باغداش تورىدا نورۇز توغۇرلۇق تىما قىزىپ كىتىپتۇ
باغداشتىكى بۇ ئىنكاسنى كۇرۇپ بېقىڭلا
يىنە مۇشۇ تالاش تارتىشلار ئىكەنغۇ ... نورۇزنى قايسى بىر يىلى ئەرەپ پەتىۋاچىلار نورۇز ئوتكۇزۇش ھارام دەپ پەتىۋا چىقاردى بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ پەتىۋانىڭ ئارقىدىكى مۇددانى كۇزۇتۇپ باخماي تۇرۇپلام ئاشۇ ئەرەپلەرنىڭ پەتىۋاسىنى ئىلاھى قانۇن ئورنىدا كۇرۇپ ئۆز ئاتا بوۋىلىرى تارىىختىن بۇيان ئسىلامغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئوتكۇزۇپ كىلىۋاتقان بۇ نورۇزنى دەرھال تەرىك ئەتتى ۋە باشقىلارنىڭمۇ بايرام ئوتكۇزىشىنى تۇسۇپ ئەرەپلەرگە بۇلۇشۇپ تەشۋىق قىلىشىپ يۇردى ...
ئۇزىنى قالتىس مۇسۇلمان دەپ ئاتىۋالغان بۇ كىشىلەرگە سىر بولمىسا كىرەك .. ئىسلام دىنىدا مىللى ئورپە ئادەتكە ھورمەت قىلىنىدۇ .. ھەرخىل مىللى پائالىيەتلەر پەقەت ئاللاھ غا شىرىك كەلتۇرمىگەن بولسىلام ئۇنىڭغا چەكلىمىلەر يوق ... دىمەك بىزنىڭ كىشىلەر بۇنى بىلىدۇ .. لىكىن بۇلار بىلىپ تۇرۇپ يىنە نىمىشقا باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدۇ ...
ھەممەيلەن بىلىمىز نورۇزنى بىزلام ئەمەس يىنە پارىسلىقلارمۇ مىللى بايرام سۇپىتىدە تەبىرىكلەپ ئوتكۇزىدۇ .. پارىسلار بىلەن ئەرەپلەر بىر بىرىگە ئۇزۇن يىللىىق دۇشمەن .. ئەرەپلەرنىڭ بىر قىسىم زىمىنىدا يىنە زور تۇركۇمدىكى شىئە مۇسۇلمانلىرىمۇ ياشايدۇ ... ئەرەپلەر پارسىلىقلارنىڭ تەسىرىنى تۇسۇش ئۇچۇن قىلمىغان ھەرتۇرلۇك چارە ئاماللىرى قالمىدى پارىسلىقلارمۇ سادام ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى ئەرەپلەرگە تەسىر كۆرسۇتۇش ئۇچۇن قىلمىغىنى قالمىدى .. مۇشۇنداق شارائىتتا ئەرەپلەرنىڭ پارىسلىقلارنىڭ مىللى بايرىمى بولغان نورۇزنى ھارام دىگەن قالپاق كىيدۇرۇپ پارىسلىقلارنىڭ تەسىرىنى توسماقچى بۇلۇشلىرى بىز ئۇچۇن ھەيران قالىدىغانمۇ ئىش ئەمەس ...
ئەمدى بىز نىمىگە بۇ بايرامنى تەرىك ئىتىمىز .. بۇنى پارىسلىقلارنىڭ يەنى شىئەلەرنىڭ بايرىمىكەن بىزنىڭ ئەرەپ سۇنئى مۇسۇلمانلىرى ئۇلارغا قارشىلىق بىلدۇرۇپ تەرەك ئەتكەن ئىكەن بىزمۇ بۇ بايرامدىن ۋاز كىچىپ ئاشۇ ئەرەپلەر بىلەن بىردەكلىكنى ساخلاپ تۇرىشىمىز كىرەك دىمەكچىمۇ ... ئەجىبا بۇ بايرام بىزنىڭ بايرام ئەمەسما .. تارخىتىن بېرى نۇرغۇن مىللى بايراملىرىمىز ئاشۇنداق پەتىۋالار سەۋە بىىن قىرقىلىپ يوق قىلىندى ... بىزگە يىتىپ كەلگىنى مۇشۇ نۆرۇزلام قاپتۇ ھازىر .. بىز بۇ بايرامنى قوغداپ ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئەرەپلەر بىلەن پارىسلىقلارنىڭ جىدىلىگە دوس تارتىشىپ ئۇلارنىڭ جىدىلىنى ئۇيغۇر دىيارىغا سۆرەپ ئەكىلىشىمىزنىڭ نىمە زۇرۇرۇيىتى ... بىز ئاۋال ئۇزىمىز بىلەن بۇلايلى ئۇزىمىزنىڭ دەردىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ بىزگە .. بىزئەرەپلەرگە بۇلۇشۇپ ئۇزىمىزنىڭ بايرىمىنى بايقۇت قىلغان بىلەن ئەرەپلەر ھېچقاچان بىزگە بۇلۇشۇپ دۇشمىنىمىزنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلغىنى يوق ... ئەكسىچە ئۇلار دۇشمىنىمىز بىلەن قۇييۇق ھەمكارلىق ئورنىتىغلىق ... نورۇز ئەرەپلەرنىڭ بايرىمى ئەمەس ئۇلارغا ھارام بولسا بۇلىۋەرسۇن .. لىكىن بۇ بايرام ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ھالال ..
مەنبە :
http://bbs.bagdax.cn/thread-23574-1-1.html