قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 01:57 PM
اللە شىپالىق بەرسۇن (ئامىن)
قۇسۇر تاپقىنىم ئەمەس نىمە ئ ...
ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ئېنىق سۈرىتىنى ئاشكارە قىلماسلىق كۆپىنچە ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىش. بۇرۇن ئىزدىنىش توربېتىدىمۇ ياردەم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئوچۇق- ئاشكارە چىقارغان ئىدى. بەزى ساخاۋەتچى تورداشلار سۈرەتنى خىرە قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇيغۇر خەق ئەزەلدىن ياردەم تەلەپ قىلغۇچىنى خەلقىي ئالەمگە يېيىپ «سازايى» قىلمايمىز. يېقىندا بىر ئېنگلىزچە توربەتتە، بەزى ساخاۋەتچىلەرنىڭ «ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سۈرىتى، تەپسىلىي ئادرىسى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئاممىغا ئاشكارە قىلماسلىقنى » تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم. قارىغاندا، چەتئەللىكلەر ئەمدىلەتىن بىز ئادەت قىلىپ بولغان يەرگە كەلگەن ئوخشايدۇ.
ئەگەر ئۇلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ باققۇڭىز بولسا، باشقىلارغا ئاشكارلىۋەتمەسلىك ئاساسىدا سىزنىڭ ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتىپ بەرسەم بولىدۇ.
تارانچى دېگەن بۇ يەردە، پەقەت 3لا بانكا بار. بىلىشىمچە، كۆپىنچە ئۇيغۇلاردا يېزا- ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسى بار، شۇڭا ئاپىسى مېنىڭ تەۋسىيەيىم بىلەن، مۇشۇ كارتىنى بىجىرگەن ئىدى.
دادىسىنىڭ نامىدا بىرەر كارتا يوق، دادىسى ئىشسىز بولغاچقا، ئۇ يەر- بۇ يەرلەردە ئىشلەيدىكەن، ئىش ھەققىنى نەقلا ئالىدىغان بولغاچقا، كارتا بىجىرمەپتۇ، ھەم كارتىنىڭمۇ دادىسىغا لازىمى يوق ئىكەن.
ئەگەر خالىسىڭىز، دادىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سوراپ بەرسەممۇ بولىدۇ.
ئىشقىلىپ، بۇ ئۇچۇر ساختا ئەمەس. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن بۇ ئائىلىنى. ئامىنەم مەممەتنىڭ ئۇكىسى مېنىڭ باشلانغۇچتىكى ساۋاغدىشىم بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىش نىيىتىدە، توردا ئاشكارە مۇراجەتنامە يېزىپ چىقتىم. ئاخشام مۇراجەتنامىنى يازغاندا، ئاپىسى ئامىنەم مەممەتمۇ يېنىمدا بار ئىدى. قىسقىسى، ئەتراپتىكىلەر قىلغان ياردەم بىلەن بۇ بالىنى يەنە بىر قېتىم داۋالاش سەل تەسكە توختاۋاتىدۇ. شۇڭا تور ئەھلىگە، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە مۇراجەت قىلدۇق.
ئەلۋەتتە، سىزنىڭ بۇلارنى سورىغىنىڭىزمۇ توغرا. بەلكىم بەزى تويماس كىشىلەر يالغان مۇراجەتنامە چىقىرىپ، پۇل ئۈندۈرۋېلىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن بۇ مۇراجەتنامىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئاللاھ نامىدىن گۇۋاھلىق بېرەلەيمەن.
ئەگەر مەزكۇر مۇراجەتنامە ئارقىلىق داۋالىنىش راستخوتى چىقىپ قالسا، ئۇلار نەچچە كۈن ئىچىدىلا بالىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقماقچى. ئاللاھ خالىسا، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھال- ئەھۋالى توغرۇلۇق يەنە بىر تېما يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.