uyyarikan يوللىغان ۋاقتى 2014-4-1 11:13 AM
قېرىپمۇ قاپسىز ، ئەمدى ياخشى ئىشلارنى ، ياخشى ئەمەللەر ...
ئورۇنلۇق سۆزلەپسىز .
ئادەم ناخشا ـ ئۇسۇلغا ياكى ناخشا ـ ئۇسۇل ئادەمگە سالجىدەك چاپلاشقاندا
ئۇلارنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدىكى جەڭگىۋار قاراشلىرىنى چىرىتىپ ، ھايات
سەھنىسىدىن بەخىت ئىزدەش غايىللىرىنى سىرلىق خىيالى تۇيغۇللىرىدىن قانائەت
ئىزدەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا بۇرۇۋېتىشى ھەمدە ، مۇسۇلمانلار جامائىتىنى
بولسا: ئىزدىنىش ، كۆرەش جاسارىتى كەمچىل ، مەرىپەت روھىي سۇس
ئەقىل كۈچى زەئىپ ، ئىمانىي مۈجمەل ، ئەخلاق ـ ساپاسى تۆۋەن ئاڭغا
جەمىيئەتكە ئايلاندۇرۇپ ، خار ـ زارلىق كوچىسىدا قېقىلىپ ـ سوقۇلۇپ يۈرۈشنى
ھار ئالمايدىغان ، بوشاڭ ، ھۇرۇن ، چېچىلاڭغۇ ، قاشاڭ ، ھاياسىزلىق
پاتقىقىغا پاتۇرۋېتىشى مۇمكىن .
ھەمدە پەيغەمبىرىمىز : ئەخلاقنامە دېگەن كىتابتا : << چاڭ ، تارىلىق
چالغۇلارنى چالغان كىشى جەننەت يۈزى كۆرمەيدۇ .ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت
قىلمايدۇ ، دوزاخقا تاشلايدۇ >> دېگەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-1 12:17 PM