elimuhammad يوللىغان ۋاقتى 2014-3-11 03:40 PM
بەلكىم دىگىنىڭىز توغرىدۇ ئەمما پارىسلارنىڭ جەڭنامە د ...
دوست،قەشقەرنىڭ تارىخي بىلەن ئوغۇزنىڭ تارىخى سىلىشتۇرۇپ بۇ يەكۈننى چىقىرىشنىڭ ئىنتايىن ئەخمىقانە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ ؟ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغ رايونىغا كىلىشتىن بۇرۇنلا بۇخارا ،كاۋكاز رايونىدا قەشقەردىنمۇ مەدىنىيەتلىك مەدىنىيەت ياراتقان يەنە بىر گەپ ئوغۇزلار بىلەن مۇسا ئەلەيسىلامنىڭ زامانداش ئوغۇزلار ئانا ئوغۇزمۇ ياكى نەۋرە ئوغۇزمۇ ؟بىزنىڭ كاۋكاز رايونىدا تىپىلغان ئورا،مەدىنىيەت بۇيۇملىرىدىن بىلىشكە بولىدۇ بىز ئىزچىل مەدىنىيەت قوبۇل قىلىپ كەلگەن .ساقلاپ كەلگەن مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكىمىز ئىنتايىن ئاز روسىيە قارا قالپاق ،قازان رايونلىرىدا ئۇيغۇر-ئۆزبىكلەرنى ئوغۇز دەپ ئاتاش ئادەتلىرى ساقلىنىپ قالغان ئىكەن .بۇلغارلار بىلەن چىچىنلارئۇيغۇرلارنى ئىزچىل تۈركلەر بىلەن قىرىنداش ئوغۇز دەپ قارىغان .شۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇ .قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر مەدىنىيەت بۆشىكى ئەمەس ھەم مەدىنىيەتنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ .چىڭگىزخان تەركىزىسىدە تاتاتۇڭا چىڭگىزخانغا نەسىھەت قىلىپ بۇخارانى تىنىچ يول بىلەن ئىلىشنى ئۇلارنىڭ غەربىي يۇرت ئۇيغۇر ئاق سۆڭەكلىرى بىلەن قىرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئەسكەرتىپ ،ئۇيغۇر ئەلچىلەرنى تەسلىمگە دەۋەتكە ئىۋەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان .شۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇ بۇخارا ھەرگىزمۇ ئۆزبىك مەدىنىيىتىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس (گەرچە ئۆزبىكلەر قەتئىي ئىنكار قىلسىمۇ)شۇڭا ...ئۆزىمىزنىڭ تارىخنى توغرا ھەم ئادىل بىلىشىمىز كىرەك .تارىخنى بىرەردىن بىلەن باغلاپ يەكۈن چىقارساق قايىل كۈچى ئىلىمىي بولماي قالىدۇ .تارىخى بىلىم زىل بىلىم .خاتالاشماسلىقىمىز ئۈچۈن كۆپرەك بىلىۋىلىشىمىز كىرەك دەپ قارىدىم .خاتالىق بولسا ئەسكەرتىپ تۇراسىز .