بۇ تىما بىلەن مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى بارمۇ ؟
بۇمۇ بىر بىلىمسىزلىك ھىەم نادانلىق~ ياخشى باشقۇرغۇچى بوپ قاپتۇق! توردا غەيۋەت ئۇقۇماي بىلىم ئ.ىگەلەيلى~
تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللا بولىدۇ!~
قۇياشنىڭ فوتوسفېرا قەۋىتىدە، بەزىدە تۇيۇقسىز نۇرلىنىپ كېتىدىغان ھادىسە يۈز بىرىدۇ، مانا بۇ ھادىسە چاقناش دېيىلىدۇ.چاقناشنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرىمۇ 11يىل بولىدۇ.چاقناشنىڭ پارتىلىشى بولسا قۇياش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ شىددەتلىك بەلگىسىنىڭ بىرى بولۇپ،قۇياش ھەرىكىتىنىڭ يەر شارىغا①(①يەر شارىدا يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ھادىسلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ) بولغان تەسىرى ؛ يەر شارنىڭ ئىقلىمىغا②(②بۇ ئاساسلقى تېمپۇراتۇرنىڭ تۇيۇقىسىز ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن دېڭىز يۈزىدە ئېرنانو ھاددىسى سەۋەبىدىن قىش پەسىلى كىرمەسىلىك ۋە پەسىل ئالمىشىغا تەسىز كۆرسىتىدۇ ) بولغان تەسىرى ؛ يەر شارىنىڭ ئىئونوسفېرا③(③ بۇ يەردە ئاساسلىقى بولسا سۈنئىي ھەمرالارنىڭ تۈيۇقسز ئىشلىمەسلىكى ۋە تېلغۇن قاتارلىق ئېلكتىرونلۇق ئالاقە قۇرالنىڭ سېگىنال قۇبۇل قىلالماسلقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ) قەۋىتىگە بولغان تەسىرى؛يەر شارىنىڭ ماگىنىت④ (④يەر شارنىڭ جەنۇب ۋە شىمال قۇتۇبىنى ئالمىشىشىنى كەلتۇرۇپ چىقرش ئېھتىمالى بار) مەيدانىغا بولغان تەسىرى قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
(2) خروموسفېرا: خروموسفېرانىڭ سىرتقى يۈزىدە ئەتىرگۈل رەڭگىدە بىر قەۋەت قۇياش ئاتموسفېراسى بولىدۇ،بۇ قەۋەت خروموسفېرا دېيىلىدۇ. خروموسفېرا ھەرە چىشى شەكلىدە بولۇپ، بۇ كۈچلۈك دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىدىن ئىبارەت.خروموسفېرا قاتلىمىدا بەزىدە تۇيۇقسىز نۇرلىنىپ كېتىدىغان ھادىسە يۈز بېرىدۇ بۇ چاقناش دېيىلىدۇ.