ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 52قەۋەت DJ_MardaN كە 2010-09-03 08:57 PMئەۋەتىلدى :
يېڭى تۈزۈمنى قوللايمىز، قوللىمايمۇ ئامال يوق. لېكىن تازىلاش جەريانىدا تېمىلار قارا-قويۇقلا ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپ قالدىمۇ قانداق؟ ھىچقانداق سىياسەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياكى باشقا نەرسە بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى بولمىغان تېماممۇ ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. خېلى جاپا تارتىپ يېزىپ چىققان پايدىلىنىش قىممىتى خېلى يۇقىرى بىر تېما ئىدى. بۇندىن كېيىن تېمىلار پات-پات ئۆچۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش بولسا يېزىپ تەييارلاش ئۈچۈن خېلى ئەمگەك سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى يوللاشتىنمۇ ئادەم قورقىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
شۇنداق بولغان ئوخشايدۇ ،مىنىڭ شۇنداق ،سىزنىڭمۇ شۇنداق ،باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ،مۇنبەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن بەزى تېمىلاردىن كەچمەيمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ ، مۇنبەرنىڭ مۇشۇنچىلىك تۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشۈنەيلى ،چۈنكى مۇنبەر مەسئۇللىرىنىڭمۇ يۈكى ئېغىر .