قەرز پۇل
كۆزىمىزدىن ئۇيقۇنى ئېلىپ قاچتى قەرز پۇل،
قەلبىمىزگە ئاداۋەت ئۇرىقى چاچتى قەرز پۇل،
ئۇچىمىزغايوقسۇللۇق تۇننى ياپتى قەرز پۇل،
دىلىمىزدىن ئىماننى ئېلپ قاچتى قەرز پۇل،
بىزنى مازاق قىلغاندەك كۈلۈپ باقتى قەرز پۇل.
سوراپ كەلسە بىرى پۇل،قىلىپ قويغىن شەپقەت دەپ،
بىرىپ تۇردۇق كىرەك،يېزىپ يۈرمە ھۆججەت دەپ،
ئاغزىمىزداكىلىشىپ،مانچە كۈنلۈك مۆھلەت دەپ،
كىتىپ قالدى قەرىزدار سىزگە كۆپتىن رەھمەت دەپ،
يۇلىمىزغا ئايغى يوق ھاڭنى قازدى قەرز پۇل.
ئۈتۈپ كەتتى مۆھلەتمۇ قەرىزداردىن خەۋەريوق،
سۈيلەپ بارساق ئۆيىگە دىگەن قىزىل قەغەزيوق،
ئەتە-ئۆگۈن كەل دىگەن،ئېنىقراق بىر غەرەزيوق،
دەتنى تۆكسەك بىرىگە،ھالىمىزغا يىتەريوق،
ئەتىمىزگە يۇرۇماس شامنى ياقتى قەرز پۇل.
ئېنىق ئەمەس قەرىزنى بىردىغاننىڭ ئاي-كۈنى،
ئېشىپ كەتتى سوممىدىن پارچە-پۇرات چىقىمى،
يامان بولدى پۇل سۈيلەپ،ئەسلى پۇلنىڭ ئىگىسى،
ئالغان پۇلنى قايتۇرۇش،بۇخۇدانىڭ ھۆكىمى،
دوست-بۇرادەر ،يېقىننى چەتكە قاقتى قەرز پۇل.
پۇل يوقمىكىن دىسەڭ گەر،يامان ئەمەس ھال -كۈنى،
بىزبىرپۇلنى خەجلىسەك،ئۇخەجلەيدۇ ئىككىنى،
بولغايمىكىن بىراۋدىن ئەھلى-ۋاپا كۈتكىنى،
كەتتى داۋاھەققىگە يىغىپ تاپقان-تۈپكىنى،
گۈل چىرايغا نادامەت يىغاقاتتى قەرز پۇل.
قەرىز سۈيلەپ نەچچە رەت پۇتىمىزمۇ تالمىدى،
قەرىزدارغا يالۋۇرۇپ دىمىگەن گەپ قالمىدى،
كۆزلىرىگە مۇش چىنەپ قىلغان ھەيۋە ئاقمىدى،
ئۇنىڭسىزمۇ ئاپارغان سوۋغا-سالام ئازمىدى،
باش ئەگدۈرۈپ ئۆزگىگە بوزەك تاپتى قەرز پۇل.
ئىشىك ئالدىدا نەچچەرەت ئۇزۇن تاڭنى تۈنىگەن،
نەچچەكۈنلەپ قۇرساق ئاچ،تۈزۈك تاماق يىمىگەن،
ساقال-بۇرۇت ئۆسكىلەڭ،تۈزۈك كىيىم كىيمىگەن،
مەسخىرىدىن،تەنىدىن،يۈزقىزارغان جۈنىگەن،
غەم-قايغۇغا گادايلىق قۇشاق قاتتى قەرز پۇل.
كىچەلىرى جۆيلىتىپ،ئارامىداقويمىدى،
نىمە ئىلاج ئۇ پۇلنى زادى ئالماي بولمىدى،
بەرگەنگە مىڭ پۇشايمان،خەپلەپ ئىڭەك تولغىدى،
داغداقۇيۇپ قىيامەت، ئاخىرەتكە يوللىدى،
ئاخىرەتتە ئالماققا قارارتاپتى قەرز پۇل.
ئاپتۇرى :كىرىمجان ياسىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-4 06:11 PM