aa0998 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 02:45 PM
ئامېرىكغا بارغاندىن كېيىن شۇ جاينىڭ گۇزەل كۆرنۇشلىردى ...
ئەگەر پىشانىگە سۇدا ئۆلۈش پۈتۈلگەن بولسا، مەن قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئاندىن ئۆلەتتىم دەپ تاللىغىلى بولمايدۇ. پىشانىگە نىمە پۈتۈلگەن بولسا شۇنى كۆرمەي ئامال يوق. شۇڭا بىر ئايرۇپىلاننىڭ يوقاپ كەتكىنىگە قاراپلا ئايرۇپىلانغا چىقسا يوقاپ كىتىدىكەن دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. تەقدىردە نىمە بولسا شۇنى كۆرمەي ئامال يوق. بۇلتۇر مەن گۈيلىندىن گۇاڭجۇغا سەپەر قىلغاندىمۇ مەن چىققان ئايرۇپىلان چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغان. بىزنى ئايرۇپىلان كۈتۈش ئورنىغا ئەمەس بەلكى ئايرۇپىلان رىمۇنىتخانىسىغا ئاپىرىپ ئاندىن چۈشۈرگەن يەرگە. لىكىن مەن يەنىلا ئايرۇپىلانلىق سەپەر قىلغۇم بار. چۈنكى مەن ئەجەلنىڭ ھەرگىزمۇ بالدۇر ياكى كىيىن كەلمەيدىغانلىقىغا، دەل ۋاقتىدا كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەممە ئىشنىڭ بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا پىشانىمىزگە پۈتۈلۈپ بولغانلىقىغا ئىشىمەن. شۇڭلاشقا پالانى يەردە ئايرۇپىلان يوقاپ كىتىپتۇ. ئايرۇپىلانغا چىقساق يوقاپ كەتكۈدەكمىز دەپ ئويلاش بىر ئەخمىقانىلىق.