مېنىڭ مۇنبەرگە چىقىش سەۋەبىم---- ئىدارىغا كەلسەم، بىكارلىق كومپىيوتىر قويۇپ، ھەقسىز تورغا چىقىرۋاتسا، ئۆيگە كەلسەم، قىپقىزىل پۇل خەجلەپ، ھەق تۆلەپ تورغا چىقىۋاتسام، ھەقلىقتىنمۇ، ھەقسىزدىنمۇ پايدىلانمىسام بولماس
(چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ)
يىغىپ ئېيتقاندا ، ھەممىمىز ئەتراپىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەر تاپساق، بىلمىگەننى بىلىۋالساق دىگەن مەخسەتتە تورغا چىقىمىز.
بەزى تورداشلار ئېيتقاندەك، مۇنبەردە بەزى زىل، سەزگۈر تېمىلار يوللىنىپ ،مۇنبەرلەر ئۆزىنىڭ ھەم ئەزالارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ تەستىقلمىسا، پالانچى تور بېكەت تەستىقلايدىكەن، پۇستانچىسى تەستىقلىمايدىكەن دەپ ئاغرىنىدىكەنمىز. تەستىقلىسا ، نۆۋەتتىكى جەمىيەت ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايدىڭ تۇرۇپ، ئاز قالىدىكەنمىز ئىنكاس ئارقىلىق بىرىمىزنى- بىرىمىز پارتىيە مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگىلى. مەنچە بۇنداق قىممىتى بار، ئەمما ھازىر سەزگۇر ھېساپلىنىدىغان تېمىلارغا نىسبەتەن ئىنكاس يېزىش مەجبۇرىيىتىمىز بولمىغاندىن كېيىن، قالايمىقان ئىنكاس يازماي، ئوقۇپ تەربىيە ئالساقمۇ، تېما ئىگىسى ئىنكاس چۈشمىگەنلىك سەۋەپلىك مەيۈسلەنمەس.