masrura يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 11:18 AM
پەتىۋانى سىز بىزدەك مۇنداقلا بىرەر كىتاپ ياكى بېرەر م ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم masrura،قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشىمۇسىز؟!.
پەتىۋانى سىز بىزدەك مۇنداقلا بىرەر كىتاپ ياكى بېرەر ماقالە ئوقۇپ قويغانلار چىقارمايدۇ بەلكى مۇجتەھىت دەرىجىسىدىكى ئالىملار چىقىرىدۇ،ئۇلار مەلۇم بىرەر مەسىلىنى توغرا خاتا دېيىشتە بىرەر كىتەپقا ئەمەس،ئايەت-ھەدىس،شۇ مەسىلە بىلەن باغلانغان تارىخى ۋەقەلىك،پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى،ساھابىلەر ۋە كىيىنكىلەرنىڭ ھاياتى،شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارغا مۇراجەت قىلغاندىن سىرت يەنە نەچچە كۈن ئىستىخارە نامىزى ئوقۇپ رەببىمىزدىن توغرا يول كۆرسىتىشنى تىلەپ ناھايىتى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چىقىرىدۇ،چۈنكى ئەگەشكۈچىلەرگە مەسئۇل بولىدۇ،قېنى ئەمدى ئېيتىپ بېقىڭ،سىزنىڭ بىرەر ماتىريالدىن كۆرگەن كۆز قارىشىڭىزغا ئەگىشەمدۇق ياكى مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىغىمۇ؟
يوشۇرماي راسىت گەپ قىلسام،سىزنىڭ يۇقۇردىكى ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق كۈلگەۈم كەلدى،ھەمدە ئۆزەمنى توختىتالماي بىر ھازا كۈلۈپ كەتتىم. نىمىشقا دىسىڭىز،سىزدەۋاتقان مۇجتەھىت دەرىجىسىدىكى ئالىملار(يەنى،ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئورگان سەئۇدى پەتىۋا كومتىتى)يىلىغا 30مىڭدىن ئارتۇق پەتىۋا چىقىرىدىكەن، ئۇلار سىز دىگەندەك ھەر بىر پەتىۋا ئۈچۈن نەچچە كۈنلەپ ئىستىخارە نامىزى ئوقۇپ،بۇنچا جىق تەرتىپلەرنى ئورۇنداپ يۈرسە،بۇ 30مىڭدىن كۆپ پەتىۋانى قانداقمۇ چىقىرىپ ئۈلگۈرتەلەيدۇ؟.