mercury يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 02:24 PM
ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىنى ئۆزىڭىز قايتا ئوقۇپ بىقىڭ .
سىز ...
مەن بۇ تېمىغا ئىنكاس يازغان ئىكەنمەن، ئاخىرىنى تولۇقلاپ يېزىپ قوياي. مەن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، نىكاھ قانۇنى،...شۇنداقلا باشقا بارلىق قانۇنلارنى كۈندە دېگۈدەك كۈرۈپ تۇرىمەن. مەن بۇ بىر ماددىنى مۇنداقلا ماتېرىيال كۆرۈپ چىقىرىپ قويغىنىم ئەمەس. سىزنىڭ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىش ھەقىقەتەن جەمىيەتتە مەۋجۈت بولىۋاتقان ئىجتىمايى ھادېسە خاراكتېردىكى ئەخلاققىمۇ قانۇنغىمۇ زىد بولغان ئىش.
مەن 1-ئىنكاسىمدا سىزگە دېگەندەك: 1-ۋەقەدىكى مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل بولسۇن، جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلمايدۇ. بىراق، 2-ئىشتا سىز، قىزنىڭ يېشىنى ئېنىق بىر سان بىلەن ئىپادە قىلماپسىز، يەنە بىر تەرەپتىن، ساقچىخانا بۇ ئشىقا ئارىلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، يەنە بىر مەسىلە قىزنىڭ كىملىك بار يوقلىغى ئېنىق ئەمەس. پەقەت يىگىتنىڭ كىملىكى بىلەن تاپقانلىقىنى يېزىىپسىز. دېمەك بۇ يەردە مەن ياكى ئاز ساندىكى كىشىلەر قىزنى تېخى 14 ياشقا توشمىغان دېگەن قاراشقا كېلىدۇ.
ئىنكاسىمنى نەقىل ئېلىپ جاۋاپ قايتۇرغاندا «بۇ خىلدىكى ئىشنى ئەرز قىلمىسا سورىمايدۇ» دەپ سەل يۈزەكى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ئۇنداقتا ساقچىخانا ساقچىلىرى نىمىگە چىقتى؟! ئىزلەپ تېپىپ بىرىپلا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، ئازراق تەربىيە بەرگەنلىكىنى، يېزىپسىز. بۇ يەردە قىز تەرەپ ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغانلىقى مەۋجۈت. مۇشۇنداق، زىل تەرەپنى ئېنىق قىلىپ ئىزاھلىمىسىڭىز بىر قىسىم قانۇندىن خەۋىرى ئانچە مۇكەممەل بولمىغان ياش ئۆشمۈرلەر، ئىدىيىسىدە قانۇن سورىمايدىكەنغۇ دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولماسمۇ؟
سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىڭ كىيىنكى قىسمىدا يازغان كۆز قارىشىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق، ھەم تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىدىم. تېمىڭىزدىكى يوقارقىدەك قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەرەپلەرنى تولۇقلىدىم خالاس، شۇنداقلا كېىنكى كېتىمقى ئەسىرىڭىزنىڭ تەپسىلى، كۆپ تەرەپلىك تەربىيىۋى قىممىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىشڭىزگە ياردىمى بولىدۇ دەپ قارىدىم.
خوش مەن سىزنىڭ تەلىۋىڭىز بويىچە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 236-ماددىسىنىڭ ئىزاھاتىنى قوشۇپ قوياي:
نارسىدە قىزلار دېگەنلىك يېشى 14 ياشقا توشمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا 14 ياشقا توشمىغان نارسىدە قىزلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا ئەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى تەگسىلا، نارسىدە قىزلارنڭ ئىپپەت نومىسىغا تېگىش جىنايىتى شەكىللەنگەن بولىدۇ. (بۈگۈن 13 يېشىنىڭ ئاخىرىقى كۈن بولۇپ، مۇشۇ كۈن سائەت 0 دىن بۇرۇن يۇقارقىدەك قىلمىش ادىر بولسىمۇ نارسىدە قىز دەپ قارىلىدۇ) 14 ياش نارسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت نومىسىغا تېگىش بىلەن باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى پەرقلەندۈرۈپ قانۇنغا تەدبىقلاشنىڭ ياش چېگرىسى. لېكىن تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا نارسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت نومىسغا تېگىش جىنايىتىنى بېكىتىشتە دىققەت قىلىش زۆرۈر.
بويى ئېگىز، بالدۇر پىشىپ يېتىلگەن، شۇنداقلا قىز ئۆزىنىڭ يېشىنى يۇشۇرۇپ يالغان مەلۇم قىلىشى بىلەن ھەم ئەر قىزنىڭ يېشىنى بىلىش مۇمكىنلىگى بولماي، قىزنىڭ قوشۇلىشى بىلەن جىنىسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، نارسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت نومىسىغا تېگىش جىنايىتى قىلىپ بېكىتىشكە بولمايدۇ،
كۆپ ئوغۇللار بىلەن خالىغانچە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان ناچار ئادەتكە ئادەتلەنگەن ئايرىم قىزلار ئۆزلىرىنىڭ تەشەبۇسكارلىقى بىلەن جىنىسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا،نارسىدە قىزلارنىڭ ئىووەت نومىسىغا تېگىش جىنايىتى دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ.
14 ياشقا توشۇپ 16 ياشقا توشمىغان نارسىدە قىزلار يېقىن (ھازىرقى ئاتالمىش مۇھەببەت) مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ .ىختىيارلىقى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن يەكى بىر قىسىم يامان تەسىرلەرگە (شەھۋانى مەزمۇندىكى ھەر خىل ئۈن سىن بۇيۇملىرى، قانۇنسىز نەشىر قىلىنغان مۇشۇ خىلدىكى شەھۋانى كىتاپ، شۇنىڭدەك، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام بولغان پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىدىغان ھەر خىل مەزمۇن ۋە پائالىيەت) ئۇچىراش سەۋەپلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئاقىۋىتى كۆرۈنەرلىك يىنك بولغان، زىيىنى ئېغىر بولمىغان بولسا، نارسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت نومىسىغا تېگىش جىنايىتى قىلىپ بېكىتىلمەيدۇ.
يۇقارقى 3 خىل ئەھۋالدىن باشقا ھەر قانداق ئەھۋالدا نارسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت نومۇسىغا تېگىش جىنايىتى دەپ بېكىتىپ، ئېغىر جازا بىرىلىدۇ، ئەگەر قىلمىشى قەبىھ بولغان، بىرنەچچە ئادەم نۆۋەتلىشىپ نارسىدە قىزلار بىلەن جىنىسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەب، كۆپلىگەن نارسىدە قىزلارنىڭ ئىپپەت نومۇسىغا تەگكەنلەر، زىياكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ ئېغىر زەخمىلىنىشىنى، ئۆلۈشىنى ياكى ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئاخىردا دەيدىغىنىم: تېما ئىگىسى ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەربىيىۋى كۆز قارىشى ئورۇنلۇق بولۇپ، بالىلارنى تەربىيىلىگەندە، ئەخلاق، مىللىي ئۆرپىي ئادەت ۋە ساغلام، نورمال بولغان ئالاقە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بىرىش بىلەن بىرگە قانۇننىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز زۆرۈر.
ۋاقىت قىس بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئىزاھلاپ ئۆتتۈم، يەنە باشقا كۆز قاراشلار بولسا تورداشلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتە مۇشۇ ئەسەردە سۆزلەنگەندەك ئەھۋالغا قەدەم بېسىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئۆسمۈلەرنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئورتاق كۆچ چىقىرىشىنى، ئۇلارنى توغرا بولغان ئەخلاق قارىشغا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-15 04:19 PM