|
|
|
|
ئايئوۋا شىتاتىغا سەپەر--- ئامېرىكا سەپىرى 17- كۈنى.
شۇنداق قىلىپ ئادەم دېڭىزى نىۋيوركتىن ئايرىلدىم،ياتاق ئۆتكۈزىدىغانغا بىر مىنۇت كەتتى دىسەم ئىشەنمەيسىز ھەقاچان؟ چۈنكى ۋەتەندە بولسا ياتاق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىن دەپ قويۇپ بىرى چوقۇم كىرىپ تەكشۈرۈپ ، بۇزغان مەينەت قىلغانلارنىڭ ئالدىن قويغان پۇلىدىن تۇتىۋىلىپ دېگەندەك ئەڭ تېز بولسىمۇ 15 مىنۇتتا ياتاقنى ئۆتكۈزەلەيسىز ... يۇرتتىكى ئارتۇق ئىسراپ قىلغان 14 مىنۇت ئادەمگە ئىشەنمەسلىككە سەرپ بولۇندى.. ئەمما ئامېرىكىدىكى قالغان مىنۇت ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا بېرىلدى، دىمەك بىرىدە مەجبۇرىي ئاڭلىق قىلىش، يەنى پۇل ياكى باشقا نەرسىلەرنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئاڭلىق بولۇش تەكىتلەنسە، يەنە بىرىدە تەبئىي ئىشەنچتىن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئىدارە قىلىش تەكىتلىنىدىكەن،،بۇ يەردىكى روشەن پەرىقلەر شۇكى يۇرتلىرىمىزدىكى كامىرالارنىڭ كۆپلىكى بىزنى شۇ كامىرا بار يەردىلا ئاڭلىق ۋە قانۇنغا بوي سۇنىدىغان كىشى قىلىپ تەربىيلەپ، كامىرالار يوق يەرگە بارغاندا قالتىس ئازادىلىشىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ ،ئاددىيسى ماشىنا ھەيدىگەندىمۇ چىراق بار يوقلىقىغا قاراپ ،يوق بولسا مېڭىۋىرىپ ،نۇرغۇن خاتا ئىشلارنى قىلىشقا سەۋەب بولىدىكەنمىز..بۇ خىل ھالەت ئۇزۇن داۋاملىشىپ مېھىرلىرىمىزنىمۇ شۇنداق ئادىم كۆپ يەردە باشقىلارنىڭ كۆرىشى ئۈچۈنلا بېرىدىغان، دىنىي ئىتقاد تەسىرىدىن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تولۇق كونتۇرۇل قىلىپ ،ياراتقۇچىنىڭ ھەرقانچان پايانسىز زىمىننى كۆرۈپ تۇردىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ئۇنتۇشقا سەۋەب بولىۋاتىدۇ..جەمئىيەتنى ئاڭلىق ،مەدەنىي جەمئىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دەپ توۋلاۋاتقانلار ئەڭ ئاۋال ئۆزىنى تۈزىشى كېرەك،كېسەلنى ئۇرۇپ -سوقۇپ تۈزەتكىلى بولمىغىندەك كىشىلەرنىمۇ مەجبۇرىي،ياكى يامان ئىللەتلىرىنى تىللاپ تۈزەتكىلى بولمايدۇ...پەقەت ھەممىمىز ئاڭلىق ھالدا ئۆزىمىزنى ئىدارە قىلغاندا ،ئۆزىمىزنى تۈزەتكەندە،جەمئىيەت تۈپ ماھىيتىدىن تۈزۈلىدۇ، ئەگەر يەنە داۋاملىق شۇنداق كۆزىتىش ۋە كۆز بويامچىلىق داۋاملىشىۋەرسە،خۇددى ئەڭ نامرات بىر يېزىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ياردەم قىلماقچى بولغان باشلىققا ئەڭ يوغان قوتانغا لىق چارۋىلارنى سولاپ، يوللارنى قاتۇرۇپ سۈپۈرۈپ ، ماختاپ تەشۋىق قىلىپ ئۇلار كەتكەندىن كېيىن يەنە ئۆزىنىمۇ نامرات پېتى قالدۇرغاندەكلا ئىش بولۇپ قالىدۇ،ئاخىرىدا يەنە شۇ ئۆزىمىزنى ئالدايمىز،--- دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىرىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆكۈش ۋە ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش ، زىيارەتلىرىمنىڭ مەنالىرى مېنى يېڭى ھېكمەتلەر قوينىدا قايتىدىن ئويلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ..يۇرتتىن ئايرىلغىنىمغا نەچچە ھەپتە بولغان بولسىمۇ سېغىنىش ھېسياتلىرىم ھېچ بىسىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۈندىدار ۋە تېلفونلاردا سۆزلىشىپ ئۆتكەن بولساممۇ قەلبىم بۇ ئازغىنە جەرياندا ھېچ بىر ئۇيغۇرغا قېنىپ باقمىدى،ھەممىمىزگە ئېنىق ،ئۇچۇر دەۋرىدە ئالاقىلىشىش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ كەتتى،ھېچ كۈچىمەيلا دۇنيانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئادەم ئۆز ئارا سۆھبەتلەردە بولالايدۇ، ئەمما يەنىلا مەن ئۈچۈن قەدىم زاماندىكى خەت -چەكلىرىمىز ھەقىقەتەن قەدىرلىك ئىكەن،ئۇنىڭ قىممىتى مەڭگۈ مەڭگۈ يوقىمىغۇدەك،چۈنكى ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا قولىمىزغا ئېلىپ كۆرەلەيدىكەنمىز،قايتا قايتا ئوقۇپ ئويلىنالايدىكەنمىز،ھازىرقى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ سۆزلىرى، ئەمدى ئوقۇپ تۇرشىمىزغا يەنە بىرىنىڭ خېتى،تەپەككۇر ھەرخىل يەرلەردە، ھېچ بىر ئەستايىدىل ئويلانغۇدەك پۇرسەتمۇ يوق...ھەقىقەتەن قەغەزگە يېزىلغان خەت زىمىستان قىشتىكى ھارارەتلىك ئوتقا ئوخشاش قەلىبنى ئىللىتىدىكەن ....-------- ياتاق ئۆتكۈزۈپ ئايروپىلان ئىستانسىغا بارغىنىمدا پاۋۇلنى كۆرۈپ قەۋەتلا خوشال بولدۇم، ئەدلى پاۋۇلنىڭ گېپىنى كۈندە قىلىۋىرىپ ئاخىرى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مېنى يالغۇز قالدى دەپ ئۇنى كېيىنكى سەپىرىمىزگە قايتىدىن قوشۇپتۇ.. ئۇنى كۆرۈپ ئىللىقلىق ھېس قىلدىميۇ ئۆزەمچە بىر يەرلىرىدىن نارازى ، ھە ئەسلىدە دوپپامنى كەيمىدى دەپ رەنجىپتىكەنمەندە....
قىززىقتە ئىنسان دىگەن ، قانچە قىلغانسىرى بىلمەيدىغان، مەن دوپپىنى سوۋغا قىلغاندىن تارتىپ 3 كۈن دوپپىنى ئالماي كەيسە خۇددى دوپپىنى كېيىش چوقۇم مەجبۇرىيەتتەك قانائەت ھاسىل قىلماپتىمەن...ئۇ دىگەن ئامېرىكىلىق تۇرسا... ..كەيپىياتىمنى ئوڭشاپ قۇچاقلاپ كۆرۈشۈپ بولغىچە قوللىرىمدىكى ھاسامنى ئېلىپ ياردەملەشكىلى باشلىدى،،ئايروپىلان ئىستانسىدىكى تەكشۈرۈشتە ئاياغ سالمىدىم، ... ھاسام ۋە ئورۇندۇقلا بىمالال ئايروپىلانغا چىقالىدى، شۇنداقلا پۈتكۈل يولوچىدىن 5 مىنۇت بۇرۇن ئايروپىلانغا چىقتۇق، مەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كۈلۈشۈپ ئابابەكرىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ بىزمۇ كۈندە ئالاھىدە مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولۋاتىمىز دىيىشىپ كەتتى... ئالغان بېلەت بىلەن ئايئوۋا شىتاتىغا بېرىش ئۈچۈن چىكاگوغا ئالمىشىپ ئۇچۇشقا توغرا كەلدى...
ئايروپىلاندا ھېلىقى كىشىلەردىن دائىم ئاڭلىغان ھەمجىنىسلار كۆردۈم، ئاتىۋالغان تېتىقسىز ئاتالمىش مۇھەببەتلىرى كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى، تەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى، يا ئاللاھ، گۇناھكار بەندىلىرىڭنى كەچۈرگىن دىيەلىدىم ... زىمىن مەينەتچىلىكلەردە ھېلىمۇ كۆتۈرۈپ تۇرىۋىتىپتۇ...ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ئۇلارنى نېمىگە ئوخشىتىشنى ھەم بىلمىدىم،ھەقىقەتەن ھايۋانغا ئوخشاتسام ھايۋانغا بەكلا ئۇۋال قىلغان بولىمەن...ئۇقمىدىم...ئىشقىلىپ جاھاندىكى ئەڭ پەس،ئىپلاس قىلىقلارنى ئايروپىلاندا كۆرۈپ قالارمەن دەپ قەتئىي ئويلىمىغان ئىكەنمەن...ئۇلارنىڭ قىلىقلىرى كۆزۈمگە سانجىلىپلا تۇرۋالدى، ئايروپىلان ئۇچقاندىن تاكى توختىغۇچە قوللىرىنى قويۋەتمەسلىكلىرى، ئايروپىلاندا بىر يۇتۇم سۇنىمۇ ئىچكىم كەلمەس قىلۋەتتى..
ئۇلار ئۈستىدە كۆپ توختالغۇم يوق...ئاللاھ ھەر بەندىسىگە ھىدايەت ئاتا قىلا..چىكاگودا ئىككى سائەتچە ئارام ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى ئوماق بىر ئايروپىلانغا چىقتۇق،ئايروپىلان 38 كىشىلىك بولۇپ 1 ئايروپىلان كۈتكۈچىسى ۋە بىر ئۇچقۇچى بولۇپ 40 ئادەم ئايئوۋا شىتاتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق...ما ئايروپىلان ھاۋانىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىغىمۇ چىقمايدىكەن، خۇددى باغچىدا قىممەت باھاغا ئوينايدىغان ئويۇنچۇقتەكلا كىشىگە بىرخىل ياخشى كەيپىياتنى بېغىشلايدىكەن..
شەخسەن مەن ئۆزۈمنى ئايروپىلاندىكىدەك ھېس قىلمىدىم، 50 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن ئايئوۋا شىتاتىغا كەلدۇق..ئەسلىدە ئايئوۋاغا نىۋيوركتىن بىۋاستە كېلدىغانلار ئۇنچە كۆپ بولمىغاچقا شۇڭا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن،ئايروپىلان كىچىك بولغىنى بىلەن ناھايىتى پاكىز ئىدى... ئايئوۋا سەل سوغۇق بولۇپ ئۈرۈمچىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ھاۋارايىغا ئوخشاپ كېتەتتى.. ئەمما قىشلىق ھېچقانداق نەرسە ئالماپتىكەنمەن ئەمەسمۇ؟ بوپتىلا تېشىمنى ئىسسىق قىلۋالغاندىن قەلبىمنى دائىم ئىللىتىپ تۇراي...ئايئوۋا شىتاتىنى ياقتۇردۇم، بۇ ئامېرىكىنىڭ دەل ئوتتۇرى بولۇپ ئادەم سانى 70000 غا يېقىنلىشىدىكەن..
ئالدىمىزغا چىققان شوپۇر ئىككى ماشىنا بولۇپ ماڭا مەخسۇس ئايئوۋا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كىچىك ماشىنىشى ئاجرىتىلىپتۇ...پاۋۇل بىلەن ئىككىمىز گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ چامدىنىمنى ئايرىدىرومدا ئۇنتۇپ قاپتۇق، 40 مىنۇت يولنى بېسىپ ئاران ياتاققا كەلگەندە چامدان يوق، ئايرىدىرومغا قايتىدىن بېرىپ چامدىنىمىزنى ئېلىپ كەلدۇق،بىر ياخشى نىيەتلىك كىشى چامداننى ئىچىگە ئېكىرىپ مۇلازىمەتچىگە بېرىپ قويغان ئىكەن..بېرىپلا ناھايىتى ئاسان تاپتۇق، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلاردا سەپەر مۈشكۈلاتلىرى ئاسانلاشتى،،ئاللاھقا مىڭ شۈكرى...تاماق يېيىش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى ھىندىستان رېستۇرانىغا بېرىپ پاۋۇل بىلەن ھالال تاماق يەپ كەلدۇق، نىۋيوركتا بىر بېرىشىندا ئۈچ كۈنلۈك 6 ۋاقلىق تاماقنى ئەكىلىپ قويۇپ توڭلاتقۇغا سېلىپ يەپ، ھەر يىگەندە تىتىرەپ ھاۋا تەڭشۈگۈچنى ئىسسىق قىلىپ ئېچىپ قويۇپ توڭلاپ تۇرۇپ تاماق يىگەن ئىدىم..ئەمدى پاۋۇل كۈندىلىك ھالال تاماق مەسىلسىنى. پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىدىغان بولدى.. شۇنىمۇ دەيسىلە ،ما قوساق ئاچقاندا ھېچنىمە خوش ياقماي ،كۈندىلىك يېزىۋاتقان خاتىرلىرىممۇ ئازلاپ كەتكەن.... كۈندىلىك تورداش قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاس ۋە تىلەكلىرى مېنى يېڭىچە ھېسياتلاردا يېڭىچە تەپەككۇرلىرىمنى داۋاملىق يېزىشىمغا تۈرتكە بولىۋاتىدۇ.. ... ئاللاھ خالىسا كېيىنكى خاتىرەمدە ئايئوۋانى تەپسىلىيراق كۆزىتىپ يېڭى تۇرمۇش. ھاسىلاتلىرىمدا سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن...ئاللاھ سىلەرنى ئامان قىلسۇن---چىكاگو
|
|
|
|
|
|