ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 04:04 PM
بۇ مەسلىلەر ھەل بولسا يەنە مال كىرگۈزۈشكىمۇ ئىجازەت تە ...
مال كىرگۈزۈشكە بولىدىغان ئىجازەت قولىمىزدا بار ، بىز ھەممە نەرسىلەرنى تەييارلاپ بولدۇق ، ھازىر باھاسىغىلا قاراپ قالدۇق . ئەگەر بىزگە كانادادىن قىممەت كىرىپ قالسا ،شىنجاڭدىكى خەنزۇ سودىگەرلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويىمىز ،چۈنكى زىغىرنى سېتىۋالىدىغىنى 100پىرسەنت ئۇيغۇرلار ، ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئەرزان بەرگەن يەرگە يۈگىرەيدۇ ، ھازىر بىز سېتىۋاتقان زىغىرمۇ شۇنداق ، بىزمۇ ئاشۇ خەنزۇدىن مال كىرگۈزگەن ، ئەمما كېيىن مال ئاز قالغانسىرى خەنزۇلار 5-6موغىچە ئۆستۈرۋالدى ، بىز 1.5مو ئۆستۈرۈپلا سېتىپ بەرسەك ، يەنىلا خەنزۇغا تېلىفۇن قىلىپ بېقىپ ، خەنزۇدىن سېتىۋالدى. ئىككى زىغىر ئوخشاش تاسقالغان ، بىرلا ۋاقىتتا پويىزدىن چۈشۈرگەن،شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمىز كېلىپ ، زىغىر ساتىدىغاننى تاشلاپ ، يولدىشىم ئاشۇلارنىڭ شىركىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ ، پەقەت ئاز بىر قىسىم سودىگەرلەرلا ئۇيغۇردىن مال ئالىدۇ ، بولمىسا ،خوتەن ،قەشقەر، يەكەن ، مارالبېشى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەر ساپلا خەنزۇلاردىن ئالىدۇ.