ئۇمۇن يوللىغان ۋاقتى 2014-4-9 10:02 PM
باشقىلارنى ئازغۇنغا چىقىرىشتىن ئاۋۋال ئەقلىمىزنى تار ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ،دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەندىم،مەن قۇرئان كەرىمىدا ئاللاھ تائالانىڭ يات دىندىكىلەرنىڭ خۇداسىنى تىللىماڭلار،چۈنكى ئۇنداق قىلساڭلار ئۇلارمۇ ياندۇرۇپ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارنى تىللايدۇ دەپ ئوقىغان،ئىسلام دىنى باراۋەرلىكنى ئاقكۆڭۈللۈكنى تەرغىپ قىلىدىغان دىن،ئۇلارمۇ بىزنىڭكىنى ھۆرمەت قىلىدۇ،بىزمۇ ھەم ئۇلارنىڭكنى ھۆرمەت قىلىمىز،مۇشۇنداق ھە دېگەندىمۇ زورلۇق كۈچى بىلەن كىشىنى تىللاپلا قوقۇتۇپ دىنىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ بولدۇق،ئۇ ئاز كەلگەندەك تېرورچى دېگگن چىرايلىق قالپاقىنىمۇ كىيىپ قالدۇق،بىرەر ئىشنى خاتا قىلدىمۇ بولدى كاپىرغا چىقىپ پەتىۋا چىقىرىشقا ئاران تۇرىمىز،بىز نۇقسانسىز ئاللاھ ئەمەس،تۈزەتسەك بولىدۇ،ئىلمى مۇنازىرە ياخشى تەكلىپ بىلەن كشىلەرگە بىلدۈرسەك بولىدۇ.
خاتالاشمىسام باشقىلارنىڭ دىنى ئۆزىگە توغرا دېگىنىڭىز ئۈچۈن تاس قالدىڭىز ھە ماۋۇ مىسرانىمدىكى بەزى موللىلارنىڭ دەستىدىن كاپىر دېگەن قالپاقنى كىيىپ قالغىلى........
ئاشۇنداق ھە دېگەندە كىشىنى كاپىرغا چىقىرىدىغان كىشىلەرگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن شېرىن بۇلاقنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
پەيغەمبىرىمىز شۇ جاھالىيەت دەۋىرىدە سەن كاپىر دەپ كىشىلەرنى تىللاپلا يۈرمىگەن،ئەكسىچە پەيغەمبىرىمىز ئاقكۆڭۈل سەۋىرچانلىقى بىلەن ئىسلامنىڭ ئورازىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ نۇرغۇن مۇشرىكلارنىڭ ئىسلامغا كىرىشىگە سەۋەپ بولغان ھەتتا كېيىنكى دەۋىرلەردە بىز ھرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان نۇرغۇن ئېسىل ساھابىلەر يېتىشىپ چىققان.
بىراق بىزچۇ ھە دېگەندىلا تىل سېلىك كىشىگە ئاھانەت قىلىپ كاپىرغا چىقىرىپ ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامغا بولغا مايىللىقىغا سوغوق سۇ سەپكىلى ئاران تۇرىمىز........