مۇڭلانما قىزچاق
بەرنا قىز
سۈكۈتكە تولغان جىسمىڭ،نىشانسىز تىكىلگەن قارچۇقلىرىڭدىن،سۇلغۇن چىرايىڭ،ئۇزۇن قايرىما كىرپىكلىرىڭدە يالتىراۋاتقان تامچىدىن ،چوڭقۇر ئازاپلارغا مۇپتىلا بولغانلىغىڭنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.........
مۇڭلانما قىزچاق!ياشلىرىڭنى سۈرىت!ئورنىڭدىن دەس تۇر!ئازاپلىرىڭنى يىراق چۆرىۋەت!!!!
گۈل كەبى ھوسنىڭ سۇلمىسۇن!ئارمانلىرىڭنى ئازاپ ئاتلىق مىتە قۇرۇت غاجاپ تۈگەتمىسۇن!گۈلدەك ياشلىغىڭ تۇزىمىسۇن !شەھلا كۆزلىرىڭ ئەلەملىك كۆز ياشتا خىرەلەشمىسۇن!!!
مۇڭلانما قىزچاق،سىنىڭ يوقۇتۇپ قويغىنىڭ سەن قىيالمىغۇدەك،سەن شۇنچە ئازاپ تارتىپ ئەسلىگۈدەك،ساڭا ئاشىق بۇرۇنقى يۇرەك ئەمەس،بەلكى ھاياتنىڭ لاپ-لىپ قىلىپ يانىدىغان شەيتان كەبى تارتىملىق ھىسلىرىغا ئەسرا بولۇپ ،ئۇنىڭدىن كۆتىرۇلگەن تۇزانلاردا ئىسلىشىپ ئادىمىلىكىنى يوقاتقان،ۋىجدانىنى يوقاتقان،ئەقىدە دىگەننىڭ نىمىلىگىنى ئۇنۇتقان بىر سەلبى يۈرەكتۈر............
ئۇ سىنىڭ بۇنچە قەدىرلىشىڭگە ،ياش تۆكۈشىڭگە ،ئازاپلار چىكىشىڭگە ئەرزىمەيدۇ........
كۆزلىرىڭنى يوغان ئاچ ،ئەتراپقا نەزەر سال ،ھاياتقا ئۈمۈدلۈك باق!!!
سەن ھەممىنى يوقۇتۇپ قويمىدىڭ ،پەقەت ساڭا ئاسى بىر يۇرەكنى يوقاتتىڭ..............
بۇنىڭغا ئۈنچىلىك ئۈكۈنمە.................
قارىغىنا،بۈگۈنكى سەھەر قۇياشى نىمە دىگەن گۈزەل!ئورنىڭدىن تۇر دە سىرتقا چىقىپ ئالتۇنرەڭ قۇياشنىڭ يارقىن نۇرلىرىغا چۆمۇل،گۈزەل باھارنىڭ سالقىن ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە بەھىر ئال!
چىچەكلىك باغلاردا گۈزەل كىپىنەكلەر بىلەن قوغلاشماق ئوينا،مەجنۇنتاللارغا قونغان كاككۇكلار بىلەن ناخشا ئېيىت!!! تۈگۈسۈن ....تۈگۈسۈن....
بارلىق ئازاپلىرىڭ تۈگۈسۈن،ئۇنى باھار سەلكىنلىرى يىراقلارغا چۆرۈپ تاشلىسۇن!!!
`
مۇڭلانما قىزچاق...............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-25 11:11 AM