elqe يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 03:59 PM
ئۆز مىللىتىنى ئۇلۇغ بىلىپ باشقا مىللەتلەرنى قۇل ئورن ...
ئەزەلدىنغۇ مۇشتاق تالاشقان تېمىلارغا ئارلاشمايىتتىم، پىكىر قىلىشقا ئالدىرىماي كۆپرەك ئويلىنىشقا ئالدىراڭ. ھازىرقىدەك پۈتۈن دۇنيادا ئاساسلىق تىنىچلىق تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتتە ياشاۋىتىپ، ھەممىسى باپباراۋەر دەپ سۆزلەش ئاسان. ئەينى دەۋىر قانداق دەۋىر؟ ھەتتا تارىخى كىنولاردىمۇ مەلۇم مىللەتلەرنىڭ بويى ھارۋا بويىدىن ئاشقان ئەرلىرىنى ئەتراپتىكى قوشنا مىللەتلەر ئۇلارنى تەرەققىي قىلغۇزماسلىق ئۈچۈن قىرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلۋالغىلى بولىدۇ. ئاشۇنداق كۈچلۈكلەر ياشايدىغان، ئاجىزلار ھالاك بولىدىغان، كۈچلۈكلەر بەگ بولۇر، ئاجىزلار قۇل بولۇر دىگەندەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن دەۋىردە، پەقەت ئىككى خىل تاللاش بار، بىرسى قۇل بولۇش، بىرسى بەگ بولۇش. گېتلىرنىڭ تارىختىكى ئاتىللا، ئىسكەندەر زۇلقەر نەيىن، چىڭگىزخان، .... قاتارلىق ئىستىلاچىلار بىلەن پەرقى يوق. ئۇلارمۇ ئۆز مىللىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قەبىيلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇنيانى ئىستىلا قىلىش كۆرىشىگە ئاتلانغان ۋە نۇرغۇن قانلارنى تۆككەن، گېتلىر بىلەن بولغان پەرقى بولسا، ئۇلار ھېسابتا ئۇتۇق قازانغۇچىلار، يەنى مۇۋەپپەقىيەتچىلەر، شۇڭا ئۇلارنىڭ يامان تەرىپىدىن كۆپرەك ياخشى تەرىپى قىلىنىدۇ. گېتلىر بولسا مەغلۇبىيەتچى، شۇڭا ئۇ فاشىسىت، دۇنياغا ئاپەت ياغدۇرغۇچى جاللات دىيىلىدۇ. تارىخنى ئاشۇنداق غالىبلار مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ قېنى بىلەن يازىدۇ. ئاددىغىنىسى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ تارىخىي ماقالىلىرىنى ئوقۇۋاتقانسىز، ئىسلام دىنىمىزنىڭ بۆشۈكى بولغان ئەرەبلەر ھوقۇق ۋە زېمىن ئۈچۈن يەنە بىر ئىسلام دۆلىتى بولغان ئوسمان تۈرۈك ئىمپىرىيىسى تەۋەلىكىدىكى زېمىنلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھازىرقىدەك ئاجىزلىشىش ۋە خارابلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ. بولمىسا ئۇلار ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر ئىنسانلارنىڭ باپ باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىزدىن ئوبدان بىلسە كېرەك. شۇڭا ئەينى دەۋىر قانداق دەۋىر كۆپرەك ئويلىنىپ ئاندىن پىكىر قىلىڭ، قورسىقى توق ئادەم ئاچنىڭ دەردىنى بىلمەيدۇ.