مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: muhakima

مۇھاكىمە : مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئالەم مودىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6088 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 07:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 07:46 PM
ياق ، ۋاقىت كىتىشى كېرەك ، بىراق بۇنىڭ مىخاينىزىمى با ...

ھە،ياخشى.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلغا پىكىرلىك تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11680
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1672 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 09:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىزدىنىش تورىدىكى Comeon نامىدىكى ئوستاز توردىشىمىز مەزكۇر مودىلغا قارىتا قاراشلىرى ۋە سۇئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتىكەن ، مەن قايتۇرغان ئىنكاسنى بۇيەرگە چاپلاپ قويدۇم.
مىنىڭ قارىشىمچە ئەڭ دەسلەپكى ئالەم ئىنتايىن يۇقۇرى تىزلىكتە  ئۇز ئۇقىدا ئايلىنىدۇ ياكى ئىپتىدائى ئالەمنىڭ خاس چاستوتىسى ۋە  سىپىنى بۇلىدۇ
بۇ جۈملىدىكى سىزنىڭ قارشىڭىز قانداق كەلگەن؟ياكى نېمە ئۈچۈن بۇ قاراشقا كەلگەن؟ياكى بۇ قاراشتىكى ئىلمى ئاساسىڭىز نېمە؟

ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئالەمنىڭ سىرتقى چىگىرىسىغا يېقىن جايلاشقان  (ئەلۋەتتە ئىچىكىرى ئۇرۇنلارغا جايلاشقىنىنىڭمۇ تۇۋەندىكىدەك بۇلىدۇ)ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ئاشىدىغانلىقتىن ماسسىسىدا ئېشىش كۇرۇلۇپ
سىز كۆزدە تۇتقان ئالەم پەقەت سامان يولى سېستىمىسىمۇ ياكى ئىنسانلار ھازىرغىچە كۆرۈپ ھېسابلاپ چىقىرالايدىغان دائىرىدىكى ئالەممۇ ياكى پۈتكۈل كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ چوڭ ئالەممۇ؟ سىرتقى چىگرىسى دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟چىگرا دېگەن بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايوننىڭ پاسىلى،دېمەك لوگىكا جەھەتتىن سىز تىلغا ئالغان ئالەمنىڭ سىرتىدا يەنە ئالەم بار دېگەن گەپ .شۇڭا بۇ يەردە ‹ئالەم›دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ ‹مۇھاكىمە›قىلىش توغرا بولامدۇ؟

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزەرىيەلەرنىڭ موتلەق كوپ قىسمى غۇۋا ئىنىرگىيە مەسلىسىنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ ، بۇنى ئالەمنىڭ ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيىسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاشنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزىريەلەر دەپ قايسى نەزىريەلەرنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟ ياكى سىز ‹نەزىرىيە›ئېتى بار بارلىق نەزىريەلەرنى ئۆگەنگەنمۇ؟ شۇنداقمۇ دەپ تۇرايلى، ئۇ نەزىريەلەرنىڭ غۇۋا ئىنىرگىيە مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايمىز؟ھەم بۇنى ئالەمنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيەسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا قانداق ئاساسىڭىز بار؟

.ئالەم چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بولمايدۇ .
بۈ بىر جۈملە يۇقىردا مەن تىلغا ئالغان ‹ئالەمنىڭ سىرتقى چىگرىسى›دېگەن سۆزىڭىز بىلەن زىت كېلەمدۇ قانداق؟

مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمچە ھەرقانداق بىر پەيتلىك ئالەمگە نىسبەتەن يۇرۇقلۇق تىزلىكى ئالەمنىڭ ئەڭ چېتىنىڭ تىزلىكگە تەڭ بۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ ، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ قىممىتى ئالەمنىڭ چىگىراسىدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ مەركەزگە نىسبەتەن تىزلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، يەنى ئۇمۇ دەۋىرى ھالدا ئوزگىرىدۇ!.
ئۇشبۇ تەسەۋۋۇرىڭىزنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟...ھەر قانچە پەرەز تەسسەۋۋۇر بولغاندىمۇ ئۇنىڭ بىر ئىلمى ئاساسى ياكى كېلىش مەنبەسى بولۇشى كېرەكتۇ؟

ئەگەر بۇ مودىل توغرا بولسا ، ئالەمنىڭ ماگىنىت قۇتۇبى بۇلىدۇ!
ئەگەر توغرا بولمىسىچۇ؟

مىنىڭچە - پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدۇ
سىزنىڭچە ؟ سىزنىڭچە بۇ جۈملىنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟ باكادىن باكالا پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغانسىز ؟ ئاندىن بۇيەردىكى باشقا سەۋەبلەر دېگىنى قايسى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟ ئاز بولسىمۇ ھازىرچە مۇشۇلارنى سوراپ تۇراي ، جاۋابىڭىزنى ئاڭلىسام دەيمەن ، بولمىسا بۇ مودىلنى مەنلا ياسىۋېتىدىغاندەك تۇرىمەن ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11680
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1672 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 09:42:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن سىزنىڭ مەزكۇر تىمىغا دىققەت قىلغانلىقىڭىز ۋە يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن . سىزنىڭ سورىغان (قىزىل خەتلىك ) سۇئالىڭىزغا جاۋابىم تۇۋەندىكىچە :
مىنىڭ قارىشىمچە ئەڭ دەسلەپكى ئالەم ئىنتايىن يۇقۇرى تىزلىكتە  ئۇز ئۇقىدا ئايلىنىدۇ ياكى ئىپتىدائى ئالەمنىڭ خاس چاستوتىسى ۋە  سىپىنى بۇلىدۇ .
بۇ جۈملىدىكى سىزنىڭ قارشىڭىز قانداق كەلگەن؟ياكى نېمە ئۈچۈن بۇ قاراشقا كەلگەن؟ياكى بۇ قاراشتىكى ئىلمى ئاساسىڭىز نېمە؟
خوببىلى قانۇنى ، ئارقا كۇرۇنۇشلۇك رادىئاتىسىيە ، ۋە ئالەمنىڭ ئالەم ئولچىمىدىكى زىچلىقىنىڭ تەكشى بۇلۇشى ، ئالەمشوناسلىق پىرىنىسىپى قاتارلىقلاردىن مەلۇمكى ئالەم كىچىك دائىرىدە زىچلىق تەكشى بولماسلىق ، چوڭ دائىرىدە زىچلىق تەكشى بۇلۇش ، كېڭىيىش تىزلىكى ئالەمنىڭ ھەممە يىرىدە ئوخشاش بۇلۇش قاتارلىقلار  ئالەمنىڭ كېڭىيىشىدە ھەممە ئاسمان جىسىملىرى ماسىسىنىڭ قانچىلىك بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر مەركەزدىن سىرتقا يۇنەلگەن كۇچنىڭ تەسىرىگە ئوچرايدىغانلىغىنى چۇشەندۇرىدۇ ، بۇ كۇچ مەركەزگە يۇنەلگەن ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ تەسىرىنى يىڭىپ ئالەمنى كېڭەيتىشى كېرەك ، مىقتار جەھەتتىن ھەر بىر جىسىم ئۇچىرىغان تارتىش كۇچى مەركەزدىن قاچما كۇچتىن كىچىك بولغاندا ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ، ئارىلىقنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى كىچىكلەيدىغان بولغانلىقتىن ئالەمنىڭ دەسلەپكى تىزلىنىشچان كېڭىيىشىنى كەلۇرۇپ چىقرالايدۇ ، بۇ ئارقىلىق ئالەمنىڭ تىزلىنىشچان كېڭىيىشىنىڭ ۋە چوڭ دائىرىدىكى زىچلىق تەقسىماتى تەكشىلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۇشەندۇرۇشكە بۇلىدۇ.
شۇڭا ئالەم ئەڭ دەسلەپتە يۇقۇرى تىزلىكتە ئوز ئوقىدا ئايلىنىدۇ دىگەن قاراش مەندە تۇرغۇزۇلغان. ئەڭ دەسلەپكى يۇقۇرى تىزلىكتە ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش
كىيىنكى مەزگىلدىكى كېڭىيىش ۋە ئوز ئۇقىدا ئايلىنىشنىڭ  كۇچ مەنبەسى.
ئالەمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئالەمنىڭ سىرتقى چىگىرىسىغا يېقىن جايلاشقان  (ئەلۋەتتە ئىچىكىرى ئۇرۇنلارغا جايلاشقىنىنىڭمۇ تۇۋەندىكىدەك بۇلىدۇ)ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ئاشىدىغانلىقتىن ماسسىسىدا ئېشىش كۇرۇلۇپ
سىز كۆزدە تۇتقان ئالەم پەقەت سامان يولى سېستىمىسىمۇ ياكى ئىنسانلار ھازىرغىچە كۆرۈپ ھېسابلاپ چىقىرالايدىغان دائىرىدىكى ئالەممۇ ياكى پۈتكۈل كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ چوڭ ئالەممۇ؟ سىرتقى چىگرىسى دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟چىگرا دېگەن بىر رايون بىلەن يەنە بىر رايوننىڭ پاسىلى،دېمەك لوگىكا جەھەتتىن سىز تىلغا ئالغان ئالەمنىڭ سىرتىدا يەنە ئالەم بار دېگەن گەپ .شۇڭا بۇ يەردە ‹ئالەم›دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ ‹مۇھاكىمە›قىلىش توغرا بولامدۇ؟
مەن بۇيەردە تىلغا ئالغان چىگىرا شىۋازچىلىد ھۇرىزۇنىدۇر ، ئالەم  چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بار ئالەمدۇر . ئينىشتىيىننىڭ تىنىچ ئالەم مودىلىدىمۇ ئالەم چەكسىز ، چىگىرىسى بار دىگەن . سىزچە ئېينىشتىيىننىڭ دىگىنى لوگىكىسىزمۇ؟
سىزنىڭ مىنىڭ تور نامىمنى ئالاھىدە ھالدا تىرناق ئىچىگە ئېلىپ نىمىگە دارتلىمىغانلىقىڭىزنى چۇشەنمىدىم . كەچۇرۇڭ ، بۇ قىلغىنىڭىز سىزنىڭ مىنىڭ قاراشلىرىمنى ئەمەس  ، مىنىڭ شەخسىيىتىمنى تەھلىل قىلىۋاتقاندەك تەسىر بىرىپ قويدى. سۆز ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزەرىيەلەرنىڭ موتلەق كوپ قىسمى غۇۋا ئىنىرگىيە مەسلىسىنى چۇشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ ، بۇنى ئالەمنىڭ ئوز ئۇقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيىسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاشنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن.
ھازىرغىچە مەلۇم بولغان نەزىريەلەر دەپ قايسى نەزىريەلەرنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟ ياكى سىز ‹نەزىرىيە›ئېتى بار بارلىق نەزىريەلەرنى ئۆگەنگەنمۇ؟ شۇنداقمۇ دەپ تۇرايلى، ئۇ نەزىريەلەرنىڭ غۇۋا ئىنىرگىيە مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايمىز؟ھەم بۇنى ئالەمنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئىنىرگىيەسى دەپ ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا قانداق ئاساسىڭىز بار؟

ھازىرغىچە ماڭا مەلۇم بولغان  روبىرتسون-ۋالكېر مىتىرىكى ئاساسىدىكى پىرىدمان ئالەم مودىلى يەنى ئولچەملىك مودىل ، ئېينىشتىين - دې ستتېر مودىلى ، لىمايتىر مودىلى ، بىيانىچ - 1 تىپلىق ئالەم مودىلى ، بىيانىچ -5 تىپلىق 5 ئولچەملىك مودىل ، گودىل مودىلى ، 6 ئولچەملىك مودىل ، ئېينىشتىيىن كارتان مودىلى ، دىراك پەرىزى ، غەيرى نوقتا تىئورمىسى ،  چوڭ پارتلاش مودىلى ، كۇشى مودىلى ، لىندى قاتارلىقلارنىڭ پارتلاش مودىلى قاتارلىق كەڭ مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى ئاساسىدىكى مودىل ، تىئورما ، پەرەزلەر ، خارتىلى - خاۋكىڭ لايىھەسى  ، ۋېلكىن لايھەسى قاتارلىق كۇۋانىت ئالەم مودىلىنىڭ ئىككى ئاساسى ئېقىمى ، كالۇزا - كىلىيىن مودىلى ....قاتارلىق  كۇۋانىت ئالەم مودىللىرىنى كۆرگەن ھەم شۇلارنى كۆزدە تۇتقان،  يۇقۇرىدىكى نەزەرىيە مودىللاردا غۇۋا ئىنىرگىيە توغرىسىدىكى بايانلارنى مەن ئوچراتمىدىم (مەن كورگەن ماتىرىياللار چەكلىك).
ئىسپاتلاش جەھەتتە شارائىتىم يار بەرگەندە ئىسپاتلاش ئۇچۇن تىرىشىمەن .

.ئالەم چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بولمايدۇ .
بۈ بىر جۈملە يۇقىردا مەن تىلغا ئالغان ‹ئالەمنىڭ سىرتقى چىگرىسى›دېگەن سۆزىڭىز بىلەن زىت كېلەمدۇ قانداق؟
ئەسلى ئالەم چەكسىز ، لىكىن چىگىرىسى بولىدۇ دىمەكچى ئىدىم ، باشقا بەتلەردە تۇزىتىش كىرگۇزگەن ، ئىزدىنىشقا كىرگۇزمەپتىمەن. كەچۇرۇڭ.
مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمچە ھەرقانداق بىر پەيتلىك ئالەمگە نىسبەتەن يۇرۇقلۇق تىزلىكى ئالەمنىڭ ئەڭ چېتىنىڭ تىزلىكگە تەڭ بۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ ، يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ قىممىتى ئالەمنىڭ چىگىراسىدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ مەركەزگە نىسبەتەن تىزلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، يەنى ئۇمۇ دەۋىرى ھالدا ئوزگىرىدۇ!.
ئۇشبۇ تەسەۋۋۇرىڭىزنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟...ھەر قانچە پەرەز تەسسەۋۋۇر بولغاندىمۇ ئۇنىڭ بىر ئىلمى ئاساسى ياكى كېلىش مەنبەسى بولۇشى كېرەكتۇ؟
بۇنىڭ ئاساسى ھازىرچە  ئىككى ، 1. ئالەمنىڭ كېڭىيىشى(تارىيىشى) غا ئەگىشىپ ھەقىقى بوشلۇقنىڭ ئىلىكتى ئوتكۇزۇشچانلىقى ۋە ماگىنىت ئوتكۇزۇشچانلىقىدا ئوزگىرىش بولىدۇ ، بۇ ئوزگىرىش يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئوزگىرىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
2. ئالەمنىڭ ئەڭ چىتىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكىنىڭ يۇرۇقلۇق تىزلىكىگە تەڭ بۇلۇشى ئالەم چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بار بۇلۇشىنىڭ ئالدىقى شەرتلىرىنىڭ بىرى .
مىنىڭچە - پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدۇ
سىزنىڭچە ؟ سىزنىڭچە بۇ جۈملىنىڭ ئاساسى نېمىكىن؟ باكادىن باكالا پىلازما قەۋىتى بىلەن يەرشارى پوست قەۋىتى بۇلۇڭلۇق تىزلىك پەرقىدىن ۋە باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بارلىققا كىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغانسىز ؟ ئاندىن بۇيەردىكى باشقا سەۋەبلەر دېگىنى قايسى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن؟
مىنىڭ ھىس قىلىشىم ۋە بىلىشىمچە ماگىنىت مەيدانى شەكىللىنىش ئۇچۇن تۇۋەندىكى ئىككى شەرتنىڭ بىرى قانائەتلىنىشى كېرەك ، 1 . ماگىنىتىلىق جسىم بەلگىلىك قانۇنىيەت بۇيىچە بىرلىشىشى كېرەك .
2. ئايلىنىۋاتقان ئىلىكتىر مەيدانى بۇلۇشى كېرەك .
يەرشارىنىڭ پوستىنى بىر ئوتكۇزگۇچ دىسەك پىلازما قەۋىتى زەرەتلىك روتۇرغا توغرا كىلىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن يەرشارى ماگىنىت مەيدانى شەكىللىنىشى مۇمكىن.
باشقا سەۋەپلەر ، 1. ۋە 2. خىل سەۋەپنىڭ ئورتاق نەتىجسى ياكى مەن تىلغا ئالمىغان ياكى بىلمەيدىغان سەۋەپلەر بۇلۇشى مۇمكىن.

ئاز بولسىمۇ ھازىرچە مۇشۇلارنى سوراپ تۇراي ، جاۋابىڭىزنى ئاڭلىسام دەيمەن ، بولمىسا بۇ مودىلنى مەنلا ياسىۋېتىدىغاندەك تۇرىمەن ....
يۇقۇرىدىكى بىر قاتار سۇئاللار سىزنىڭ بىلىم سەۋىيەرىڭىزنىڭ مىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرىلىغىنى ئىسپاتلىدى ، مەن ئالى مەكتەپتە دەرسخانىدا  ڧىزىكىنىڭ قارىسىنىمۇكورمىگەن، ماتىماتىكىدا بىئومىتىرىيەدىن باشقا ماتىماتىكا بىلەن تۇنۇشمىغان  ئالى مەكتەپ پوتتۇرۇپ 17 يىل مەمۇرى خىزمەت قىلىپ ، ماتىماتىكا ۋە ڧىزىكىغا دائىر  كەسىپ بىلەن ئوچىراشمىغان، بىر ئوزلۇگىدىن ئوگىنىپ بوۋاق بالىدەك ئۇمىلەپ كىتىپ بارغان ئادەممەن،   تەلىم بىرىشىڭىزگە موھتاجمەن.
، مەن مودىلنى مۇكەممەل دىگىنىم يوق ، مۇمكىن بولسا بۇ مودىلنى ‹‹ياساپ›› يىڭى مودىلنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
بىزنىڭ تەجىرىبە شارائىتىمىز ۋە يىتەرلىك تەتقىقات خىراجىتى قىلغىدەك ئىقتىسادىمىز يوق ، ئەمما ، نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشتا كاللىمىزنى يوق دەپ ھىچكىم ئېيتالمايدۇ!.
ئاخىرىدا ، سىزگە سالامەتلىك ، ئۇتۇق ، تېخمۇ گۇزەل تىل ، بەخت ، تەپەككۇر تىلەيمەن ۋە نۇرۇزلۇق سالام يوللايمەن.
ھورمەت بىلەن : ‹‹مۇھاكىمە››
2014.3.21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-21 09:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6088 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 09:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-3-21 09:42 PM
ئالدى بىلەن سىزنىڭ مەزكۇر تىمىغا دىققەت قىلغانلىقىڭىز ...

ئالەم  چەكسىز ئەمما چىگىرىسى بار ئالەمدۇر . ئينىشتىيىننىڭ تىنىچ ئالەم مودىلىدىمۇ ئالەم چەكسىز ، چىگىرىسى بار دىگەن . سىزچە ئېينىشتىيىننىڭ دىگىنى لوگىكىسىزمۇ؟
__________
ئېينىشتېيىن بۇنداق دىمىگەنغۇ دەيمەن.سىز تەتۆرىنى دەپ قويغاندەك قىلىسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6088 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 03:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارقا كۇرۇنۇشلۇك رادىئاتىسىيە ، ۋە ئالەمنىڭ ئالەم ئولچىمىدىكى زىچلىقىنىڭ تەكشى بۇلۇشى
___________
ھازىر ئالەم ئارقا كۆرۆنۈش رادىياتسىيىسى،ماددىنىڭ تەقسىملىنىشى قاتارلىقلاردا تەكشى بولماسلىق ھادىسىلىرى بايقالدى.سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز ئېينىشتېيىن زامانىسىدىكى گەپلەر.سىزنىڭ بۇ يېڭى بايقاشلاردىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ ياكى بۇ ھەقتە باشقىچە قاراشلىرىڭىز بارمۇ؟.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11680
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1672 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 03:57:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 03:42 PM
ئارقا كۇرۇنۇشلۇك رادىئاتىسىيە ، ۋە ئالەمنىڭ ئالەم ئول ...

مىنىڭ ئەڭ يىڭى كۇزىتىش نەتىجىلىرىدىن خەۋىرىم يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6088 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 04:02:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 03:57 PM
مىنىڭ ئەڭ يىڭى كۇزىتىش نەتىجىلىرىدىن خەۋىرىم يوق.

ھازىر شۇنداق ئەھۋاللار بار.بىر نەچچە يىللار بولدى بۇنىڭغا.قاراڭ:

كۆپ(تەكشى)ئالەم
多重宇宙_百度百科

http://baike.baidu.com/link?url= ... nLwT5fjJTN7Avbvh8R3


WMAP冷斑点 - 维基百科,自由的百科全书



http://zh.wikipedia.org/wiki/WMAP%E5%86%B7%E6%96%91%E9%BB%9E



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 04:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11680
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1672 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 04:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 04:02 PM
ھازىر شۇنداق ئەھۋاللار بار.بىر نەچچە يىللار بولدى بۇن ...

كوردۇم ، رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4827
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18522
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6088 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 04:06:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-3-23 04:06 PM
كوردۇم ، رەھمەت.


空洞(天文学) - 维基百科,自由的百科全书

http://zh.wikipedia.org/wiki/%E7 ... 6%96%87%E5%AD%B8%29




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش