|
|
|
|
سەن قەيەردە؟قەلب ئوغرىسى....
پەرىشان كۆڭلۈمگە تەڭكەش ھاۋامۇ تۇتۇق،ئىزتىراپلىق خىياللار ئىلكىدە يەنە ئۆتمۈش مەنزىلىم ئارا سەپەر قىلماقتىمەن...
قەلبىمدە ھەر خىل زىدىيەتلىك تۇيغۇلار،يۈرۈگۈمنى بولسا ھىجران ئازاۋى چەيلىمەكتە،قەيەلەدىندۇ ياڭراۋاتقان مۇڭلۇق بىر كۈي،ئەزەلدىنلا مۇڭلانغان دىلىمنى تېخىمۇ ئىزىۋەتتى...
ئىسىڭدىمۇ؟بىز تۇنجى قېتىم باھاردا ئۇچراشقان ئىدۇق،ئاپئاق چىچەكلەر بىلەن تولغان ھېلىقى چىغىر يول،چىچەك بەرگىلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ چىچەكتىن ياسالغاندەك كۆرىنىدىغان ھېلىقى ئورۇندۇق ھازىرغىچە قارچۇقۇمدا ساقلانغان،بۇلار مۇھابىتىمىزنىڭ باشلىنىشىنىڭ ھەم ئاخىرلىشىشىنىڭ شاھىدى...
ئىسىڭدىمۇ بىز تۇنجى ئۇچراشقان شۇ كۈنى سەن مىنى ئاشۇ چىغىر يولغا باشلاپ كەلگەن ئىدىڭ،يىنىڭ شامال چىقىۋاتقان بولغاچقا چىچەك بەرگىلىرى تۇزۇپ چاچالىرىمغا قونۋالغان ئىدى،سەن مىنى چىچەك مەلىكەم دىگەن ئىدىڭ.بۇ ۋاقىتتا دۇنيادىكى ياق..ياق...قەلبىڭدىكى بارچە سۈيۈشلەر ماڭا تەۋە ئىدى.
گۈللەر ھوپپىدە ئېچىلغان ياز پەسلىدىمۇ بۇ يەرگە باشلاپ كەلدىڭ،بۇ ۋاقىتلاردا گۈللەردىن چەمبىرەك ياساپ بېشىمغا كىيگۈزۈپ قويدۇڭ...بۇ ۋاقىتتا مىنى باغرىڭغا بېسىپ تۇرۇپ گۈل مەلىكەم دىدىڭ.بۇ ۋاقىتتا قەلبىڭدىكى بارچە مۇھاببەت ماڭا تەئەللۇق ئىدى.
خازان تۆكۈلگەن كۈز پەسلىمۇ ئالتۇنرەڭ كۈزنىڭ سۆلكىتىدىن ھۇزۇر ئېلىش ئۈچۈن ،يەنە بۇ يەرگە كەلدۇق،سەن يۇپۇرماقلاردىن زۇننار ياساپ بوينۇمغا ئاستىڭ،قوللىرىمنى مىھرىڭ بىلەن سىلاپ تۇرۇپ مۇھابىتىمىز مەڭگۈ خازان بولمايدۇ دەپ قەسەم قىلغان ئىدىڭ،بۇ ۋاقىتتا سىنىڭ يۇپۇرماق مەلىكەڭ بولدۇم.بارچە مىھرىڭ مىنىڭ بولدى.
.قارياغقان شۇ ۋاقىتلاردىمۇ يەنە بۇ چىغىر يولغا باشلاپ كەلدىڭ ،سوغۇق نەشتەردەك سەنجىلىپ يۈزلىرىمنى قىزارتىۋەتكەن بولسىمۇ قەلبىمدە مىڭ قۇياشنىڭ تەپتى بار ئىدى،چۈنكى شۇ ئىللىق ئالقانلىرىڭ بىلەن كىچىكىنىە قوللىرىمنى مەھكەم تۇتىۋالغان ئىدىڭ،مەن بىلەن چېقىشىپ دەرەخلەرنى ئېرغىتىپ ئۈستى بېشىمنى قار بىلەن پۇركۈۋەتتىڭ،مەن يالغاندىن ئومچەيدىم،مەن مىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ...بەك ئۇماق بولۇپ كەتتىڭ قار مەلىكەم،سەن مىنىڭ گۈزەل قار مەلىكەم،دىدىڭ بۇ ۋاقىتتا سەن مىنىڭ گۈزەللىكىمەە ئەسىر ئىدىڭ...
مانا،يەنە باھار كەلدى،لىكىن سەن كەلمىدىڭ،ئەمدى مىسكىن قەدەملىرىم بىلەن شۇ چىغىر يولدا تەنھا كىتىۋاتىمەن،بۇرۇن ئالەمچە گۈزەللىك ھىسلىرى ئاتا قىلغان بۇ چىچەكلىك چىغىر يول ئەمدى مۇزدەك سوغۇق بىلىنمەكتە...
قەلبىم تىترىمەكتە...
يۈرىگىم مۇزلىماقتا...
تۇيغۇلىرىم ئۇنسىز نىدا قىلماقتا...
سەن قەيەردە؟قەلىپ ئوغرىسى..
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-12 01:00 PM
|
|
|
|
|
|