iptihar2014 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-20 03:51 PM
بۇ ئىشلار ھەممە يەردە بار . بۇنىڭغا نىمە دەيمىز بىز پەق ...
،سىزنىڭ كىتابىڭىز ئەمەلىي قوللنىشچانلىقى بار چارۋىچلارغا،قوشۇمچە باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللنىدىغان دىھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان كىتابكەن . مەن كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرسەممۇ بۇ كىتابنى مېنىڭ ئېلىشىم ناتايىن ،چۈنكى مەن شەھەرلىك ھەم باقمىچىلىققىمۇ قىزىقمايمەن ،شۇنداقلا كىتابقا ئېھتىياجىلىق بولغان دىھقان -چارۋىچىلىرمىز ئالامۇ ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى سىز مەندىن ياخشى بىلىسىز ،بىزدە يېرىىم جىڭ گۆشنىڭ پۇلىغا كىتاپ ئېلىپ ئوقۇيدىغان دىھقان قانچىلىك ؟
نەشرىياتقىمۇ تەس ،بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە ئۇلاغىمۇ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ بار ،كىتابىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ بىراق سېىتلىش تىراژى مەسلىسنى ئويلاپ چىقارمىغان بولشى مۇمكىن .
ئەسلى بۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابلىرىنى ھۆكۈمەت مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ سىزدەك كەىسپ ئەھلىلىرىگە قەلەم ھەققى بېرىپ يازدۇرسا ،دىھقان -چارۋىچىلارغا ھەقىسز تارقىتىپ بەرسە تامامەن بولاتتى ،بىراق ئۇنداق ئويلايدىغان باشلىقلار بىزدە يوقنىڭ ئورنىدا ...
دىھقانلارغا ھەقسىز تىلۋۇزۇر تارقىتىپ بەردى ،بۇغۇ ياخشى ئىش ،بىراق شۇنىڭغا قوشۇپلا سىزنىڭكىدەك كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتىپ بەرسە قانچىلىك مەبلەغ كىتەتتى ؟ تىلۋۇزۇردىن پەن -تېىخنىكا ئۆگىنىدۇ دىسە يامان كۈلگۈم كېلىدۇ ،تىلۋۇزردا جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ ،كىنۇ كۆرۈپ كۆڭۈل ئاچقىلى بولار ،لېكىن بىزنىڭ قاناللىرمىزدا دىھقانغا پەن -تېخنىكا ئۆگىتىدىغان ھەپتىدە بىر بىرىدىغان 30مىنوتلۇق «مۇنبەت تۇپراق »تىن باشقا قانداق پىروگرامما باركىنە؟