muhakima يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 10:11 PM
ئالەملىك تارتىشىش كۇچى ھەرقانداق جىسىمدا ماسسىلا بۇل ...
بايا تارتىشىش دىگەن خەتنى تىز ئوقۇپ تارتىش دەپ چۈشىنىپ قاپتىمەن ، شۇڭا ھاۋا ، ئاتموسفىرانى تىلغا ئالغان يېرىم شۇ ئىدى ، بىراق مىنىڭ دىگىنىممۇ تارتىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدۇ .
مەسىلەن ، بىز ئاسمانغا بىر نەرسە ئاتساق ئۇ نەرسە ئېغىرلىقى ، شەكلى ۋە ھەجىمىگە ئاساسەن يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشىدۇ ، ئەگەر شۇ ئوخشاش نەرسىنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىپ ئوخشاش ئۇسۇل قوللانغاندا بولسا قايتىپ چۈشىشى خېلىلا ئاستا بولىدىكەن . دىمەك بۇ يەردە ھاۋا ، ئاتموسفىرانىڭ تەسىرى بار دىگەن گەپ .
دىمەكچىلىك يەر شارى بىلەن بىر تال كىچىك تاش ئوتتۇرسىدا تارتىشىش تەسىرى بولغاچقا تاش يەر شارىغا تارتىلىپ كەتتى ، ئەگەر تاشنىڭ ھەجىمى ۋە تەركىبىدىكى ئېلمىنىتلار يەر شارىنىڭكىدەك چوڭ ھەم كۆپ بولسا ئۇ ۋاقىتتا يەر شارى تارتىلغۇچى ، تاش بولسا تارىتقۇچى بولىشى مومكىن دەپ قىياس قىلدىم .
جىسىملاردىكى تارتىش كۈچى قەيەردىن كەلگەن ؟ قانداق بىر ئىچكى ئىنىرگىيە تارتىش كۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ ؟ بۇنىڭغا قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن .
فىزىكا بىلىملىرىم ناھايىتى كەمچىل بولغاچقىمۇ بىر قىسىم ئاددىي ئۇقۇملارغا بولغان چۈشەنچەم يىتەرلىك ئەمەس ئىكەن .