|
ھەي قىزىم، بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭ. باشقا بىر ئادەمگە يارۇ ھەمراھ بولدۇڭ. سەن ئۈچۈن بەخت-ئامەت تىلىگۈچى ئاناڭ تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقايسەن ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسەن.
* P* u4 E" \& r7 J/ D, g6 V q9 u# e2 O: H; {( u7 i
قىزىم، ئېرىڭ دۇنيا سەپىرىدە ساڭا ھەمراھ، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى، شادلىقتا بىلە شادلانغۇچى ھەمراھ بولۇش ئۈمىدى بىلەن سېنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسەن، ئۇ ھەرۋاقىت سەندىن رازى بولۇپ ياشىسۇن.
; A1 Z* @+ F, R* q
3 X, \: N! g6 `! \0 Y: lقىزىم، پات ئارىدا ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسەن، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىنى، بولۇپمۇ قېيناناڭ، قېيناتاڭنى ھۆرمەت قىل. ئۇلارنى ئۆز ئاناڭ، ئۆز ئاتاڭدەك كۆر، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭ ھېسابلا، قېينانا-قېيناتاڭنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىل. يېڭى تۇغقانلىرىڭنىڭ مىجەز-خۇلقىنى بىلىۋال ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىل، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلان، چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. سەندىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭنىڭ كۆڭلىدە قالار، ئۇلاردىن ئۆتسە سەندىن قىزغىنار. بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭ تاماقتىن قالار ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالار. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنىچ بولۇشىغا مۇھتاج. ئائىلىدە ئازىراق قايغۇ بولسا، ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتەر.
" Y5 R# `" }2 K- F& ]" W# S1 m- H( ^- n6 k- e
قىزىم، ئېرىڭدىن ھېچقانداق سىرىڭنى يوشۇرما. ئېرىڭدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتما. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭگە قارشى گەپ قىلما، چىرايىڭنى تۈرمە. ئەرلەر خوتۇنى تەرىپىدىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازىراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس. ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا، ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇت. قىزىم، ئېرىڭ ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بول. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلما. ئېرىڭنىڭ مېلىنى ئاسىراپ تۇت، ئىسراپ قىلما.1 S+ ~/ F9 ~4 i
2 L0 F$ `* T0 t Aقىزىم، ئۆيۈڭ رەتلىك، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن، بالىلىرىڭنى ئېرىڭگە ئامراق، ئېرىڭنى بالىلىرىڭغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىش. ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ.2 a* A" q& _+ P: _& A
* n# L0 ?, w. p8 t
قىزىم، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق، تەدبىرلىك ئاياللار ئۈچۈن ئېغىر ئىش ئەمەس. ئەقىللىق ئاياللار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەنمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى ئۆز ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ. قىزىم، بەزى ۋاقىتتا ئەرلەر ئاياللىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇنىڭ ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازىراق سۆزلە.
% x' C6 c7 ^: W# s0 T; J4 j
* u) u) P9 B5 q, bقىزىم، ئائىلە ھەرۋاقىت نېمەت ئەمەس، بەزى چاغلاردا زەھىرى، تىكىنى بولىدۇ. ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغوقچىلىق چۈشسە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سۆزلە، قىزىرىشما؛ چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە، ھۆرمەت قىل، ئۇ ھەرقانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما. ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر.& n3 ], \& s, f( r6 I" Y
& F! f9 G- y" D0 H* i: z9 pقىزىم، بالاڭ بولسا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسرا، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىل، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈر.1 ]9 z( B$ w5 p- `" k
6 }5 w4 A4 C. h4 E9 C: R2 k& m" Mمەمبە: 107.4 سەنئەت رادىئوسى<تۇرمۇش خاتىلىرى> پروگراممىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-18 12:17 AM % X! I; W/ m! C9 L4 Q
/ v J" s1 k. }# g) @( ^% R
|
|