گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 1-پارچە)
چوغلۇق
گۈلۈم، تاشلىنىپ قالغىنىغا ئۇزۇن بولغان قەلىمىمنى بۈگۈن قايتا قولۇمغا ئالدىم، سەن ئۈچۈن. نىمىشقا دەمسەن؟ ساڭا بولغان سېغىنىشلىرىم يۈرىكىمگە پاتمىغان چېغى، يۈرىكىم توختىماستىن: ‹‹ قەلەمنى قولۇڭغا ئال، سېغىنىشلىرىڭنى قەغەز بېتىگە تۆك›› دەپ نىدا قىلماقتا.
شۇ تاپ سېنىڭ تۇرقۇڭنى قىياس قىلىۋاتىمەن: قۇيۇق، قاپقارا ئىككى تال ئۆرۈم چېچىڭنى دائىم ئالدىڭغا چۈشىرىۋالاتتىڭ، بىر جۈپ قوشىما قېشىڭ، ھەر قارىسام يا ئوقىنى ئەسلىتىدىغان قۇيۇق ئۇزۇن كىرپىكلرىڭ قورشاۋىدىكى بىر جۈپ قوي كۆزۈڭ، قاڭشارلىق بۇرنۇڭ، نىپىز لەۋلىرىڭ بۇغداي ئۆڭ يۈزۈڭدە شۇنچىلىك تەبىئىي ھەم يېقىشلىق رەۋىشتە ئۆز ئورنىنى تېپىشقانىدى. شۇ تاپ ئۇستا رەسسام بولسامكەن دەيمەن. سېنىڭ سىياقىڭنى ئۆز قولۇم بىلەن بىردىن بىردىن سىزىپ چىقسام بەلكىم سۈرىتىڭگە قاراپ تۇرۇپمۇ سىمايىڭنى ئەسلىمەي ياش تۆكۈپ ئولتۇرماس ئىدىم؟
بىرسى مېنىڭدىن سورىدى:ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا، قايسى ۋاقىتقا قايتىشنى تاللايسىز؟››... ئەگەر راستىنلا ۋاقىتىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئىدى، مەن قىلچە ئىككىلەنمەستىنلا تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمغا قايتقان بولار ئىدىم. قانداق ئەركىن، غەمسىز، خوشال چاغلار ئىدى ھە...
بۇلۇق ئۆسكەن تېرەكلەر بىلەن ئورالغان ئاسفالىت يوللار، يۇمشاق توپىلىق مەيدانلار، مەيداننى چۆرىدەپ ئورنىتىلغان ئاددىي ياغاچ ئۇرۇندۇقلار، ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ دەرس يادلىغان ئاۋازلىرى سىڭگەن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تاختاي پوللۇق بىر قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، دەرىزىدىن لەيلەپ كىرىپ دىماقلارغا ئۇرىلىدىغان چېچەك ھىدلىرى، ئاغزىمىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان كۆپكۆپ غورىلار ، قاچانلا قارىسا نەپىسىنى باسالماي ئوغۇرلىقچە غورىلار ئۈزىۋالغان كەپسىز ئوغۇللارنى قوغلاپ يۈرىدىغان ئاقساق باغۋەن، باغچىلاردىكى نەقىشلىك شىپاڭلارنى ئەسلىتىدىغان ئىككى قەۋەتلىك يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى، ئىككىنچى قەۋەتتىكى رىشاتكىلارغا يۆلىنىۋېلىپ، پەستىكى گۈل چىراي قىزلارغا ئسقارتىدىغان شوخ ئوغۇللار، ئۇيالغىنىدىن چېھرى قىزىل گۈلدەك رەڭ ئالدىغان ھايالىق قىزلار، چىرايىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ، جۈپ كۆزلىرىدىن ئۆتكۈر نۇرلار چېچىلىپ تۇرىدىغان، بور توزانلىرى ئارا كېزىپ يۈرۈپ، قەلب خانىمىزگە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىپ، ئۆزى كۆيۈپ ئۆزگىگە نۇر بېرىدىغان ئاددىي-ساددا قەدىردان ئۇستازلار... خويمۇ سېغىندىمشۇ چاغلارنى.
ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر قەلەمخان چوغلۇقنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-9 11:58 AM
|