سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا
نۇردىن تىلۋالدى دىلكەش
مۇھەببەتتىن كۆكلەيدۇ كۆڭۈل ،
مېھىر بېرىڭ ھەر بىر گىياھقا.
ئېچىلدۇرۇپ قەدەملەردىن گۈل،
سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا .
گۈللەر تېرىپ تاشقا ۋاپادىن،
چىمەن ياساڭ ھەر بىر يۈرەككە.
دەرياسىدا ئېقىپ پەزىلەت...
<<چىن>>ئادەم بوپ ياشاڭ ئەبەتكە.
دىيانەتنى تۇتۇپ ھەمراھ ، يار ،
ساداقەتتىن ئېسىپ تىلتۇمار ،
باشلاپ كۆڭۈل بېغىغا باھار ،
سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا .
مۇھەببەتسىز كۈلگەن قاي يۈرەك؟
مۇھەببەتسىز نە بولسۇن تىلەك؟
ئېچىپ كۆڭۈل شېخىدا چېچەك،
سۆيگۈ بېرىپ ياشاڭ دۇنياغا.
ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي
ھاياتىمدىن چەش،خامان يىغسسام،
چىن مېھرىمدىن گۈلزار ياسىسام ،
ئولتۇرغۇزۇپ <<ھۆرمەت>>تەختىدە
ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي .
گەر ئاسماندىن قۇت،بەخىت ياغسا،
كۆڭۈل بېغىم گۈللەرگە تولسا ،
<<شاھى >>بىلىپ سېنى قەلبىمنىڭ
ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي .
بولمىساممۇ زەردار ،كاتتا باي،
سۆيگۈم بىلەن دەملەپ ئىسسىق چاي،
تەييار قىلىپ يۈرىكىمدە <<جاي>>،
ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي .
سەن مېھىردىن پۈتكەن بىر دەريا،
سەن قەلبىمنى يۇرۇتقان زىيا ،
ئەجرىڭ ئۈچۈن ياساپ بىر دۇنيا،
ئانىجانىم بىر ساڭا تۇتاي.
ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن
بارىنى ئايانماي بالام دەپ بەرگەن،
دۇنياغا مېھىردىن گۈللەرنى تەرگەن،
ھەر دىلدا سۆيۈلگەن،سۆيگۈ بوپ ئۈنگەن،
ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن.
ھەر سۆزى بىر ھىكمەت،تىلەكلىرى قۇت،
قىسمەتكە بوي بەرمەس<<تاغ>>گويا مەزمۇت،
سۆيگۈدىن سىن ئالغان شۇ ئىللىق ۋۇجۇد ،
ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن.
ئانىسىز كۈنلىرىڭ گويا قىيامەت،
كۈتىدۇ ھەر يولدا سېنى رىيازەت،
ئالەمگە ئەجرىدىن سۇنغان مۇھەببەت،
ئاناڭنى ئەزىزلە،ئاناڭدۇر ۋەتەن.
ئاناڭ يوق،ياشنىماس ،ھايات باھارىڭ،
ئاناڭ يوق،سەن مەجروھ،يوقتۇر مادارىڭ،
ئاناڭ يوق،خارۇ-زار،ئاھ سېنىڭ ھالىڭ،
ئاناڭنى ئەزىزلە، ئاناڭدۇر ۋەتەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:سەمىمىي ،ئاقكۆڭۈل ناخشىچى ،مۇزىكانىت بولسا ھەمكارلىشىمەن.
تېلفۇن :15352579953
2013-يىلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-10 03:10 PM