ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر!
مەن 2010 - يىلى ئالى مەكتەپكە چىقتىم. سىياسەت دەرىسلىكىنىڭ قانۇن قىسمىدا ئوقۇتقۇچىمىز بىر فىلىم قوياپ بەردى. بۇ فىلىم شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، چۈشەندۈرلىشى خىلى تەپسىلى ئىدى. ھەممەيلەنگە ئايان مۇشۇ شى رەئىس تەخىتكە چىقىپ، ھەممە يەردە خىيانەتچى - پارىخورلىققا قارشى شامال ئەدەپ كەتتى. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىز: دۆلىتىمىز شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمسىگە ئوخشاش ئىدارە قۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم تەربىيلەۋاتىدۇ دىگەنىدى، يەنى شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمىسى چوڭ قۇرۇقلۇققا ئادەم تەربىيلەپ بىرۋاتقانمىشكەنتۇق. ئۇزۇن ئۆتمەي گۇاڭجۇدا پارىخورلىققا قارشى تۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلىدى، كۆپ ئەپسۇس، يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىدارىنىڭ باشلىقىنى پارا يىگەن دەپ چۈشۈرۋەتتىغۇ دەيمەن. ئۈندىدار ۋە مۇنبەرلەردە يىقىندىن بۇيان جەمئىيىتمىزدىكى ھەر خىل ئىدارە - ئورگانلارنىڭ غەيۋەت شىكايىتى جىقلاپ قالدى. ئىشلار جايدا بىجىرىلمىگەن ياكى ۋاقتىدا بىجىرىلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ھەر خىل گەپ سۆزلەر چىققان. شۇڭا ئويلاپ - ئويلاپ، ھلىقى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ گىپى ئىسىمگە كەلدى: شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمىسى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئۈچۈن ئادەم تەربىلەۋاتىدۇ. ..... شۇڭا دەيمەن شى رەئىس چىقىپ، شاماللار خىلى كۈچلۈك چىقىشقا باشلىدى، ھەممەيلەن بۇنى شى رەئىسنىڭ تۆھپىسى دەپ قاراشتى، لېكىن مېنىڭچە بۇ شامالنىڭ چىقىشىنىڭمۇ ۋاقتى كىلىپ قالغان ھەم دەۋىرنىڭ ئېھتىياجىمۇ بۇنى كۈتكەنىدى...... شۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىمىز شىياڭگاڭنىڭ دۇنيادا مالاسىيەدىن قالسىلا پاكىزلىقتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردىغانلىقىنى دىگەنىدى...... مالايسىنىڭ ئايرىپىلانى يوقىدى.... بىر ئىككى يىل بۇرۇن ئازاتلىق ئارمىيە شىياڭگاڭغا كىرىپ ئورۇنلاشتى..... ئەمدى شۇ شۇ... قالدى ئىشلا ھەمميلەنگە تونۇشلۇق بولىشى مۇمكىن......ئەمدى مەنمۇ ئويلاپ .. ئويلا.... ئويلا شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكمىسىنى كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرغۇم كېلىپ قالدى.. بەلكىم بۇمۇ دەۋىرنىڭ ئېھتىياجىدۇرundefined undefined
( رەسىم قىستۇرۇشنى ئۇقمىدىم بىلىدىغنانلار دەپ بەرسەڭلار.....)
شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمىسى
شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكىمىتىنىڭ مۇستەقىل قانۇن ئىجرا قىلىش ئورنى. 1974 - يىلى 2 -ئاينىڭ 14 - كۈنى شىياڭگاڭ باش ۋالىي ئالاھىدە پاكلىق مەھكىمسى ۋالىيسى مەخسۇس خادىم ئەۋەتىش قارارى ئاساسىغا قۇرۇلغان، خىيانەتىنى تازلاپ،پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئاساس مەقسەت قىلىنغان، ئالدىنى ئىلىش، تەربىيە قىلىش ۋە تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن پايدىلنىپ ئىجرا قىلنىدۇ. قۇرلۇشتىن ئاۋۋال شىياڭگاڭ ساقچىلار ئەتىرىتى خيانەت – پارىخورلىققا قارشى تۇرۇش بۆلىمى مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. پاكلىق مەھكىمىسنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئوبېكتى مەمۇرلار بولۇپ، تەرەققىيات جەريانىدا ئاممىۋىي كەسپى ئورۇنلارغىچە، ھەتتاكى شەخسىي ئورۇنلارغىچە كىڭەيدى.
پاكلىق مەھكىمىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى ICAC
خۇسۇسىيتى: خىيانەتچىلىك – پارىخورلىققا زەربە بىرىدىغان مۇستەقىل قانۇن ئىجرا قىلىش ئورنى
1. قۇرلۇش ئارقا كۆرنىشى:
شىياڭگالىق پۇقرالارنىڭ ئورتاق بىر قارىشى بار. پاكلىق مەھكىمىسى شىياڭگاڭ جەمئىيىتنىڭ تەرەققىيات ئۇلى. شۇڭا پاكلىق مەھكىمىسنىڭ تەشۋىقات سۆزى شۇكى، شىياڭگاڭنىڭ ئەۋزەل ئورۇندا تۇرشى، سىزنىڭ ۋە پاكلىق مەھكىمىسنىڭ غەلبىسى. سىزنىڭ دىيانەتلىك بولۇپ، قانۇنغا ئۆزلۈكىڭىزدىن بويسۇنۇپ خىيانەت – پارىخورلىققا ئاكتىپ قارشى تۇرشىڭىز ھەمدە پاكلىق مەھكىمىسىنىڭ قورۇقماي – تەۋرەنمەي،ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىشى ، ئورتاق ھالدا شىياڭگاڭنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى،شۇنداقلا پاكىز، ئۈنۈملۈك، ئوچۇق بولغان ھۆكىمەت ئاپپاراتلىرى مۇھىتىنى ھاسىل قىلدى. بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن، خىيانەتكە قارشى تۇرۇش ئورنى قۇرۇش ئۈنچىلىك تەس ئەمەس، ئەمما قانداق قىلىپ تۈزۈلمىنى چوقۇرلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈش، كۈچلۈك ۋە داۋاملاشقان خىيانەتكە قارشى ئاممىۋىي ئىشەنچنى قۇرۇپ چىقىش بەسىي مۈشكۈل ئىش. (سىز - شىياڭگاڭ جەمئىيتىدە تۇرغا ھەر قانداق بىر كىشى . پاكلىق مەھكىمىسى - شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمىسنىڭ قىسقارتىلمىسى.(
خىيانەت پارىخورلىقنىڭ ئەۋج ئىلىشى ۋە شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمىسنىڭ مەيدانغا كىلىشى
ئۆتكەن ئەسىر70 – يىللاردىن بۇرۇن، شىياڭگاڭ جەمئىيتىدە خىيانەت – پارىخورلۇق ئەھۋالى بەكلا ئىغىرلاشقان. ھەتتاكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەتىرتىمۇ پۇل تەلەپ قىلغان، پۇل بىرىلمىسە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەخ مەيدانغا بىرىپ ، ئوتنىڭ ھەممى يالماپ كىتىشىگە قاراپ تۇرۇغان.
كېيىنكى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش بورانلىرىدا، پاكلىق مەھكىمىسنىڭ جازالاشقا مەسئۇل خادىمى خەن دې نىڭ مۇھىم بىر ئىقرار سۆزى بولغان: خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق شىياڭگاڭ ساقچى ئەتىرتىدە بىر تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلانغان، خۇددى كېچلىكى ئۇخلاش، كۈندۈزى ئورنىدىن تۇرۇش، چىش چوتكىلاشتەك تەبىئىي ئەھۋاللاردەك... 1973 – يىلى، خىيانەت – پارىخورلىققا چىتلىغان شىياڭگاڭ جىيۇ لوڭ باش مەسئۇل ساقچىسى گې بەينىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا 420 تۈمەن شىياڭگاڭ پۇلنى ئېلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا چىگىردىن چىقىپ كىتىشى، شىياڭگاڭ جەمئىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان. خىيانەت – پارىخورلىققا چىداپ بولالمىغان شىياڭگاڭ خەلىقى كوچىغا چىقىپ، <خىيانەتچى گې بەينى تۇتايلى> دەپ ھەيۋەتلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن.
شىياڭگاڭ باش ۋالىلىقىغا تەيىنلەنگەن مەي لى خاۋ ئىشنىڭ ئىغىرلىقىنى تۇنۇپ يېتىپ، ئالاھىدە تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇلى بەي لى چۈ سېرنى ھەيئەت قۇرۇپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن. بەي لى چۈ دەرھاللا داڭلىق < بەي لى چۈ باياناتى>نى ئېلان قىلىپ، شىياڭگاڭ ساقچى ئەتىرتىدە خىيانەتچىلىك – پارىخورلىققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمى ساقچى تەرەپتىن ئايرىپ چىقىلمايدىكەن، ئۇنداقتا ئامما ھۆكىمەتنىڭ خىيانەتچى – پارىخورلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇ بايانات لى مەي خاۋنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ، 1974 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى قانۇن چىقىرىش ئىدارسى< شىياڭگاڭ باش ۋالىي پاكلىق مەھكىمسى مەخسۇس خادىم ئەۋەتىش قارارى > نى ماقۇللاپ، ھىچقانداق ھۆكىمەت ئورگىنى شۇنداقلا ساقچى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان مۇستەقىل خىيانەتچى – پارىخورلىققا قارشى تورۇش تەشكىلاتىنڭ قۇرۇلغانلىقنى ، شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمىسى دەپ ئاتايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
1974 – يىلى پاكلىق مەھكىمسى قۇرلۇشتىن بۇرۇن، شىياڭگاڭ خىيانەتچى – پارىخورلۇق گۈللەپ ياشنىغان جەمئىيەت ئىدى. پاكلىق مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ بىرقانچە يىل ئىچىدە، شىياڭگاڭ سىنگاپورغا ئوخشاشلا دۇنيادىكى پاكىز رايونلار قاتاردىن ئورۇن ئالدى. مۇناسىپ ھالدا، شىياڭگاڭ پاكلىق مەھكىمىسى دەسلەپكى گۇمان بىلەن قارايدىغان ئورۇندىن ئېنتايىن تېزلا ئاممىۋىي ئىشەنچكە ئىرىشش باسقۇچنى بىسىپ ئۆتتى . مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە تەڭشەشلەر جەرياندا، شىياڭگاڭ پۇخرالىرىنىڭ پاكلىق مەھكىمىسىگە بولغان ئىشەنچى باشتىن - ئاخىر 90 پىرسەنىت ئەتراپىدا بولدى، پاكلىق مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاش بولسا 99 پىرسەنتتتىن ئىشىپ كەتتى.
شىياڭگاڭ پاكلىك مەھكىمىسى < پاكلىق مەھكىمىسى قارارى> غا ئاساسەن قۇرۇلغان، 1974 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15- كۈنى قۇرۇلغان. ئۇ شىياڭگاڭ ھۆكىمىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن مۇستەقىل بولۇپ، باش ۋالىي مەھكىمىسى بىۋاستە مەمۇرى قوماندان ئەۋەتىپ باشقۇرىدۇ. شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، پاكلىق مەھكىمىسى شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا بارلىق خىيانەتچى – پارىخورلىق خىزمەتلىرىنى مۇستەقىل ھوقۇقلۇق ھالدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.
2. تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى
پاكلىق مەھكىمىسى ۋالىيىسى، مەمۇرىي باش شىتاب، ئىجرا قىلىش ئورنى، خىيانەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنى، جەمئىيەت بىلەن ئالاقلىشىش ئورنى
قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىش، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، تەربىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن خىيانەتچىلىككە زەربە بىرىدۇ.
ئىجرا قىلىش ئورنى
شەھەر پۇخرالىرى مەلۇم قىلغان خىيانەتچى – پارىخورلارنى ۋە خىيانەتچى - پارىخور جىنايتى بار دەپ گۇمانلانغانلارنى تەكۈشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش. ئىجرا قىلىش ئورنى خىيانەتچىلىككە قارشى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، پاكلىق مەھكىمىسنىڭ ئەڭ يادرولۇق بۆلىمىدۇر. بۇ بۆلۈمدە 900 دىن ئارتۇق ئادەم بار بۇلۇپ پاكلىق مەھكىمىسى ئومومىي ئادەم سانىنىڭ4|3 قسمىنى ئىگەللەيدۇ، بىر نەپەر پاكلىق مەھكىمىسى مۇئاۋىن ۋالىيسى ئىجرا قىلىش ئورنىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالىدۇ، باشقۇرشىدا ھۆكىمەت ئورنىنىڭ خىيانەتچىلىكنى تەكشۈرۈش، شەخسى ئورگانلارنىڭ خىيانەتچىلىكىنى تەكشۈرۈش، تېخنىكا ياردەم بىرىش، شۇنداقلا ئاخباراتلارنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت تۆت بۆلۈم بار.
قانۇندا بەلگىلەگەن ۋەزىپىسى: 1. خىيانەتچىلىك ئەيىبىنى قوبۇل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش. 2. ھەر قانداق < پاكلىق مەھكىمىس قارارى > ، < پارا بىرشنىڭ ئالدىنى ئىلىش قارارى> ۋە <سايلام قارارى( كۆچۈرمىكەشلىك ۋە قانۇنسىز قىلمىش)> غا خىلاپلىق قىلغان ياكى ئەيىبلەنگەنلەرنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تەكشۈرۈش. 3. ھەر قانداق ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلتىپ قاقتى – سوقتى قىلغانلارنى تەكشۈرۈش. 4. خىيانەتچىلكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى چىتىلىپ قالغانلارنى تەكشۈرۈش.
تەشكىل قۇرۇلمىسى: 1. ئىجرا قىلىش بۆلىمى پاكلىق مەھكىمىسى ئەڭ چوڭ بۆلىمى، باشقۇرۇشنى ئىجرا قىلىش ئورنىنىڭ رەھبىرى ئۆتەيدۇ، باشقۇرشىدا ئىككى تەكشۈرۈش بۆلىمى ۋە پاكلىق مەھكىمىسى مۇئاۋىن ۋالىيىسى < ئىجرا قىلىش بۆلىمى باشلىقى > غا بىۋاستە قاراشلىق تېخنىكا ياردەم بۆلىمى< ئاسلىق دېلو تەكشرۈش جەريانىدىكى تېخنىكىلىق ئىشلارغا مەسئۇل> بار. ئىككى تەكشرۈش بۆلىمى ئايرىم ھالدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە شەخسىي ئىگىلىكتىكى خىيانەتچىلىككە مۇناسۋەتلىك جىناي قىلمىشلارنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش بۆلىمى قارمىقىدا تۆت تەكشۈرۈش گۇرۇپىسى تەسىس قىلىنغان، بىرىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسغائا \ ب \س\ ي گۇرۇپپىلار ئايرىلغان، ئاساسلىق ھۆكىمەت ئورۇنلىرىنىڭ دېلولىرىنى تەكشۈرىدۇ؛ ئىككىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسغا د\ ئې\ ف\ز گۇرۇپپىلار ئايرىلغان، ئاساسلىق شەخسىي ئورگانلارنىڭ خىيانەتچىلىك دېلولىرىنى تەكشۈرىدۇ؛ ئۈچۈنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسغا گ\ھ\ ر\خ گۇرۇپپىلار ئايرىلغان، بۇنىڭدا گ گۇرۇپپا ئاخباراتقا ۋە دۆلەت ئىچى سىرتى بىلەن ئالاقلىشىشقا مەسئۇل، ھ گۇرۇپپا ئىز قوغلاشقا مەسئۇل، ر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاستىكىلاپ تەققىق قىلىشقا مەسئۇل، خ گۇرۇپپا سايلام ۋە ئاممىۋىي ئورۇنلارنىڭ دېلولىرىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل؛ تۆتىنچى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسغا ئى\ج\ك\ل گۇرۇپپىلار ئايرىلغان، بۇنىڭدا ئى گۇرۇپپا ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ھەرىكەتنى قوللاشقا مەسئۇل، ج گۇرۇپپا سىياسەت ۋە قانۇنلارنى تەتقىق قىلىشقا ، تەربىيلەش ئورنىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل، ك گۇرۇپپا ئۇچۇر- تېخنىكىغا مەسئۇل، ل گۇرۇپپا ئىچكى قىسىم تەكشۈرشىگە مەسئۇل.
2. ئىجرا قىلىش ئورنى خىيانەتچىلىكنى مەلۇم قىلىش مەسلىھەت بىرىش كومىتىتىغا دائىملىق ھالدا بۆلۈملەرنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ۋە مەسلىھەت پىكىرلىرىنى قاراپ چىقشغا بىرىدۇ.
خىيانەتچلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنى
ھۆكىمەت ئورۇنلىرى شۇنداقلا ئاممىۋىي ئاپپارتلارنىڭ خىزمەت تەرتىۋى ۋە باسقۇچلىرىغا تەپسىلى قاراپ چىقىپ، خىيانەتچىلىك ئەھۋاللىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشنى ئازايتىدۇ؛ بۇندىن باشقا، بۇ ئورۇن شەخسىي ئورگانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. خىيانەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنى ئاساسلىق خىيانەتچىلىكتىن مۇداپىئەلىنىشكە مەسئۇل. باشقۇرشىدا ئىككى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بار، مەخسۇس ھۆكىمەت ئورۇنلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت تەرتىپ باسقۇچلىرىنى تەكشۈرىدۇ، ھەمدە شەخسى ئورگانلارنىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسلىھەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خىيانەتكە چىتىلىغان يوچۇقلارنى تىپىپ چىقشقا ياردەم قىلىدۇ، خىيانەتچىلىكنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قانۇندا بەلگىلەگەن ۋەزىپىسى: 1. ھۆكىمەت ئورۇنلىرى شۇنداقلا ئاممىۋىي ئاپپارتلارنىڭ خىزمەت تەرتىۋى ۋە باسقۇچلىرىغا تەپسىلى قاراپ چىقىپ، ئوڭايلا خىيانەتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خىزمەت تەرتىپ – باسقۇچلىرىنى ئۆزگەرتىشكە، تەكلىك بىرىشكە مەسئۇل. 2. شەخسىي ئاپپاراتلار ۋە شەخسىيلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش تەكلىپلىرىنى تەمىنلەش. 3. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، خىيانەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنى دائىم ھەرقايسى ئاپپارات- شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرى بىلەن يىقندىن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەھلىھەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
تەشكىل قۇرۇلمىسى:
1. خىيانەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنىنى بىر نەپەر باشقارما باشلىقى باشقۇرىدۇ، باشقۇرشىدا ئىككى نەپەر ياردەمچى باشقارما باشلىقى ياردەملىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ.
2. خىيانەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنىدا تەجىرىبىلىرى مول بولغان مەخسۇس خادىملاردىن بىر ئەتىرەت بولىدۇ، كۈچىنىڭ بارىچە ئاممىۋىي ۋە شەخسىي ئاپپاراتلارغا ئۈنۈملۈك بولغان خىيانەچلىككە قارشى تۇرۇش مەسلىھەتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇلار بۇرۇنقى نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئىنژېنېر، ئۆلچەش خادىملىرى، كاسسىر ۋە دەلىللىگۈچى، ئۇچۇر - تېخنىكا خادىملىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. 3
. خىيانەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنى مۇدەتتىلىك ھالدا مەزكۇر بۆلۈمنىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسلىھەتچىلىك كومىتىتىنىڭ دوكىلات خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىدۇ.
جەمئىيەت بىلەن ئالاقلىشىش ئورنى
شەھەر پۇخرالىرىنىڭ خىيانەتچىلىكنىڭ ئاقىۋىتىنى تۇنۇپ يىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەمدە پۇخرالارنىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئاكىتىپ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
جەمئىيەت بىلەن ئالاقلىشىش ئورنىنىڭ باشقۇرشىدا ئىككى بۆلۈم تەسىس قىلنىدۇ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا شەھەر پۇقرالىرىغا پاك - دىيانەتلىك، ئۆزلىكىدن قانۇنغا بويسۇنىدىغان تەشۋىق – تەربىيە پائالىيتەلىرىگە، ھەمدە مەلۇم قىلىش ئورنى ۋە يەتتە رايوندىكى ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مەسلىھەت ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل.
قانۇندا بەلگىلەگەن ۋەزىپىسى: 1. ئاممىۋىي پۇخرالارغا خىيانەتچىلىكنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇپ يىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 2. ئاممىۋىي پۇخرالارنىڭ خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشۋىق قىلىش قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
تەشكىل قۇرۇلمىسى:
1. جەمئىيەت بىلەن ئالاقلىشىش ئورنىنى بىر نەپەر رەھبەر باشقۇرىدۇ، باشقۇرشىدا ئىككى بۆلۈم تەسىس قىلىنىپ ئىككى ياردەمچى رەھبەر ئورتاق باشقۇرىدۇ.
2. جەمئىيەت بىلەن ئالاقلىشىش ئورنى ئاساسلىق كۆپلىگەن تەشكىلى ئاپپاراتلارغا بۆلىنىدۇ ، ئاساسلىق خىزمەتلىرى تارماقلارنىڭ تەشۋىقات ستراتېگىيەلىرىنى تەسىس قىلىش، شۇنداقلا شەھەر پۇخرالىنىڭ خىيانەتچىلىككە بولغان تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈش. چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇۇرپ پاك - دىيانەتلىك بولۇشنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەشۋىق قىلىش. مۇئەللىم، مەكتەپ، مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق توغرا قىممەت قارشىنى تەشۋىق قىلىش.
3. جەمئىيەت بىلەن ئالاقلىشىش ئورنى تەۋەلىكىدىكى يەتتە رايون ئش بىجىرىش ئورۇنلىرى ئارقىلىق تۆۋەندىكى ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ: ھەر قايسى ساھە ۋە شەھەر پۇخرالىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقلىشىپ، پاك – دىيانەتلىك بولۇش تەلىم - تەربىيە خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىيانەتچلىك مەلۇماتلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈش.
پاكلىق مەھكىمىسنىڭ كەسپى دەرىجىسى ( يۇقىردىن تۆۋەنگە)
پاكلىق مەھكىمىسى باش ۋالىيسى
پاكلىق مەھكىمىسى مۇئاۋىن باش ۋالىيسى( ئىجرا قىلىش ئورنىنىڭ رەھبىرى)
ئىجرا قىلىش ئورنى
پاكلىق مەھكىمىسى مۇئاۋىن باش ۋالىيسى
باشقارما باشلىقى
ياردەمچى باشقارما باشلىقى
باش تەكشۈرۈش مۇدىرى
بىرىنچى تەكشۈرۈش مۇدىرى
يۇقىرى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش مۇدىرى
تەكشۈرۈش مۇدىرى
ياردەمچى تەكشۈرۈش مۇدىرى
خىيانەتچلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئورنى
باشقارما باشلىقى
ياردەمچى باشقارما باشلىقى
باش خىيانەتچىلىككنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇدىرى
بىرىنچى خىيانەتچىلىككنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇدىرى
يۇقىرى دەرىجىلىك خىيانەتچىلىككنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇدىرى
خىيانەتچىلىككنىڭ ئالدىنى ئىلىش مۇدىرى
جەمئىيەت بىلەن ئالاقلىشىش ئورنى
باشقارما باشلىقى
ياردەمچى باشقارما باشلىقى
باش پاكىلىق تەلىم تەربىيە مۇدىرى
بىرىنچى پاكىلىق تەلىم تەربىيە مۇدىرى
يۇقىرى دەرىجىلىك پاكىلىق تەلىم تەربىيە مۇدىرى
پاكىلىق تەلىم تەربىيە مۇدىرى
ياردەمچى پاكىلىق تەلىم تەربىيە مۇدىرى
( مۈشۈنچىلىك تەرجىمە قىلدىم ھازىرچە... قالغىننى كېيىن تەرجىمە قىلىپ داۋاملىق يوللايمەن)
بولسا مۇشۇ كۆپچىلىك پۇل ئىمپىريسى دېگەن كىنونى كۆرگەچ تىخمۇ چوڭقۇرراق چۈشەنچە ھاسىل قىلغاچ تۇرۇڭلا.)
金钱帝国
كۈرۈش ئادىرسى:
http://v.baidu.com/kan/movie/?id ... l#frp=v.baidu.com/v
ئەسلى مەنبە ئادرىسى:
http://baike.baidu.com/link?url= ... xLRoGKCCfMA39_R_2lq بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-8 09:10 AM