ئۇتغۇر يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 01:42 PM
قانداقسىگە ‹‹ئەخمىقانىلىق›› بۇلار قېرىندىشىم؟
قېرىندىشىم ، بۇ مىنىڭ شەخسىي قارىشىم :
‹‹ كىتاب خالتىسى ›› بولۇشنىڭ قانداق پايدىسى بار ؟ ئادەم ئاسانلا
چارچايدۇ .
كۆزدىن كېتىدۇ . كىتابتىكى بىلىملەر يۈزەكى بولىدۇ . كىتاب كۆپىنچە
ھاللاردا ئادەمنىڭ تەنقىدچىلىك ، ئۆزۈمچىلىك خاھىشىنى ئاشۇرىدۇ .
قۇرۇق نەزەرىيەلەرگە توشۇپ كەتكەن كىتابلار ، ئادەمنىڭ ئىددىيسى بۇرمىلاپ
بۇرۇختۇم قىلىدۇ .
كىتاب دېگەننىڭ يەنە بىر مەنىسى : ئۆز ئىددىيسىنى باشقىلارغا تېڭىش
دېگەن گەپمىكىن دەپمۇ قالىمەن .
بۇنداق دېسەم مېنى كىتابقا ئۆچمىكىن دەپ قالماڭ . كۆپ بولمىسىمۇ
ئۆزۈم ئوقۇغاندىن باشقا ، ساقلاۋاتقان كىتابلىرىم 100 پارچىغا يېتىدۇ .
لىكىن كىتاب ئوقۇغاننىڭ ئانچە پايدىسى يوقتەك ھىس قىلدىغان ،
گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالمىغۇ تاڭ ...
ئەمدى كىتابنى تاشلاپ كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن .
ئەمدى ھەرگىز كىتاب ئوقۇماسمەن ، ھەم ئۆمرىدە بىر پارچىمۇ كىتاب
ئوقۇپ باقمىغان ئادەمگە ھەۋەس قىلمەن . چۈنكى كىتاب ئوقۇمىغان
ئادەمدە باشقىلارنىڭ ئىددىيسى بولماستىن ، ئۆزىدىكى يېڭى ، ئەركىن
بولىدۇ . قەلبى سۈزۈك ، دېلغۇللۇق بولمايدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-15 03:47 PM