چەتئەل تاراتقۇلىرى: مالايسىيا ئەمەلدارلىرى ئايرۇپىلاننىڭ بۇلانغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
مالايسىيا ئەمەلدارلىرى ئايرۇپىلاننىڭ بۇلانغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
خەلق تورى 15 – مارت خەۋىرى: ئەنگىلىيە ھاۋا رايى ئاخباراتىدا مۇنداق خەۋەر بېرىلدى، مالايسىيادىكى بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، تەكشۈرۈش خادىملىرى ئالاقىسى ئۈزۈلۈش سەۋەبلىك غايىب بولغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ بۇلانغانلىقى ھەمدە قەستەن يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېگەن، ئايرۇپىلان بۇلاش دېگەن بۇ سۆز نەزەرىيە ئەمەس بەلكى چوقۇم شۇنداق بولغان ئىش.
بۇندىن باشقا، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە مۇنداق خەۋەر بەرگەن، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۈگۈن مۇنداق دېدى، تەكشۈرۈش خادىملىرى بىر ياكى بىر قانچە نەپەر مول ئۇچۇش تەجرىبىسىگە ئىگە كىشىلەر ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ ئايرۇپىلاننى بۇلاپ، ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسىنى تاقىۋەتكەن، ھەمدە ئۇچۇش يولىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. بۇ بۇلاڭچىلار ئايرۇپىلان بۇلاشتىكى مەقسىتىنى دېمىگەن، ھەمدە ھېچقانداق تەلەپنىمۇ ئوتتۇرىغا قويمىغان، ئايرۇپىلاننىڭ زادى قەيەرگە كەتكەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
http://www.nur.cn/news/2014/03/160085.shtml