مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nurjahan0997

ياقتۇردىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4561
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7734
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 1768 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 02:03:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك ياختۇردۇم،بىر نەچچىسىنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كۆرگەندەك قىلىمەن، مەنمۇ بىر نەچچە جۈملە ياختۇرۇپ ساقلىۋالغانلىرىمنى سىلەرگە سۇناي :

1.ھۆرمىتىم ھەممىنى بىلگەنگە ئەمەس،ئۆزىنى بىلگەنگە !

2.مۇھەببىىتى چىن بولسا كۆزىدىن كۆرىسەن،سۆزى چىن بولسا ھەركىتىدىن كۆرىسەن . ۋەدىسى چىن بولسا ئەمىلىيىتىدىن كۆرىسەن.ساداقىتى چىن بولسا ساڭا چىقارغان ۋاقتىدىن كۆرىسەن .

3.ۋاقىت ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، دەيدۇ،بىراق ئۇنداق ئەمەس،ئۇ پەقەت بىزنى ئازابقا كۆندۈرىدۇ خالاس!

4.ئەڭ خۇشاللىق ئىش ـــــــ باشقىلارنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇمنىڭ سەۋەبى سەن بولغانلىقىڭدۇر !

5.ياپراق دەرەختىن زېرىككەن ئىدى،كۈز پەسلى ئۇنىڭغا باھانە بولدى .

6.ئانا ـــــ ھەركىمنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىنى ھىچكىم ئالالمايدىغان كىشىدۇر !

7.قىلغانلىرىمغا ئەمەس،قىلغىنىمنى بىلمىگىنىڭگە ئىچىم سېرىلىدۇ.

8.كىمگە ياتلىق بولۇش بەك مۇھىم،چۈنكى ئۇ سىنىڭ كىيىنكى ئۆمرۈڭنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ؛ كىمنى ئەمرىگە ئېلىش ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم،چۈنكى ئۇ سىنىڭ كىيىنكى ئۆمرۈڭنى بەلگىلەپلا قالماستىن ،كىيىنكى ئەۋلادىڭنىڭ قانداق بولۇشىنىمۇ بەلگىلەيدۇ(خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىندى).

9.ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان ۋەدە ـــ يالغان سۆزدىنمۇ قورقۇنچلۇق،چۈنكى ئۇ باشقىلارنى ئىشەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى يەنە،ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئۈمۈد پەيدا قىلىدۇ.

10.بىزنىڭ ئەڭ زور خاتالىقىمىز ــــ ئەڭ ناچار كەيپىياتىمىز ۋە ئەڭ كۆرۈمسىز تەرىپىمىزنى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزگە قالدۇرىشىمىز. ئەكسىچە،مۇلايىملىق ۋە ئاقكۆڭۈللىكىمىزنى ناتونۇش كىشىلەرگە بېرىشىمىز.


مەنبە :توردىن ساقلىۋالغانلىرىم .

ھۆرمىتىم ھەممىنى بىلگەنگە ئەمەس،ئۆزىنى بىلگەنگە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش