مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئوغرى قىزنىڭ تەقدىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 02:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
56~57بەت مىنىڭ ئىنكاسىم بىلەن تولۇپ كىتىپتۇ كەچۈرۈڭ ھە شۇ قىزىقىپ دەڭا بۇ ئەسەر گە.ئاخىرى ئوقۇپ 57جى بەتكە كەلدىم داۋامىنى كۈتىمەن.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7834
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8279
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 02:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى كۈندە يىزىپ  تۈگۈتىمەن دىگەنتىڭىز بۇ ئىككى كۈن ھەسسىلىنىپ كۇۋادراتىنىڭ كۇپى بولۇپ كەتكىلىۋاتىدۇ دىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105062
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 05:00:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف، يەنە يوققۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87681
يازما سانى: 580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 613
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 09:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
{:21:}{:21:}{:21:}

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106508
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 303
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2014-4-29
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
koknur01 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 02:44 PM
ئىككى كۈندە يىزىپ  تۈگۈتىمەن دىگەنتىڭىز بۇ ئىككى كۈن ھ ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103864
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 328
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2014-2-21
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 01:47:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەممىسى   مەن   ئويلىغانلار    ئاخىرى   تېزرەك    چىقسا    بوللاتتى   ھەي........

ئىزىڭدىن  تىكەن  ئۈنسە  ئەۋلاتلىرىڭنىڭ   پۇتىغا   سانجىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105031
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 09:59:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۇن  بىر  غەيرەت  قىلىڭ  سىڭلىم  بۇلمىسا   ،بۇ ئەسەرنىڭ  داۋامى   ئىنكاسلار  بىلەن  

تۇگەپ   

كۇمۇلۇپ  كىتىدىغان  بۇلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 04:01:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ئۆيگە كىرىڭ  سىڭلىم   ...
ئەزمەت  ئىشىكنى  ئاچقاندىن كىيىن نائىلەنى  ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ  ئىشىكنى  ئاستا ياپتى  ، ئەرەفاتمۇ بىشىنى تۆۋەن  سالغىنىچە  نائىلەنىڭ  كەينىدىن ماڭغان  ئىدى  .
-ئەلى بىلەن نەفىسەچۇ  ؟
-ئۇلار ؟.......
ئەرەفات  نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ئەزمەتكە قارىدى  . ئەزمەت چىرايىنى ھىچ  ئۆزگەرتىمەستىن  بىر  ئىستاكان  چاينى نائىلەنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدى  .
-نەفىسە تىخى تىپىلمىدى  ..... بىراق  ئەلى  ؟ ......
-ئەلى نىمە بولدى  ئاكا  ؟
-ئۇ   ئۆلۈپ كەتكىنى بىر قانچە  ئاي  بولۇپ قالدى ....
-نىمە  ؟  مۇمكىن ئەمەس  ........
نائىلەنىڭ  كۆز چاناقلىرىغا  لىققىدە ياش تولدى  ،تىخى بىر قانچە  ئاي بۇرۇنلا بىر ساق قالغان ئەمەسمىتى  ؟ نائىلە  ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك بىشىنى چايقاپ  قۇيۇپ  ئەلىنىڭ ھۇجرا  ئۆيىگە كىرىپ كەتتى  ، ھۇجرا ئىچىدىن  نائىلەنىڭ  ھۆڭرەپ  يىغلىغان  ئاۋازىدىن باشقا ھىچنىمە ئاڭلانمىغان  ئىدى .

-تاغا  ، ئاپامغا بەك بالدۇر  دەپ قويدىڭىز  .....
-ھامان  ئاڭلايدۇ  ئەمەسمۇ  ،  يۇشۇرۇپ نىمە كەپتۇ  ...


ئەزمەت  يانفۇنىنىڭ سايراۋاتقانلىقىنى سىزىپ دەرھال  يانفۇننى قولىغا  ئالدى بۇ تىلفۇن دەل ساقچىخانىدىن كەلگەن  ئىدى  ،  ساقچىلار  ئەزمەتنىڭ دەرھال كىلىشىنى تاپلىغاندىن كىيىن تىلفۇننى ئۈزۈۋىتىشىتى  ، ئەزمەت  ئالدىراپ  ساقچىخانىغا قاراپ  ماڭدى  ......


تەلئەت  ئىشخانا  ئىچىگە  كىردى يۇ  مەرھابا خانىمنى  كۆرۈپ  ئازراق خاتىرجەم بولغاندەك  سوئال  نەزىرىدە  ساقچىغا قارىدى  .
-بىز  مەرھابا خانىمنى  ئاخىرى تاپتۇق ، لىكىن ........
-لىكىن نىمە  ؟..........
-سىلەرنىڭ  ئائىلىدىكى  ھەممىلا ئىشلاردا  ئىزچىل دىلشادنىڭ  قولى بار  ئىكەن  ئۇنىمۇ قولغا  ئالمىز ......
-گۇمانىمنىڭ توغرا  ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ....
ئەزمەت  ئۇھ تارتىپ قويغاچ  بىىشنى  لىڭشىتتى  .

-ئۇنداقتا تەلئەتنى قويۇپ بىرەمسىلەر  ؟
-ئۇ  ئىشتا  پۈتۈنلەي تەلئەتنىڭ قولى بار  ، يەنە كىلىپ شوپۇرنىڭ ئىشى بىلەن تەلەتنىڭ  ئائىلىسىدىكى ئىشلار  2 خىل ئىش  .......
-ئۇف  .......بوپتۇ  ....ئوچۇق  سوت  ئىچىلغاندا بىر  گەپ بولار  ؟ خەپ مۇشۇ  دىلشاتنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن  ئادەم  ئەمەس  نىمىكەن  ئۇ  ....... شەھىدەچۇ  ؟.....
-شەھىدەنى تاپالمىدۇق  ، مەرھابا خانىمنى  شەھەر سىىرتىدىكى  ئورمانلىققا  تاشلاپ  قويۇپتىكەن  ، بىر  بىلىقچىنىڭ قىزى  قۇتقۇزۇپ قىلىپ   بىز  بىلەن  ئالاقىلىشىپتۇ بىز شۇ يەردىن  قايتۇرۇپ ئىلىپ كەلدۇق ....
-بىرەر  چوڭ چاتاق يۇقتۇ ھەدە  ؟
ئەزمەت  سوئال نەزىرىدە  مەرھاباغا قارىدى  .
-ياقەي  ئۇكام ، چوڭ  ئىش يۇق  ، شەھىدەنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ  سەت بولدى ...
مەرھابا ياغلىقىنىڭ  ئۇچى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتتى  .
-بولدى  بىز قايتايلى  ساقچى ،  ئامال بار شەھىدەنىڭ خەۋىرىنىمۇ بىرىڭلار  ، ئۇ قىزدىنمۇ  ئەنسىرەپ قالدىم ، تىلفۇنۇم  24  سائەت  ئوچۇق .....


ئەزمەت  ساقچىخانىدىن چىققاندىن كىيىن مەرھابانى  ماشنىغا  سىلىپ  ئىلىپ ماڭدى  . مەرھابا يول بويى ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن ياشلىرىنى سۈرتۈپ قوياتتى  ، گاھى  سوئال نەزىرىدە  تەشۋىشلىنىپ  ئەزمەتكە قاراپ  قوياتتى  .



-ھەدە  ، شۇ كۈنى نىمە  ئىشلار بولدى ؟ 
-شەھىدە  بىلەن بازار  ئارلاپ كىتىپ باراتتۇق  ، ئۇ تۇيۇقسىزلا  يوقاپ كەتتى  ، قارىسام  يىراقتا  بىرى  ئۇنىڭ  قولىدىن  تۇتۇپ ئىلىپ مىڭىپتۇ  ، كىيىن  ئۇنى بىر  كوچىغا  ئىلىپ ماڭدى  ، كەينىدىن ماڭدىم ، قىزىمنى نەگە  ئىلىپ بارىسەن دىيىشىم بىلەن تەڭ قالغىننى بىلمەيمەن  ، كۆزۈمنى  ئاچسام  ئورمانلىقتا يىتىپتىمەن ......

-جاپا  چىكىپسىز  ......دىلشاتنى قاتىل دەپسىز بۇنى قانداق بىلىسىز  ؟
-مەن شۇ كۈنى مەھەللىدە دىلشاتنى  كۆرگەندەك قىلغان يەنە  كىلىپ  كۆزۈمنى  ئاچسام  يىنىمدا  دىلشات  ئەپەندىمنىڭ  كىملىكى چۈشۈپ قاپتۇ ......
-دىمەك دىلشات شۇ  ئىكەن دە  .....ھەى ......شۇنىمۇ  ئادەم دەپ يۈرۈپتۇق  ئەمەسمۇ بىز  .....
ئەزمەت  ئۇھ  تارتىپ قويۇپ  ماشىننى  ئىشىك  ئالدىغا  كىلىپ  توختاتتى ...



*********************************************************************************

ئەزمەت  ساقچىخانا  ئىچىدە  دىلشادنى  ساقلاپ  ئولتۇراتتى  ،  ئۇ  دىلشاتنى قانچە  ئويلىسا شۇنچە  ئاچچىقى كىلەتتى  بولۇۋاتقان شۇنداقلا  بولۇپ  ئۆتكەن شۇ  ئىشلارنىڭ ھەممىسى باشقا بىرى بىلەن  ئەمەس  دەل دىلشاد بىلەن چىتىشلىق  بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلاتتى  .

-ۋاقتىىڭ  10  مىنۇت  ...يوۋاش  بول  ، بىلدىڭمۇ ؟
2 ساقچى دىلشادنىڭ بىلىكىدىن يىتلىگىنچە  ئىلىپ كەلدى  ، دىلشات  بولسا بىشىنى يەردىن  كۆتۈرمەي قاراپ تۇراتتى  .

-دىگىنە ، سەنمۇ  ئادەم بولدۇڭمۇ ؟ مۇشۇ  قەدەر  پەسكەشلىشىپ كەتتىڭما  ؟
-سىزمۇ ماڭا  ئىشەنمەمسىز  ؟ مىنىڭ ھىچقانداق ئىشتىن خەۋىرىم يۇق  ، تەلەت  مىنىڭ  30  يىللىق  يىقىن دوستۇمغۇ  ....مەن شۇ دوستۇمغا شۇنداقلا  ئائىلىدىكلەرگە  مۇشۇنداق  پەسكەشلىك قىلارمەنمۇ؟ 


-بۇ  ئشىلارنى سەن قىلمىساڭ كىم قىلىدۇ ؟ بۇرۇندىن تارتىپ سەندىن گۇمانىم بار  ئىدى  ئويلىغىنمدەك چىقتى ، ساڭا نىمە لازىم بولغان  ؟ نىمەڭ نىمەڭگە يىتىشمەي شۇنداق قىلدىڭ ؟

-سىزگە  ئارتۇق چۈشەندۈرۈشنىڭ  ئورنى يۇق  ......  چۈشەندۈرۈش مەڭگۈ  ئارتۇقچە  .....بولدى  ھامان بىر كۈنى  كىمنىڭ ھەقىقى قاتىل  ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالىسىز  .....لىكىن بۇ قاتىل  راستىنلا مەن  ئەمەس .....

-سەن  يەنە  ئۆزۈڭنى  ئاقلىماقچىما ؟

-ساقچى  مەن كىرىپ كىتەي  ....
دىلشاد  شۇنداق دىگەچ  ساقچىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىرىپ كەتتى  ، ئەزمەت بولسا  دىلشادنى  ئىچىدە  نەچچە  مىڭنى  تىللاپ  ساقچىخانىدىن  ئايرىلدى  ........






*******************************************************************************************

بۈگۈن  ئوچۇق  سوت  ئىچىلغان  كۈن  ئىدى  ، نائىلە شۇنداقلا  مەرھابا قاتارلىق تەلەتنىڭ يىقىنلىرى  ئۇچۇق سوتقا قاتنىشىش  ئۈچۈن كەلگەن  ئىدى  ، سوت خىلى ئۇزۇن  داۋاملاشتى  ....

-نەتىجىسى قانداق بولار  ئاكا  ..... قورقىۋاتىمەن  ....ئەرەفات  قىنىدۇ  ؟

نائىلە  ئەنسىزچىلىك  ئىچىدە  ئەزمەتكە تىكىلدى.
-ئەنىسىرىمەڭ  سىڭلىم  .....تەلەتتە  گۇناھ يۇق  ئۇ  چوقۇم  ئاقىلىنىدۇ  .......ئەرەفات  بايىلا  تۇراتتىغۇ  ؟

ئەزمەت  چۇڭقۇر  ئىشەنىچ  بىلەن بىشىنى چايقاپ  قويدى  ھەم  ئەرەفاتنى  ئىزدەپ  ئالدى  كەينىگە قارىدى  بىراق  ئەرەفات  كۆرۈنمەيتى

-ئىلاھىم دىگىنىڭىزدەك بولار  ئاكا .....ئۇف ....... تەلەتنى قويۇپ بەرسىلا  بولاتتى  ....نىمانچە  جۈدەپ كەتكەندۇ ؟ .....
نائىلە  ئالدىدا  ئۆزىگە بىر خىل غەمكىنلىك بىلەن قاراپ تۇرغان تەلەتكە قارىدى  ،  نائىلەنىڭ  كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇپ تۇراتتى  .... ئۇنىڭ تەلەتتىن باشقا يەنە نىمىسى بار ؟ 2  بالىسى  ئۆلۈپ كەتتى  تەلئەت بىلەن  ئەرەفاتلا قالدى ،  ئەرەفات بار دىگەن بىلەنمۇ يەنە تەلەتنىڭ مەۋجۈت  بولۇپ تۇرغىنىغا نىمە يەتسۇن ؟ نائىلە  ئىغىر  ئۇھ  تارتىپ قويدى .


ھۆكۈم  چىقرىلدىغان  ۋاقىت  ئاخىرى يىتىپ كەلدى  ، زال ئىچى جىمجىتلىققا  چۈمگەن  ئىدى ، نائىلە  سوتچىنى نىمە  دەركىن دىگەندەك كۆزلىرىنى يوغان  ئىچىپ  ئۆزىنى تۇتۇۋالغان  ھالدا  شۇ بىر ئىغىز جاۋاپقا تەشنا  بولۇپ  تۇراتتى ......
بىراق  كىممۇ  ئويلاپ باققان  دەيسىز ؟ تەلەتنى  سوتتىن  15  يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىق خەۋىرىنى  ئاڭلاش  بىلەن نائىلە  لەسسىدە  بولۇپ  ئولتۇرۇپ قالدى  ، ئەزمەت  بولسا تىلى گاچىلىشىپ نىمە  دىيىشنى بىلەلمەي قالغان  ئىدى  .

-ناۋادا  يەنە قارشى  پىكىرىڭلار  بولسا  نارازىلىق  ئەرىزى  سۇنساڭلار  بولىدۇ  ......
سوتچىنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى گىپى تۈگىمەيلا  زال  ئىچىدىن  بىزنىڭ پىكىرىمىز بار  دىگەن  ئاۋاز  بىلەن ھەممەيلەن  كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى .
-ئەرەفات  ، نەفىسە  ، شەھىدە  ......
نائىلە  كۆزلىرىگە  ئىشەنمىگەندەك تۇرۇپ  قالغان  ئىدى  .
-سوتچى  ئەپەندىم  مانا بۇ  دەلىل  ئىسپات ....


ئەرەفات  قولىدىكى  يوغان بىر تال  تۆت چاسا شەكىللىك قۇتىنى  ئاقلىغۇچى  ئادۇكاتنىڭ  قولىغا تۇتقۇزدى  ، ئۇلار  تۆت چاسا قۇتىنىڭ  ئىچىنى  ئاچقىنىدا  ئىچىدىن كىچىككىنە بىر  دىسكا  چىققان  ئىدى  ، دىسكىنى قۇيۇشى  بىلەن تەڭ  ئۇنىڭدىن  ئاشخانا  ئۆيدە  ئەلىنىڭ  سۈتىگە زەھەر  سالغان  شۇ  ئادەمنىڭ چىرايى  ئىنىق  كۆرۈنۈشكە باشلىدى  .

-مەر.....مەرھابا  .......
ئەزمەت  بىلەن  نائىلە  يىنىدا  ھاڭۋاققىنىچە  تۇرۇپ قالغان مەرھاباغا  قارىدى  ، مەرھابا  بولسا  ئاغزىنى يوغان  ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالغان  ئىدى .
-مەن  نەفىسە  ..تەلەتنىڭ قىزى  ...مىنى شۇ  كۈنى  ئەتىگەندە  مەرھابا  خانىم  ئەخلەت تۆكۈپ كىرىشكە بۇيرىدى ،  مەن  ئەخلەت  تۆككىنى چىققان  ئىدىم   ئەمدىلا تۆكەي دەپ تۇرىشىمغا  ئۇ  ماڭا  :  ئاۋۇ ماشىنىنىڭ  ئالدىدىكى ئەخلەتنىمۇ تاشلىۋىتىڭ دىيىشى  بىلەن ماشىنا  ئالدىغا كەلدىم  ، مىنى بىر قانچەيلەن ماشىنىغا تارتىپ  ئىلىۋالدى .....
بىر قاتار  سوئال جاۋاپلاردىن كىيىن  سوتتىن  دەلىللەر  يىتەرلىك دىگەن قاراش  بىلەن تەلەتنى  قۇيۇپ بەردى  ، ھەم شۇ جايىدىلا  مەرھابانى قولغا  ئالدى  .

-ئادەممۇ سەندەك پەسكەش بولامدۇ دىگىنە ...
نائىلە شۇنداق  دىگىنىچە  مەرھابانىڭ  ئالدىغا  ئىتىلىپ كىلىپ ئۇنى سىلىكشلەشكە باشلىدى . مەرھابا  بولسا  ھىقچقانداق  ئىپادە  بىلدۈرمەستىن  ساقچىلارنىڭ  كەينىدىن كىرىپ كەتتى  .

-دادا  ،  ئاخىرى قايتىپ كەلدىڭىز  ....
شەھىدەنىڭ بۇ چۈچۈك ئاۋازىدىن تەلەت بۆلەكچىلا سۆيۈنۈپ كەتتى  .
-ئاخىرى گەپ قىلدىڭىز ھە  جىنتەك قىزىم  .....
تەلەت  كۆز ئالدىدا  تۇرغان  تاتلىق قىزىنى شۇنداقلا مىھرىبان  ئايالىنى  ، ئۆزىنىڭ  دۇنيالىقتىكى بىر لا  ئارزۇلۇق  ئوغلى ئەرەفاتنى شۇنداقلا  چەتتە  ئۇلارغا قاراپ تۇرغان  ئۇماققىنە  شەھىدەنى چىڭڭىدە باغرىغا باستى  ..............





-قىنى تاماق  يەڭلار  بالىلىرىم  ...
ئەزمەت  كۈلۈمسىرىگىنىچە  چاي قۇيۇشقا باشلىدى  .
-قاتارىمىزدا  ئاكاممۇ بار  بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە  ؟
ئارىدا بىر  ئاز جىمجىتلىق  ھۆكۈم سۈردى  ، كەينىدىن بۇ خىل جىمجىت كەيپىياتنى  ئەزمەت  قىززىق قىزىق پاراڭلىرى  بىلەن  ئۆتكۈزۈۋەتتى  .
-قىزىم  ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى  قىينالدىڭىزمۇ يۇق ؟
نائىلە ئىچى  ئاغرىغان  ھالدا نەفىسەنىڭ بىشىنى سىلىدى .
-بەك  قىينالدىم  ....
-دەڭە  ، ئۇلار  سىزنى ماشىنىغا سىلىپ ماڭغان كۈنى قانداق بولدى  ؟
-ئۇلار  مىنى  ئەزەلدىن مەن بىرىپ باقمىغان بىر  يەرگە  ئىلىپ باردى  ، كۈنلەپ -كۈنلەپ  ئاچ قويدى ھەم بەك قىينىدى ، ئۇلار  ئاكام شۇنداقلا شەھىدە 4 ىمىزنى بىراقلا  كۆزدىن يۇقاتماقچى  بولغان  بىراق  ئۇنداق قىلالمىدى....
تەلەت  گەپ قىلماستىن بىشىنى چايقاپ  قويۇپ شەھىدەگە قارىدى  .
-سىزچۇ قىزىم ؟ بايىقى دىسكىنى قەيەردىن تاپتىڭىز ؟
-دادا  ، مىنىڭ يالغانچىلىق قىلغىنىمنى  كەچۈرۈڭ  ، مەن  ئەمەليەتتە بىر ئوغرى قىز  ئىدىم  ،  مىنىڭ  مەن  6 ياشقا  كىردىم  دىگىنىممۇ يالغان  مەن  ئەمەليەتتە  9 ياشقا  كىرگەن  ئىدىم  ، مەن ئۆزۈمنى مۇشۇنداق كىچىك  كۆرسەتسەم ماڭا  ئىشىنەتتىڭىز ...... مىنى  ئەسكىلەر تۇتقۇن قىلىۋالغان  مەن مۇشۇنداق  كىچىلىرى  كوچا -كويلاردا  ئولتۇراتتىم  ئىچى ئاغرىغان سىزدەك ياخشى داداشلار مىنى ئىلىپ  كىتىپ بىقىۋالاتتى  ، ئۇلارنىڭ  ئۆيىدىكى  ئۇچىرىغان نەرسىلەرنى  ئەچچىقىپ ئەسكى خۇجايىنىمغا بىرەتتىم ........
-نىمە  ؟
تەلەت  بىلەن  ئەزمەت  قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەك شەھىدەگە قارىدى .
-ئەگەر  بۇ  مەخپىيەتلىكنى دەپ قويسام  ياكى ئاشكارلىنىپ قالسا خۇجايىندىن يەتكۈچە تاياق يەيتىم  شۇنىڭ ئۈچۈن  قورقۇپ خۇجايىننىڭ دىگىنى بويىچە  قىلاتتىم  ، شۇ كۈنى تەلىيىمگە سىز مىنى ئىلىپ كەتتىڭىز  ، ئۆيىڭىزگە  كىرىپلا  ھەيران قالدىم چۈنكى مەرھابا خانىم مىنىڭ  خۇجايىنىم  ئىدى ..... 


-نىمە  قانداق  بولۇپ  ؟
-راسىت دەۋاتىمەن  ، ئۇ  مىنىڭ پەيدا بولغىنىمدىن پايدىلىنىپ تىخىمۇ كۆپ بايلىق يىغىش تاماسىنى قىلىپ مۇشۇ  بىر قاتار ئىشلارنى پىلانلاپ چىقتى  ، مىنى  نەفىسە بىلەن تەڭ تۇتۇپ كىتىپ 3- كۈنى  يەنە قايتا  ئەكىلىپ  مىنىڭ گاچا بولۇۋىلىشىمنى ئازراقلا  ئاۋاز  چىقارسام ئۇرىدىغانلىقىنى  ئىيتتى شۇنىڭ  ئۈچۈن  مەن ھىچقانداق گەپ قىلالمىدىم ......

-سىز  كىچىككىنە تۇرۇپ ؟ .......
تەلەت  قۇلاقلىرىغا  ئىشەنمىگەندەك  ئولتۇرۇپ قالغان  ئىدى  ، نائىلەمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپ  ئولتۇرۇپ قالغان  ئىدى  .
-نائىلەنىڭ قاتناش  ۋەقەسىگە  ئۇچرىشى ، ئەلىنىڭ ئۆلۈمى  ، شوپۇرنىڭ  ئۆلىمى بولغان ھەممە  ئىشلار  دەل مەرھابا بىلەن چىتشىلىق ئىكەن  ئەمەسمۇ ....كىممۇ  ئويلاپ باقسۇن ئۇنىڭ بۇ قەدەر ئىپلاسلىقىنى ......؟

-شۇنى دىمەمسەن ؟ مەن دىلشادقا بىكارغىلا  ئازار بىرىپ يۈرۈپتىمەن  ئەمەسمۇ  ........ ھە  راسىت  سىز  نىمىشقا بۇ  ئىشلارنى دىسكىغا  ئالىسىز ؟

-مەن تۇغۇلۇشىمدىنلا  دادام  ئاپام يۇق  ئىكەن ، مۇشۇ  ئۆيدىكى ھەممىڭلارغا قاراپ  كۆڭلۈم يىرىم بولدى شۇنىڭ بىلەن  ياردەم قىلاي دەپ شۇنداق قىلغان  ........

-سىز  دىسكىنى .......؟ توۋا  بۇ كىچىككىنە قىز قانداقمۇ قىلىپ بولالايدۇ بۇنداق ئىشلارنى .....؟  
ئەزمەت  ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك بىشىنى چايقاپ قويدى .
-ئەلى  ئاكام  ھايات چىغىدا مىنىڭ  ئۈنئالغۇ  لىنتامنى كۆرۈپ قالغان لىكىن  تىقىۋالغان  ئىدىم ، ئاندىن دىسكىغا چۈشۈرگەن نەرسىلەرگە كەلسەك  دىلشات تاغام  ئۆيگە بىر  تال  ئاپارات ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتىكەن  ،  كىيىن  مەرھابا سىزىپ قىلىپ  ئۇنى ھۇجرا ئۆيگە ئىلىپ ماڭغان شۇ چاغدا مەن نىمىدۇ دەپ  ئەكىلپ تىقىپ قويغان ئىدىم ...............

-نىمىدىگەن جىق  ئىش بۇ ........

-ئاندىن مەرھابا مىنى تۇتۇپ نەفىسەنىڭ يىنىغا ئەكىلىپ قويدى ،  بىزنى باغلاپ قويۇپ ئاچ قويۇپ دىگەندەك تاماقمۇ  يىيەلمىدۇق ، ئاخىرى  ئامال قىلىپ يۈرۈپ قىچىپ چىققان  ئىدۇق ....لىكىن شەھەرگە كىرىپ سوتنىڭ ئىچىگە ئىسپاتنى  ئىلىپ كىرىشىمىز  ئۈچۈن ۋاقىت كىتىپ قالدى ... لىكىن  ئۈلگۈرۈپ كىلەلىدۇق .......

تەلەت  بىشىنى لىڭىشىتىپ قويدى يۇ  ئارتۇق گەپ قىلماستىن  ئەزمەت  بىلەن نائىلەگە كۆزىنىڭ  قۇيرۇقىدا قاراپ  قويدى  ، ھەممە  ئىش بىردىنلا  ئايدىڭ بولغان  ئىدى  ..................

-دادا  ، ئەمدى مىنى  ساقچىغا  تۇتۇپ  بىرەمسىز  ؟
-ياقەي  ..ئەخمەق قىزىم  .....سىز  يەنىلا مەڭگۈ بىزنىڭ قىزىمىز  ، نەفىسەنى قانداق كۆرسەك سىزنىمۇ شۇنداق  كۆرىمىز  بىلدىڭىزمۇ ؟
تەلەت شۇنداق  دىگەچ  شەھىدەنىڭ بىشىنى سىلاپ پىشانىسىگە بىرنى  سۆيۈپ قويدى  ، نەفىسە  بولسا  تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قويۇپ  ئارتۇق گەپ قىلمىغان  ئىدى  ..............




                                         خاتىمە ...

دىلشاد  ساقچىخانا  ئىچىدىن چىقىپ كەلدى  ، ئەزمەت بىلەن  تەلەت دىلشادنى كۆرۈش بىلەن تەڭ  ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ  ئۆز ئارا  ئەھۋال سوراشتى  .
-دىلشاد  ....مىنى .....
-بولدى ھىچقىسى  يۇق  ئەزمەت  ئاكا ،،،،،،،،،  ھەممە  ئشىلار  ئۆتۈپ كەتتى  ....سىلەر  سالامەت  بولساڭلارلا ماڭا شۇ  كۇپايە ....
ئەزمەت  كۈلۈمسىرەپ  قويۇپ ماشىننىڭ  ئىشىكىنى  ئاچتى  .
-سىنى  ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قويايلىمۇ دىلشاد  ؟
-بولدى  ئاداش  ، ئاۋال  ئەلىنىڭ تۇپراق بىشىغا بىرىپ  كىلەيلى ......
-ئۆيۈڭگە كىرمەي تۇرۇپلا  تۇپراق بىشىغا بارامسەن ؟
-مەيلى  ئەمەسمۇ  .....  شوپۇرۇڭنى  ئۆلتۈرگەن قاتىلمۇ  ئاخىرى تىپىلىپتۇ ھە  ؟
-شۇنداق  ،  مەرھابانىڭ  سىتىۋالغان  ئادىمى  ئىكەن  ، نەچچە  ئون  يىلدىن بىرى يۇۋاش  يۈرسە  شۇنداق  ئىشىنىپ كىتىپتىمەن  .....يوۋاشنىڭ مۆڭگۈزى  ئىچىدە دىگەن شۇ  ئوخشايدۇ ..........

-مەنمۇ  ھەيران قالدىم  ......  ئاڭلىسام  خىلى كاتتا باش  ئايالكەن  ئۇ  .... ئۆيۈڭدە  ئائىلە  خىزمەتچىسى تۇرۇپ قاچانلاردا  ۋاقتىنى چىقارغاندۇ مۇشۇ  ئىشلارغا  ؟

-شۇنى دىمەمسەن  ؟ .....  ھەر  ھالدا  ساقچىلار مۇشۇ  ئىشتىن كىيىن  مەرھابا بىلەن چىتىشلىقى بار ھەممىسىنى  قولغا  ئاپتۇ  ....  ئۇنىمۇ  دەيمىز  بۇنىمۇ دەيمىز  ھەممە  ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى مانا  ..........

-راسىت  دەيسەن  ؟ ....  نائىلە قانداقراق  ؟  بالىلارچۇ  ؟

-ئۇلارمۇ  ياخشى  ، نائىلە  سەللىمازا  ساقايدى  ، نەفىسە شەھىدە  ،ئەرەفات  بالىلار مەكتەپتە  ئوقۇۋاتىدۇ  ، كۈنلەر  يامان  ئەمەس  كىتىپ بارىدۇ  ،  بىر  ئەلىلا   يۇق  بولۇپ قالدى  ، ئامال يۇق  شۈكىرى دەيمىز دە .............

-شۇنداق شۇنداق  ، بىر  چاغلاردا  نەفىسە  ئۆلۈپ كىتىپتۇ  دىگەنتىڭ  راسىتمىكىن دەپ  قورقىغان  ئىدىم  ، يالغان چىقىپتۇ مانا  ......   مۇشۇ  ھازىرقى تۇرمۇشۇڭمۇ بەخىت   ئەلى يۇق  بولسىلا  باشقا  ھەممىڭلار قايتىدىن جەم  بولالىدىڭلار  ئەمەسمۇ  ؟

تەلەت كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ  ئارتۇق گەپ قىلمىدى  ، ئۇلار  ئۆزىنىڭ تۇپراق بىشىغا  كىلىپ بولغانلىقىنى سىزىپ ماشنىدىن  تەڭلا  چۈشتى ھەم  دوئا  قىلىشقاندىن كىيىن  ئەلىنىڭ تۇپراق  بىشىدىن  ئايرىلدى  ، تەلەت ئارىلاپ -ئارىلاپ كەينىگە قاراپ  قوياتتى خۇددى  ئەلى قايتىپ كىلدىغاندەكلا  .........................



تۈگىدى  .







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 06:59 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9033
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 04:31:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتە  بەتنى ئىنكاس بىلەن توشقۇزۇپسىلەرغۇ     

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 07:14:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف ..........ئاخىرى تۈگىدى  ......مەنغۇ  سىلەرنى چۈشەنگۈدەك قىلىپ يازدىم  ئاخىرىنىمۇ  ..... ئەگەر  يەنە  چۈشەنمىگەن يەرلەر  بولسا  تارتىنماي  ، يۈزۈڭلارنى  قىزارتماي سوراۋىرىڭلار  جۇمۇ  

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش