|
|
|
|
ئۈمىدنىڭ 3-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.24 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن پەستىن سەكرەپ چىقىپ بازار ئۆسۈپ بازار يېپىلدى ھەمدە ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش بولغان بىر كۈننى ياراتتى .خەلقارا ئالتۇن ئۆسۈپ ھەر ئونسىيەسى 1291 دوللار ئەتراپىدا كەلدى ،تۈنۆگۈن 100 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقتىن سەكرەپ چىقتى ھەمدە باھا ئۆسۈپ بازار يېپىلدى ،ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش بولغان بىر كۈننى ياراتتى .تۈنۆگۈن ئېلان قىلىنغان ئامرىكىنىڭ ئا د پ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىقتى ،2-ئايلىق زاۋۇتلارنىڭ زاكاس تالونى كۆرسەتكۈچىمۇ مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىقىپ ،بازاردا غەيرى يېزا -ئىگىلىك سانلىم مەلۇماتىنى ياخشى چىقىدۇ دىگەن پەرەزنى يۇقىرى كۈتۈرۈپ دوللارنى ئۆستۈرۈپ قىسقا مۇددەتلىك ئالتۇننى باستى ،لېكىن تېخنىكىلىق ئامىلنىڭ تەلىپىدىن ئالتۇن ئازراق سەكرەشكە ئېرىشتى .
ئۈمىدنىڭ 3-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ئىقتىسادى خەۋەرلەر بىرقەدەر كۆپ ،مۇھىم خەۋەر ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ قارارى ۋە دېلاجنىڭ سۆزى ،ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىدۇ دىگەن پەرەز يۇقىرى كۈتىرىلدى ،لېكىن بانكىنىڭ ئۆسۈمنى تۈۋەنلىتىش مومكىنچىلىقى چوڭ ئەمەس .مۇھىمى يەنىلا دېلاجنىڭ سۆزى بازاردا چوڭ تەۋرىنىش پەيدا قىلىشى مومكىن .ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن جوڭگو ،ياۋرۇپا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ مۇلازىمەت كەسپى پ م ئاي ،ئامرىكا ۋە كانادانىڭ خەلقارا سودا ھىسابات تالونى ۋە ئامرىكىنىڭ ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .بۇلۇپمۇ ئامرىكىنىڭ خەلقارا سودا ھىسابات تالونى ۋە ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىغا دىققەت قىلىڭ ،بۇ ئۇچۇرلاردىن ئەتىدىكى چوڭ ئۇچۇرنى پەرەز قىلىشقا پايدىلىق .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى257.يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.95يۈەن
بىر دوللار 6.205 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.509 يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 1.6652 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3760 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-3 03:34 PM
|
|
|
|
|
|