salam-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-4-8 11:47 AM
«تەڭرى» دىگەن سۆز ئىسلامدىن بۇرۇنقى دىنلارنىڭ كىتابى ...
بىمەنە تەسەۋۋۇرىڭىزغا نىسبەتەن ئىككى-ئۈچ كەلىمە ئىزاھات:
1. ئۇيغۇر تىلىمىزغا ھېچقاچان خەنسۇ تىلىڭىزدىن «خۇدا» دەپ گەپ كىرىپ بېقىغسىز. پارس تىلىدا خېلى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ياراتقۇچىنى «خودا» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىزگە ئۆزلىشىش جەريانىدا تەلەپپۇز ئادىتىمىزگە ئاساسەن «ئو» تاۋۇشى «ئۇ» تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىغلىق. دېمەك «خودا» ئاتالغۇسى ماھىيەتتىن سىز دەۋاتقان خەنسۇچە «خۇدا» دېگەن سۆز بىلەن شەكىلداشلىق يا ئاھاڭداشلىق مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. تۈركىي تىللارنىڭ كۆپىنچىسىدە خۇدا دەپ تەلەپپۇز قىلىپ، ئىرانىي تىللار، ئوردۇ تىلى، ۋە بەزى ھىندىي تىللىرىدا ئاساسەن «خودا» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ.
2. خەنسۇ تىلىڭىزدا «يوغان ساقال» نى «داخۇ» دېمەي «خۇدا» دېيىشنى، ئېتىبار ئاساسىدا قياسەن كونا خەنسۇ تىلىنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن يا كۆپۈنچە تىللاردا مۇئەييەن ئۆلچەمدە يول قويۇلۇپ كېلىۋاتقان قىسمەن قائىدىسىز ئەھۋالنىڭ جۈملىسىندۇر دەپمۇ مۆلچەرلەپ تۇرايلى، ئەمما سىزنىڭ بۇ خەنسۇ تىلىڭىزدىكى «خۇدا» يىڭىز قاچان ياسالغان سۆز، پارس تىلىدىكى ياراتقۇچىنى بىلدۈرىدىغان «خودا» ئاتالغۇسى قاچان ۋۇجۇدقا كەلگەن؟ ئاۋۋال مانىڭ گېپىنى بىر قىلىپ بېقىڭ. ئۇنىڭدىن قالسا سىزنىڭ «يوغان ساقال» مەنىسىگە ئىگە «خۇدا» يىڭىزنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ قوبۇل قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ بولۇپمۇ ئىسلامدىن ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى «خودا» نى ئادەم سۈرىتىدە يا بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆنۈك بىرەر جانىۋار سۈرىتىدە تەسۋىرلەش، تەسۋىرلىگەندىمۇ ساقىلىغا ئەندازە قويۇش شۇ خەقلەرنىڭ خۇلقىغا لايىق كى، مۇسۇلمانغا نالايىق.
3. خەنسۇ تىلى دېگەن خەتلىق تىل، ئۇنىڭ ئاساسى، خەتنى شەكىللەندۈرگۈچى بىخۇا بولغان بىلەن ئىپادىسى خەت. ئۇ نە ئۇلانمىغا، نە قوشۇمچىغا، نە تۈرلەنمىگە ئىگە بولماستىن، شۇلارنىڭ رولىنىمۇ يەنە شۇ خەت ئۆتەيدۇ. شۇڭا چەت ئەلچىدىن يېڭى ئۇقۇم ئاڭلىدىيۇ، ئىمكانقەدەر شۇ ئەسلىي سۆزنىڭ بوغۇملىرىنىڭ سانىغا تەلەپپۇزىغا يېقىن خەتنى سەپلىگىلى ھەپىلىشىپلا قالماستىن، بەلكى شۇ ئاتالغۇ بىر پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرۈلگەندىمۇ شۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسىنى، ھېچ بولمىغاندا يۈزەكىي مەنىسىنى بىلدۈرەلەيدىغان خەتلەرنى قوللانغىلى كۈچەيدۇ. يەنى ئەسلىي ئاتالغۇسى سەۋەبى بولۇپ، خەنسۇچىدىن كېيىن مەنىداش ياسىۋالغىنى نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. سىزنىڭچىزە، «ئولىمپىك»، «گېتۋېي»، «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇلار «ئاۋ لىن پى كې»، «جيې ۋېي»، «ۋېي ۋۇ ئېر» دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن تىلىمىزغا ئۆزلىشىپتۇ-دە.
مەنغۇ سىز دېگەن «خۇدا» نىڭ ياراتقۇچى مەنىسى بار دەپ قوبۇل قىلمايمەن. شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە شۇ مەنىگە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ، يۇقۇرقى نۇقتىلاردىن خەنسۇ تىلىڭىزدىكى «خۇدا» چەتتىن كىرگەن، جۈملىدىن بىزدىن ئۇلارغا تارالغان بولىدۇ.
سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز بۇ ھادىسگە نىسبەتەن دۈم ھالەتتە ئىكەن. قانداق ئويلىسىڭىز يەنە شۇ؛ «خۇدا» ئاتالغۇسى خەنسۇدىن كىرگەن دېگەن جۆيلۈمە تۇتۇرۇقسىزلىقتىن باشقا گەپ ئەمەس.