malika1234 يوللىغان ۋاقتى 2014-4-5 11:32 PM
قاچان ئەۋەتىسىز
قاچقۇن ئاشىقىم
جىلۋە بىلەن ناز قىلىپ تۇرغان شەپەق نۇرلىرى يۈزۈڭنى سۆيگەندە،ئۆزۈڭنى چەتكە ئالدىڭ .ئېيىت مىنىڭ قاچقۇن ئاشىقىم،يوشۇرنۇش سىنىڭ ماھىيىتىڭمىدى؟
سەن سۆيگۈڭنى پىنھانغا ئالغاندا مەن سىنى باھار شاماللىرىدىن ئىزدىدىم.دالىلاردىكى تۆت قۇلاقتىن مۇھەببىتىمىزنىڭ گۈلگۈن سىيماسىنى
تاپماقچى بولدۇم.
سەن قارا كۆزلىرىڭنى يوشۇرغاندا مەن بىزنىڭ يۈرەك سىرلرىمىزنىڭ شاھىدى بۇلاقلاردىن سىنى سورىدىم. شۇنىسى
ئەجەبلىنەرلىككى تەشۋىشلىك پىچىرلاشلارنى ئاڭلاشقا تاقتىم قالماي ئۆزۈمنى مەجنۇنتاللارنىڭ خىيابان قوينىغا ئاتتىم.
مىنىڭ قاچقۇن ئاشىقىم ....مۇھەببەت ئۇ شۇنداق بىر ئېزگۈ تۇيغۇكى مەن ئەتىراپىمدىكى ھەممە ھەممىدىن سېنى ئىزدەيمەن.
ئۇ شۇنداق بىر سېھىرلىك تۇيغۇكى كۆز ئالدىمدا ھەمىشە سىنىڭ ئىللىق سىمايىڭ جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.
مەن ئۆز-ئۆزەمنى ئىنكار قىلغىنىمدىن يۈزلىرىم قىزىل گۈلدىن رەڭ تالىشىدۇ.
مىنىڭ قاچقۇن ئاشىقىم،مەنمۇ سىنىڭ ھاماقەت مەشۇقىڭمەنكىن ئويلىماپتىمەن، سىنىڭ بۇ پىنھاندا
يوشۇرنۇپ ياتقىنىڭنى..........
نازغىپ توزۇۋاتقان باھار چېچەكلىرىگە قاراپ يۈرىكىم تىنىمسىز تىپىرلىدى. ئەمدى بىلدىمكى سېنى ئۆزىگە پاسىبان قىلغان تۇتقۇن يۈرىكىم سىنىڭ مەڭگۈلۈك ئارامگاھىڭ...
گۈلمىسال يازمىسى
2014.4.4