Nimjan يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 12:44 AM
«تۆۋەن» دېمەي «كەنت» دېسەكلا بولمىدىمۇ؟
بۇ تېما ئاممى ...
قارىسام سىز شىمالدىكى مەلۇم كەنتكە چۈشۈپسىز . تۆۋەنگە چۈشكەنىكەن بىكار كۈن ئۆتكۈزمەي ، سىزدەك قولىدىن كېلىشچە ئۆز مەسئۇليتىنى ئاشۇرۇپ ئادا قىلىدىغان پاك ،مەسئۇليەتچان كادرلار شىمالدىمۇ ،بىزنىڭ جەنۇپتىمۇ نۇرغۇن ،شۇنداق كىشىلەرگە ئەل دۇئا قىلىدۇ ،ياراتقۇچىمىز ئەجرىنى بېرىدۇ.
لېكىن سىزگە دىسەم ئادەم بىلەن ئادەم شارائىتقا قاراپ ئوخشىمىغاندەك ،تەشكىل -باشلىقلارمۇ ئوخشىمايدىكەن .بىزنىڭ بۇيەردىكى بەزى ئورۇنلار تۆۋەنگە چۈشكەنلەرگە ئېنىقلا قىلىپ ئەڭ مۇھىم ۋە بىردىنبىر ۋەزىپە مۇقىملىقىنى ساقلاش دەپ ئورۇنلاشتۇردى . دىھقاننىڭ ئەمەلىىي قىيىچىلىقىنى ھەل قىلشقا ئەلۋەتتە ئىقتىساد كېتىدۇ ،بىراق سىزنىڭ ئىدارىڭىزدەك ئىقتىساد ھەل قىلىپ ،دېھقانلاغا ھەققي نەپ يەتكۈزىدىغان ئورۇنلار ئانچە كۆپ ئەمەس چېغى بار ...
بەزى باشلىقلارنىڭ كاللىسىدا تۆۋەنگە چۈشكەنلەر كۈندە كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقانلارغا چوماق كۆتۈرتۈپ چارلاش ،دىھقانلارنى كەنت قۇرۇسىغا يىغۋېلىپ يىغىن ئېچىپ تەلىم -تەربىيە ئىشلەشنىڭ ئۆزىلا بۇقېتىمقى تۆۋەنگە چۈشۈشنىڭ مەقسىتى دەپ بىلىدىغان ئوخشايدۇ ،مۇقىملىقنى مۇشۇ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك ..
ئشقىلىپ سۆزلىسەك گەپ جىق ، شىمال -جەنۇپنىڭ پەرقى بەلكىم شۇدۇر. كەڭ دىھقانلار ۋە تۆۋەنگە چۈشكەن كۆپ قىسم كادىرلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياستىنىڭ ھەققي مەزمۇننى توغرا چۈشنىپ ،تۆۋەندىكى مەسلىلەرنىڭ ھەل قىلنىشنى ،مۇقىمسزلىققا سەۋەپ بولغان ئامىللارنىڭ تۈگىتىلىشنى ئۈمىد قىلشىدۇ.