tohotur يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 12:11 AM
..يولدىشىنىڭ كەچنى كەچ دېمەي مېنى ئاپىرىپ قويۇشلىرىدىن ...
مەن سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا ، بۇنى ئامىركىقتىكى مىېھرى مۇھەببەتنىڭ بىزلەردە ئىپادىلىنىشى دىسەك تازا قاملاشماپتۇ ، بىزدە ئۇ كۆچمەنلەر دۆلىتىدىن بۇرۇنمۇ بۇنداق مېھرى مۇھەببەت بار ئىدى، پەقەت بەزى تۈزۈم ئامىللار تۈپەيلىدىن شەخسىيەتچىلىك بىر ئاز ئەۋىج ئالغان شۇ ، ئەمما مەن ئالدىنقى ئايدا ئىچكىردىن يۇرىتقا قايتىش ئۈچۈن قەشقەر نىڭ ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ مېڭىشقا توغىرا كەلدى(چۈنكى مەن بارىدىغان ناھىيەگە ماشىنا يوقكەن) بىر قانچە قەشقەر شەھەرلىك سەپەرداشلىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ سەپىرىممۇ ناھايتى كۆڭۈللۈك قەشقەرگە يىتىپ كەلدۇق ، ئاپتۇبۇس بىزنى كىرەمباغدىكى خەلىقئارا ئاپتۇبۇس بېكىتىدە چۈشۈرۈپ قويدى، بۇ يەردىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ناھىيەگە ماشىنا قاتنايدىغان بېكەتكە بىرىشىم كىرەك ئىدى، ئارىدا بىر سەپەردىشمىزنىڭ ئوغلى ئاتىسىنى ئالغىلى ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن ئىكەن ، ئۇنىمىغىنمغا قويماي مىنى ماشىنىسى بىلەن يەنە بىر بېكەتكە ئاپىرىپ قويدى(ئۇكىشنىڭ دېيىشچە ئۆيى سەمەن يىزىسى تەرەپتە ئىكەن)، ئەگەر ئالدىرمىسام مېنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىدىغىننى ئېيىتقان ئىدى ، مەن رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ چۈشۈپ قالدىم.......مانا ھايات كارتىنلىرى مۇشۇنداق گۈزەلكەن ، پەقەت بىزنىڭ بايقىمىغان يىرىمىزلا بار خالاس.
مىسرانىم قېرىندىشمىزنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziyaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 09:55 AM