نۆۋەتتە ئايرۇپىلان باشلىقى زاھارى ئەھمەدشاھ گۇماندارلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ ئىزچىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
ئايرۇپىلان باشلىقىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھادىسىسدىن بىر كۈن بۇرۇن باشقا شەھەردىكى ئۆيگە كۈچۈپ كەتكەن.
زاھارى ئەھمەدشاد ئايرۇپىلان ئۇچۇشتىن نەچچە سائەت ئىلگىرى، مالايىسىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئەدلىيەلىك ئاڭلاپ ئۈتۈش يىغىنىغا قاتناشقان بۇلۇپ، ئۇ بۇ چەكلەنگەن پارتىيەنىڭ رەھبىرىنىڭ سادىق قوللىغۇچىسى ئىكەن. ئەھمەدشاھ بۇ يىغىننىڭ نەتىجىسىدىن رازى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق مالايىسيە ئايرۇپىلان ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىق ئېھتىمالى بار.
ئايرۇپىلان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئالاقىلىشىش خاترىسىدە « ھەممە ئىشلار نورمال، شۇنداق بولسۇن ئەمىسە ، خەيرلىك كەچ!» دىگەن سۆز بار بۇلۇپ ، شۇنىڭدىن كىيىن بارلىق ئالاقە ئۈزۈلگەن. ئۇنداقتا بۇ گەپنى قىلغان زادى كىم ؟ ئايرۇپىلان باشلىقىمۇ ، مۇئاۋىن باشلىقىمۇ ياكى نامەلۇم باشقا بىر كىشىمۇ ؟
ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچقۇچىلار بۆلۈمچىسىگە ئايرۇپىلاندىكى خادىملاردىن باشقىلارنىڭ زورلۇق ۋاستە بىلەن كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس ، بۆلۈمچە ئىشىكىنى قورال ئىشلىتىپمۇ ئاچقىلى بولمايدۇ،11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچقۇچى بۆلۈمچىسى تولىمۇ پۇختا قىلىپ لاھىيلەنگەن. ئايرۇپىلاننىڭ رادار سىگنالى، خەۋەرلىشىش سىگنالى قاتارلىق بارلىق سىگناللارنى ئىۋېتىش ئۈچۈن مۇرەككەپ مەشغۇلات جەريانى كىتىدۇ. بۇنى ئادەتتىكى ئادەملەر قىلىپ بولالمايدۇ، ھەرخىل تىپتىكى ئايرۇپىلاننىڭ مەشغۇلاتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستگە سۇنئىي ھەمرا بايقىغان مەلۇماتتا ئايرۇپىلان ئالاقىسى ئۈزۈلگەندىن كىيىن بىر قانچە قېتىم قىيىنلىق دەرىجىسى تولىمۇ قىيىن بولغان ئۇچۇش ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ،تاكتىكىلىق يۇشۇرنۇش ھەركىتىگە ئوخشايدىكەن.
ئائىلە تاۋاباتلار بۇ خەۋەردىن كىيىن بىردىنلا ھاياجانلنىشتى. ئۇلار ھىچ بولمىغاندا يولۇچىلارنىڭ ھايات بولىشىدىن ئۈمىد بار دەپ قارىماقتا .
http://news.ifeng.com/world/spec ... shilian/zhibo.shtml