىم ئۆزگىرىپ <<بۇزۇق>>دىگەن لەقەمگە ،
كوچىسدا ئىشرەتنىڭ ۋىسال تاپقان شائىرمەن .
ۋەتىنىمگە قان بەرگەچ،شېئىر يازسام تالاي رەت ،
روھسىز ،نىمجان ،<بىمار>مەن ،ۋۇجۇدۇمدا كەم قۇۋۋەت،
ئاھ ،شۇندىمۇ ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆتكۈم بار ئەبەت ،
زورغا ماختاپ جان بېقىش ،مىزانىمدۇر ئاھ پەقەت ،
نەپسى ئۈچۈن قاۋاندەك ئىشىك قاققان شائىرمەن .
ياشاش ئۈچۈن كىملەرگە تەزىم قىلىپ ئۆتىمەن ،
پايخان قىلىپ غۇرۇرنى ،شەرىتىگە كۆنىمەن ،
پارازىتتەك يۇشۇرۇن نەپ بار يەرگە ئۈنىمەن ،
شۇنداق ياشاش ئادىتىم،چىن ياشىسام ئۆلىمەن،
پەزىلەتنىڭ يولىغا لەھەت قازغان شائىرمەن.
2014-يىلى 22-يانىۋار ،ئۇچتۇرپان.