زەردار007 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 01:55 PM
ھە،نىمە سەۋەپتىن ئاشكارلىمايدىغاندۇ.....؟؟؟؟؟
ۋاي تاڭ!ئۇيغۇرلارنى خەۋىپ دەپ بىلدىغان ئوخشايدۇ،ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى سانى كۆپرەك بۇلسا كىرەك ھاكىمىتگە خەۋىپ ئەكىلىشتىن قۇرقشى مۇمكىن،يەنە كىلىپ ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبېك ھەر جەھەتتىن ئۇنداق يېقىن بولغاندىكىن ئايىرم مىللەت بۇلۇپ تۇرۇشى كۆزىگە سىغماي ئۆزبېك ھىسابىغا ئېلۋەتكەندۇ،ئۇنىڭ ئۈسىتگە ئۆزبېكىستاننىڭ پىرىزدنىتى دۇنياغا داڭلىق مۇستەبىت ئادەم،ھەرخىل قاملاشمىغان سىياسەتلەرنى يۇرگىزۋىردۇ.
يەنە بىرسىگە ئۇ دۆلەتلەر سۆۋىت پارچلىنىپ مۇستەققىل بولغاندىن كىين بەزى دۆلەتلەر شۇ سىتانلاردىكى ئاساسلىق مىللەتنىڭ سانىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن روسلارنى روسيەگە،قازاقلارنى قازاقىستانغا،ئۆزبېكلەرنى ئۆزبېىكستانغا،قىرغىزلارنى قىرغىزسىتانغا،تاجىكلەرنى تاجىگىستانغا كەتسۇن دىگەندەك سىياسەتلەرنى يۇشۇرۇن ئاشكارا يۇرگۈزۈپتىكەنمىش،ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار نەگە بارالسىۇن؟ مىللىتى يېقىن بولغان ئۆزبېكلەرنى تاپىدۇ دە،لىكىن سىز ئۆزبېك بولمىسىڭز نۇرغۇن جەھەتلەردە مەسلەن:سىياسى،سۇدا-سېتىق،خىزمەتكە چىقىش ...دىگەندەك ئىشلاردا تۇسالغۇغا ئۇچىرشىڭىز مۇمكىن،شۇڭا ئۆزبېك بولسىڭىز سەل ياخىشىراق...،ئۇ ياق تەرەپ روسلارنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچىراپ كەتكەنمۇ مىللى چەتكە قېقىش ئېغىر ئوخشايدۇ،ئەلۋەتتە قازاقىستان ئۇنداق ئەمەسكەن.قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە 2010-يىلى قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرسىا تۇقۇنۇش يۈز بېرىپ نەچچە ئون مىڭ ئۆزبېىك مۇساپىر بۇلۇپ ئۆزبېكىستانغا چىقىپ كىتىپتۇ،شۇنداق يېقىن تۈركى مىللەت ئوتتۇرسىدا ئۇنداق پاجىئەنىڭ يۈز بېرشى نىمىنى چۈشەندۇردۇ؟دەل روسلارنىڭ مىللەتلەرنى پارچىلاپ باشقۇرۇشنىڭ ‹‹تۆھپىسى››.
ئۇياق تەرەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھيەتلىرى ئەمدىلەتىن ئەسىلگە كېلۋاتىدۇ،ئۇلارنىڭمۇ مىللى ئۆزلىكى كۈچۈچۋېتپتۇ...،ئۇيغۇرلار تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ تېخىمۇ يۇز تاپسا ئىشىنىمەنكى مىللى سالاھىتىنى مەجبۇرى ياكى ئىختىيارى يۇشۇرۇپ يۇرىۋاتقانلار ئۆزلىگىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مەن ‹‹ئۇيغۇر!›› دىيەلەيدۇ.