مۇھاببەت شاھ
مۇھاببەت ئۆزى شاھ داسىتان،
داستان ئەمەس قىسەيۇ شاھ جاھان.
ئاڭلسام ئىدى دەشىتى –پەلەك بۇ جانان،
سۆيگۈ بىقارا ئاشىقى سولتان ھەتتا ماكان.
مۇھاببەت ئۆزى شاھ-سولتان،
سۆيگۈ بولسا ئەلگە بىر داسىتان.
ئايان بولغۇسى ئاۋام خەلىققە بىر بىپايان،
مۇھاببەت سولتانى تىللاردا بايان.
جەننەت پەرى،ئەرش پەرى بولۇر داسىتان،
زېمىن ئۈسىتىدە ئادەم شاھ-سولتان.
سۆيگۈ بىلەن گۈللەندى بارچە ماكان،
كائىناتتىكى ئىشلار ئاللاھقا ئايان.
ئەيلىدى مۇھاببەتنى كىم ئەڭ ئاۋۋال بايان؟
جەننەتتىكى پەرىلەر بىلەن پەرىلەر قايان؟
دەشىتى-پەلەك چۆلدە بولسىمۇ ئىنسان،
مۇھاببەت ئۈسىتىدە تۇغۇلدىممۇ ئۇ بىر داسىتان!
زېمىن توپسىدىن يارالغان ئىنسان،
زېمىندىن -زېمىنغا ماڭىدۇ باقى بۇ ماكان.
زېمىنغا مېھرىنى بىرىپ،زېمىنغا مېھرىنى تاڭغان،
زېمىن توپسىدىن بولغان بىر ئۈچۈم تۇپرىقى كان.
مۇھاببەتنىڭ شاھىلەر-شاھ سولتانى ئىنسان،
زېمىندىن يارتىلغان،زېمىنغا قايتىلغان.
زېمىنغا دان چاچسا،زېمىندىن دان ئالغان،
قارا تۇپراققا مېھىنەت مۇھاببىتى ئاققان...
-2012يىلى 24- ئۆكتەبىر كەچ