mutallipp يوللىغان ۋاقتى 2014-3-21 09:48 PM
جامائەت سىلەردىن بىرگەپنى سۇرۋالاي ،،،،،،مۇشۇ ئۈستىد ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قېرىندىشىم، دۇبەي ئوتتۇرا شەرىق رايونى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، ئەرەپ دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدىغان پېرسىيە قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىفىلىكىنىڭ مەركىزى ئەبۇزەبىدىن قالسىلا ئىككىنجى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق دېڭىز پورتى شەھىرى. كىلىماتى سۇپتىروپىك بەلباغنىڭ چۆل ئىقلىمىغا ئىگە، ھاۋاسى قۇرغاق، تۇپراق ۋە سۈيى شورلۇققا مايىل.
دۇبەي ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك ئورنى، مول نىفىت بايلىق مەنبەسى، ھۆكۈمەت جەھەتتىن كۈچلۈك قوللاش ۋە ئېچىش سىياسەتلىرى تۈرتكىسىدە قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە ئالاھىدە تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋى داڭلىق شەھەرگە ئايلاندى. ئۇ دۇنيادىكى 10 چوڭ خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە شەھىرىنىڭ بىرى. دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات ۋە بىخەتەر ئەركىن سودا پورتىنىڭ بىرى. تەرەققىي قىلغان خەلقئارالىق مۇھىم قاتناش تۈگىنى. ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىقتىساد-تىجارەت مەركىزى. دۇنيانىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان ساياھەتچىلىك مەركەزلىرىنىڭ بىرى. 2020-يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزىلىدىغان شەھەر.
دۇبەي-خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە بازىرى، ئەركىن سودا رايونى، باج كەچۈرۈم رايونى، ئىقتىسادى ئالاھىدە رايونى، پىششقىلاپ ئىشلەش سودا رايونى...قاتارلىق ئەۋزەل ئىقتىسادى ئاساسلارغا ئىگە بولغاچقا گەرچە ئۆزىدىن نېفىتتىن باشقا بايلىق چىقمىسىمۇ پۈتۈن دۇنيا سودىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ يىغىپ ئەكەلدى. دۇنيانىڭ ئەڭ داڭلىق شىركەتلىرى دۇبەيدە تارماق شىركەتلىرىنى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ تىجارەتلىرىنى قىلماقتا ۋە دۇنياغا كېڭەيمەكتە. شۇڭا دۇبەيدىن كالا سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ چىقىشى، ئورمان ياڭىقىنىڭ چىقىشى، تەبىئىي ھەسەلنىڭ چىقىشى، تەبىئىي مېۋە شەربەتلىرىنىڭ چىقىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. بۇ خۇددى بىزنىڭ مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدىن ئالاھىدە مەھسۇلات چىقمايدۇ بىراق خوتەننىڭ ياڭىقى، قەشقەرنىڭ ئانىرى،ئاقسۇنىڭ ئالمىسى، كۇچانىڭ ئۆرۈكى، كورلىنىڭ نەشپۈتى،تۇرپاننىڭ ئۈزىمى...لەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئەڭ ياخشى ئورالغىنى، ئەڭ مۇۋاپىق باھادىكىسىنى يەنىلا ئۈرۈمچىدىن تاپالىغىنىڭىزغا ئوخشايدۇ. شۇ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىمىز ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە ھەتتا نۇرغۇن چەتئەل دۆلەتلىرىگە تارقىلىدۇ.
دىمەك، مەيلى ئىنسان ئۈچۈن بولامدۇ، ھايۋان ۋەياكى شەھەرلەردەك ئىجدىمائىي ھادىسىلەر ئۈچۈن بولامدۇ، ئۆزىنى جارى قىلدۇرىدىغان تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سەھنە ئىنتايىن مۇھىم.