گازا يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 10:08 PM
مەن ئەسلى ئنكاس يازمايتىم .بىراق ئۇ يولداش
نۇرۇزغا ق ...
قېرىندىشىم ،غۇرۇردىن گەپ ئېچىپ قاپسىز،مەن بۇيەردە ھېچكىمنى غۇرۇرلۇق ئەمەسكەن دېگىنىم يوق،ئۆزىڭىز بىر ئوبدان سۈرىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپمۇ يەنە كەينىگە نېمانداق قوپال تاپا-تەنە گەپلەرنى قىستۇرۇپ قويدىڭىز،ئەسلىدى ئۇ سۆزلىرىڭىزنى باشقا بىر ئىنكاس سۈپىتىدە يازسىڭىز توغرا بولاتتى قېرىندىشىم،دېمەكچى بولغىنىم ئۇ ئادەم سۈرىنى كۆرۈپ ئەمدى بىر ئويلىناي دەپ تۇرغاندا كەينىدىكى تەنە گەپ بىلەن ئەقلى بىردىنلا گەجگىسىگە ئۆتۈپ سىزگە قارشى جەڭ ئېلان قىلسا ئۇچاغدا ئاشۇ سۈرىنىڭ ھۆرمىتىنى سىز يەرگە ئۇرغان بولىسىز قېرىندىشىم،مۇشۇ سۆزۈمنى بولسىمۇ بىر ئويلىنىپ بېقىڭ،دەۋەت قىلىڭ،بىلمىسە كېرەك يوق چۈشەندۈرۈڭ،يەنە بەك بولمىسا ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىڭ.
ئاللاھ سۇبھانەۋە تەئالا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئالغانغا ئوخشاش بىز بىر بىرىمىزگە پەقەت ھەقنى تەۋسىيە قىلىپ قويالايمىز،ھىدايەتكە ،توغرا يولغا باشلىغۇچى پەقەت يىگانە بىر ئاللاھ.....
گەرچە ئوتتۇرىمىزدا ئايرىم ئىختىلاپلار بولسىمۇ بىراق مەن مۇنبەردە يەنىلا سىزنى ياخشى دوستلىرىمنىڭ بىرى دەپ كەلدىم،بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ ئنشائاللاھ......
بىراق سىزگە تەۋسىيەم:قېرىندىشىم،ئامال بار قوپاللىق قىلماڭ،دىلى ھىدايەتكە ھەقىقى يۇمشىغان ئادەم ئۇنىڭغا ئېزىپ ئىچۈرمىسىڭىزمۇ چۈشىنەلەيدۇ،دىلى كور ئادەمگگ ئۆزىڭىزنى مىڭ ئۇپراتسىڭىزمۇ بىكار،مەن شېرىن بۇلاق ناملىق كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتتىم،شۇنى ھېس قىلدىمكى پەيغەمبىرىمىز شۇ چاغلاردا شۇنچىلىك سەۋېرىچان ئىدىكى،ئۇنىڭ مۇشرىكلارغا تۇتقان شۇ سەۋرىچان ۋە خۇشخۇيلىقى نۇرغۇن مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئىسلامغا كىرىشىگە سەۋەپ بولغان......
مەۋقە ئورتاق،مۇئامىلە ئوخشىماس.
ئەقىدە ئورتاق،چۈشەنچە ئوخشىماس
ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن قېرىندىشىم ،يەنە باشقا تېملار ئۈستىدە ھەمسۆھبەتتە بولىشارمىز ئىشائاللاھ