malika1234 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-2 08:52 AM
بىزنىڭ دۈلىتىمىز قاچانمۇ ئامىركىغا يىتىشەر .
مېنىڭچە دۆلىتىمىزنىڭ بېيجىڭ ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، تىيەنجېن، خاڭجوۋ،ۋۇخەن، جىنەن،چېڭدۇ.....قاتارلىق تەرەققى قىلغان شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى خېلى كۆپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.....ئەمما ماۋۇ بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مائارىپى ناھايىتى زور تەرەققىياتقا مۇھتاج. ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ تېخىچە ------ئۆلچەملەشمىدى، ھەرقايسى جايلاردا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ 3 خىل ئەندىزىسىنى ، ئۆزى بىلگەنچە تاللاپ يولغا قويۇۋاتىدۇ.....!!!! ئۇنىڭ ئۈستۈگە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى -----ھەرقانداق ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ، ئىمتىھان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرى قىلىدۇ....بىزنىڭ ئەڭ قىلالايدىغىىمىز --------------- ئائىلىدىكى تەربىيەنى ياخشى قىلىش، ئاتا-ئانىلار بالدۇرراق ئويغۇنۇش،ئۆزى ئۈستۈدە تەپەككۇر قىلىش؛ بالىنى تېپىپ قويۇپلا، ھەممىنى مەكتەپكە ئىتتىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، ئۆزىمىز كەچكىچە تېلۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپ، بالىنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە مەجبۇرلاشتىن ھەزەر ئەيلەش.....!!!!!!!