باي ناھىيەسىدىكى قىرغىزلار نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى مۇخبىرلىرى
قەھرىمان روزى، ئەكبەرجان ئەمەت خەۋەر قىلىدۇ:
9-مارت كۈنى باي ناھىيە قاراباغ يېزىسىدا بۇ يېزىنىڭ توپىلىق كەنتىدىكى قىرغىزلار نورۇز كېلىشتىن بۇرۇنلا بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. قاراباغ يېزا ۋە ناھىيەلىك نەسىللىك قوي فېرمىسىدىكى بىر قىسىم قىرغىز ئامما بۇ نورۇزغا ئىشتىراك قىلىش بىلەن بىللە، ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار، قوشنا بولغان ئونسۇ ناھىيەسى، ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، شۇنداقلا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن بىر قىسىم قىرغىز ئامما، ۋە سەنئەتكارلارمۇ بۇ قېتىمقى نورۇزغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسى ساغلام، مەزمۇنى مول، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنى قىزغىن قۇتلۇقلىدى، كەنتنىڭ ھەممە يېرى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولدى.
بۇ قېتىمقى نورۇزنى باي ناھىيە قاراباغ يېزا توپىلىق كەنتىدىكى مەدەنىيەت چىنالى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۆتكۈزگەن.
پائالىيەتتە، باي ئونسۇ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرى، ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن قىرغىز ئامما، ۋە سەنئەتكارلار ئۆزلىرى تەييارلىغان پارتىيىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، ئومۇمىيۈزلۈك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە قولغا كەلگەن غايەت زور نەتىجىلەر ۋە بۈگۈنكى بەختىيار ھاياتنى مەدھىيىلەش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان مەزمۇنى ساغلام، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ناخشا، ئۇسسۇل، ماناس ئېيتىش، كۈلدۈرگە، قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، بايرام كەيپىياتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.
سۈرەتتە، پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر: