مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: amarjan911

ئېھ ،توپىلىق يول [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 05:15:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇم ئالىمىمىز، ئاتاقلىق ئۇستازىمىز، كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىنى مىسرانىمدا كۆرگىنىمدىن بەكلا سۆيۈندۈم. مەرھۇم ئاكىمىز مەكىتكە چۈشكەن ئاشۇ زامانلاردا بىر دىھقاننىڭ ھىكايىسىدىن ئىلھام ئىلىپ «ئىھ توپلىق يول» «ئۇنۇتمايمەن گۈلسارە» قاتارلىق ھىكايىلىرىنى يىزىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان ئىكەن. مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 1079
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17862
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9681 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 01:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زوردۇن سابىر دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ كېيىنكى بۆلەكلىرىگە بولسىمۇ.

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 05:47:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ئەسەر بۇ. ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا نەچچى قېتىم ئۇقۇپ كەتكەنتۇق.ئەسەرنى تەھلىل قىپ كىتەتتۇق تاپشۇرۇقلاردا تېخى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 06:46:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داۋامى:

ھويلا ئىشكى غىچىرلىدى،گۈلئايشەمنىڭ يۈرىكى جىغىلدېدى.ئۇ نېملا بولمىسۇن تويى بولدىغان ئايال-دە،ئۇ ھاياجانلاندى، تەمتىرىدى.ئۆينىڭ زەدىۋاللارنى تۈزەشتۈردى، سۇپىغا تاۋار يېكەنداز سالدى ۋە يۈزىنى ئالقىنى بىلەن سىيپىدى.

    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
        ئۆيگە شىپىلداپ بىر ئەر كىشى كىرىپ كەلدى ۋە تاپسىدىلا زوڭزايدى.گۈلئايشەمنىڭ تېنى شۈركەندى،ئۇ كىرگۈچىگە قارىدى.ئايالنىڭ كۆزىگە ئەڭ ئاۋال دىھقاننىڭ كىرلەشكەن شاپاق دوپپىسى،تەردىن قېتىشقان ئاق يەكتىكىنڭ سىرتىدىن باغلىغان ،تاۋار بەلبېغى،قولتۇقىغا قىستۇرۋالغان بىر جۈپ كونا كالىچى چۈشتى .گۈلئايشەم ئىختىيارسىز ھالدا:
    -سىلى،سىلى،ھاممامنى ئىزلەپ كەللىمۇ ؟-دەپ سورىدى.
    -يوقسۇ،-دېدى دىھقان يېرىم قوزغىلىپ بىر ئالقىنىدا چاڭ باسقان گەدىنىنى سىلاپ قويوپ،-گۈلئايشەم دېگەن چوكان بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم !-ئۇ ساپ –سېرىق شالاڭ چىشلىرنى كۆرسىتىپ ھىجايدى .گۈلئايشەم ئۆزى پەرەز قىلغىندىن نەچچە ھەسسە كۆرۈمسىز ئادەمنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كەينىگە داجىدى،مانا مۇشۇ ئادەم ئەمدى ئۇنىڭ ئېرى بولىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە ئالدىنقى ئېرىنىڭ دەسسەشلىرى ،خورلاشلىردىنمۇ بەتتەر ئىش،لىكىن مۇشۇ كۆرۈمسىز گەۋدە ئۇنى بەختلىك قىلدۇ.چۈنكى ئۇ پۇلدار .گۈلئايشەم ئۆزىنى نەپسىگە تاپشۇرغان ئىكەن،ئەلۋەتتە، بۇ ئادەمگە ئوچۇق چىراي،خوش مۇئامىلدە بولۇشى كېرەك.
   -سۇپىغا چىقسىلا يېكەندازغا!..مەن گۈلئايشەم ...
    دىھقان ئەندىككەندەك قىلىپ گۈلئايشەمگە قارىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئوت يانغاندەك،لەۋلىرى تىتىرگەندەك بولدى-دە،ئايالغا تىكىلىپ ئورنىدىن تۇردى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ قولتۇقىدىن كالىچى چۈشۈپ كەتتى.گۈلئايشەم تۇيۇقسىزلا خۇددى كاكىلاپ بولغان مىكياندەك قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
    -خېنىم،بالىكەنلا،بەك چىرايلىقكەنلا،بىزدەك دىھقانغا ئاش بولالىمۇ؟-گۈلئايشەمنىڭ كۈلكىسى تۈگىگەندىن كېيىن روزەك بەز ئايالدىن سورىدى.
    -خەلق سىلنى بەز دەيدىكەن ماڭىمۇ بەزلىك قىلالىمۇ؟
        -توپىدىن پۇل تاپىدىغان خەق بەز بولمىسا بېيىيالمايدۇ خېنىم!               
        سىقىپ سىىقىمدىن چىقىننى يالا دېسلە،سىلگە ئاش بولمايمەن،ھەممە گەپنى ھاممام ئېيىتقاندۇ؟ ھاممامنىڭ دېگنىگە كۆنسىلە مەنمۇ سىلنى قېرى كۆرمەيمەن!..
        -كۆنگەچكە ئالدىلىردا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندىمەن خېنىم!
        گۈلئايشەم روزەك بەزنىڭ يالاڭئاياق، تۆگە تاپىندەك پۇتلىرىغا،چاڭ باسقان يۇڭلۇق مەيدىسگە،كىچىك،ئورۇق يۈزىگە ياراشمىغان كەكە ساقىلى بىلەن ئىنچىكە بۇرۇتىغا،تەر تەپچىرەپ تۇرغان قىڭغىراقدەك بۇرنىغا،ئورا كۆزلىرگە سىنچىلاپ قارىدى،بۇرنىدىن باشقا بۇ گەۋدىدە گۈلئايشەمگە ھېچنىمە تېپىلمىدى.ئۇ ئۇلۇق-كىچىك تىندى-دە:
    -توينى چوڭ قىلالا؟-دېدى.
        -جۇۋان تويى بولغاندىكىن چېغدا بولار!        
-مەن ئېتىزدا ئىشلىيەلمىسەمچۇ؟
-ئالتە بالغا ئانا بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىرەلا!
-زېرىكسەمچۇ؟
-زېرىكسىلە ئىش قىلالا.
-قانداق ئىش؟
-    كالا ساغىلا،سۈت پۇشۇرلا،يۇڭ تىتلا،شوينا ئېشىلا،ياماق يامايلا،تۇخۇم يېغىلا،ئوتياش ئوتايلا،ئوغۇت يىغىلا ، ۋاي-ۋۇي چىدىسلا مىڭ خىل ئىش بار.
-ۋاي ئانام،ئاۋالقى ئاياللىرىنى ئىشلىتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن ئوخشىماملا!
  -بالىلىرىغا قىسنىپ ئاچ يۈرۈپ كىسەل تاپتى ھازىر بولغان بولسا ئۆلمەيتى.
-ئۆلۈپ كەتكىلى نەچچە يىل بولدى .
-سەككىز يىل ئىككى ئاي .
-بالىلار ئۆگەيلىسە قانداق قىلمەن ؟
-بالىلار كالىنى ئانا دېگۈدەك بولدى.ئۆگەيلەمدۇ؟
ماڭا ئايال بولمىسمۇ بولىۋېرەتتى،بالىلارغا ئانا بولمىسا بولمايدىكەن.
-بالىلارنى باشقۇرامدىمەن؟
-شۇنداق.
-پۇلنىچۇ؟
-بانكا باشقۇرىدۇ.
-چەكنىچۇ؟
-ساندۇق.
-ئاچقۇچنى كىم تۇتىدۇ،ئانىمۇ،ئاتىمۇ،بالىمۇ؟
-كىيىن بىلىلا.
-دېمىسلە توي خېتى ئالغىلى بارمايمەن.
-ئانداق بولسا يېپىق قازان دۈملەكلىك پېتى قالسۇن!
    روزى بەز ئورنىدىن تۇردى.گۈلئايشەم چۆچۈپ ئالدىنى تورىدى:
-چاقچاق،چاقچاق قىلغانىنمۇ بىلمەملا؟
ئەتىسى ئۇلارنىڭ نىكاھى ئوقۇلدى.ئۇلار ئۆيگە كەتمەكچى بولۇپ پىيادە يولغا چىقتى.گوڭشى بازىرىدا روزى بەز گۈلئايشەمنى بەش موچەنلىك لەغمەن بىلەن مىھمان قىلدى.گۈلئايشەم خاپا بولۇپ قالدى.ئۇلار يولغا چىققاندا،گۈلئايشەم ئوشۇققىچە توپغا پاتتى .ئۇلار پۇتىنى قېقىپ نارازى بولۇپ:
    -گۈلدەك جۇۋاننى 50 كوي خەجىلەپ ئېلىۋاللا،يەنە گەپ قىلمىسام پىيادە ئېلىپ كېتىۋاتىلىغۇ؟-دېدى.
        -ھارۋا كىرا قىلاي دېسەم نومۇس قىلدىكەنمەن خېنىم،توپىدىن قورقىمسىلا،مانا ماڭا ئوخشاش يالاڭئاياق ماڭسىلا!-ئۇ توپا ئىچىدىكى پۇتنى كۆرسەتتى.
    خورلۇق!-دەپ ئويلىدى گۈلئايشەم توپىلىق يولدا ئېگىز پاشنلىق توپلى بىلەن قىينىلىپ كېتۋېتىپ-سەۋىر قىلاي،ئون مىڭ كويلۇق چەكتىن بىرىلا قولۇمغا چۈشسە سېنىڭ ئۆيۈڭدە باغلاپ قويساڭمۇ تۇرمايمەن… بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amarjan911 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 06:47 PM  


ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 06:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلا،ۋوردتا يىزىپ ئالدىراشچىلىقتا ئاپتۇرنى ئەسكەرتمەپتىمەن

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 06:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور: زوردۇن سابىر


2
    تۈن،تىنچىق ئۆي.
    ئون ئىككى پارچە تىكمەت سېلىنغان سۇپىدا سامان تەكى،چىت كۆرپىلەر ئۈستىدە گۈلئايشەم يالغۇز ياتماقتا،ئۇنىڭ ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزارغان كۆزلىرى تۈڭلۈككە قادالغان.كىچىككىنە تۈڭلۈكتىن بەش تال يۇلتۇز كۆرۈندى.قاراڭغۇ باغدىن كاككۇك ئاۋازى،يىقىنلا يەرلەردىن قويلارنىڭ مەرەشلىرى،ئىتلارنىڭ ھۇۋلاشىلىرى ئاڭلانماقتا.يوغان ئۆينىڭ تۆت تېمى ۋە كىرلەشكەن زەدىۋاللىرى شام يورۇقىدا غۇۋا يورۇپ تۇرغاچقا،ئۆيمۇ خۇددى تالادەك قورقۇنچلۇق:«ھەممىلا نېمسى كۆڭلىدەك قارا،-دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە،بىرىنجى توي ئاخشىمى ياش ئايالنى گۇندىخانسىغا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ بىر چىشقاق قوزا ئۈچۈن پۈتۈن بالا-ۋاقىسى بىلەن چۆلگە چىقىپ كەتكەن ئادەمدىن نېمىمۇ ئۈندۈۋالارمەن.ھەي بەختسزلىك،بۇ ئەرنىڭ ماڭا كەلتۈردىغان راھەت- پاراغىتىدىن ئەزمەتنىڭ تاياق -دۇمباسى مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ كېتىش كېرەك تىزرەك قېچىش كېرەك..»
        لېكىن ئۇنىڭ كۆزى كات ئۈستىدىكى تېرىلەر ئاستىدا توپا بېسىپ ياتقان قارا ساندۇققا چۈشۈش بىلەن يۈرىكى ئويناپ كەتتى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بۈگۈن كۆرگەنلىرى : روزەك بەزنىڭ بۈك دەرەخلەر ئارسىدىكى ئىككى قورۇ جايى،چېتىگە كۆز يەتمەس ئورمانلىرى،قويلىرى،كەڭ ئېتىزلىرىدىكى كېۋەز،بۇغداي،قوغۇن-ئوتياشلىرى،توخۇ –تۇمان،يۇڭ-تېرە،ياغاچ-تاش، كىر كىيىملەرنى كىيشىپ ئەمگەكتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ساددا بالىلىرى،يەردىن ئۈستۈن قارىمايدىغان بوستان چاچ كىلىنى،خۇمار كۆز،قوشۇما قاش،مىسكىن كۈيلەرگە نەي چالدىغان قويچىسى...بىرمۇ بىر كەلدى.ئاشۇ كۆرگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسلا ئاۋۇ توپا بېسىپ ياتقان ساندۇقنى پۇلغا تولدۇرۇشقا تېرشىۋاتقانلار،مانا شۇ بايلىققا غوجايىن بولۇشنى خالىماي قېچىش ئەخمەقلىق بولماسمۇ؟ لېكىن ھىلقى يىرگىنىشلىك بوۋاي ھازىر كېلىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ،ئۇ خورلۇققا ئۇنىڭ يۈرىكى چىدارمۇ؟«ئىلاھىم ھىلقى قوزىسى بىلەن ئۆزىمۇ يوقالسىدى.مەن ئۇنىڭسىز غوجايىن بولسام قانداق ياخشى –ھە !»
        تۈڭلۈكتىن كۆرۈنگەن يۇلتۇزلارنى بىر پارچە كۈل رەڭ بۇلۇت كېلىپ توسۋالدى.بۇلۇت بىردىنلا شەكىلنى ئۆزگەرتىپ ئادەم سۈرىتىگە ئوخشاپ قالدى.بۇ ئادەم ئورۇق، يىرگىنىشلىك روزى بەزنىڭ ئەينەن ئۆزى ئىدى.گۈلئايشەمنىڭ تېنى شۈركەندى-دە،تۆۋەندىكى مەنزىرە خىيالىدىن چاقماقتەك ئۆتتى.ئۇزۇن خەسە كۆينەك،تامبال كىيگەن ئادەم شامنى پۈدەپ ئۆچۈردى –دە گۈلئايشەم ياتقان يەرگە كەلدى،ئۇ گۈلئايشەمنىڭ يېنغا قىيسايدى،گۈلئايشەمنىڭ بەدىنگە تىترەك ئولاشتى.ئەرنىڭ يىرىك قولى ئۇنىڭ بىلگە تەگكەندە گۈلئايشەم ئېختىيارسىز :«ئەزىمەت!» دەپ ۋارقىرىۋەتتى.روزى بەز ئورۇندىن چاچراپ تۇرۇپ شامنى ياندۇردى ۋە زورىغا كۈلۈمسىرەپ:
    -قورقۇتۇپ قويدۇمما؟ - دېدى.
         گۈلئايشەم شۈمشىيىپ ئولتۇرۋىلىپ تامدەك تاتىرىپ ئۇنىڭغا يىلىندى.
    ماڭا يىقىن كەلمىسلە،ئۆتنەي!
        ھويلا ئېشكى قېقىلدى،روزەك كىردى:

گۈلئايشەمگە قاراپ كۈلۈپ :
    -ھىلى كېلىمەن ، قوزا كەلمەپتۇ،تېپىپ كېلەيلى!-دېدى.
        گۈلئايشەم تۈڭلۈككە قارىدى، ئادەم سۈرەتلىك بۇلۇت يوق،يۇلتۇزلار كۈلمەكتە: بىرىنىڭ ئايالى بولىمەنۇ،يىرگىنمەن : يەنە بىرىنىڭ ئايىقى ئاستىدا چەيلىنىمەنۇ،سىغىنمەن! ئەزمەت،سەن مېنڭ ھاياتىمدا ئۆچمەس يۇلتۇزۇمسەن –ھە؟-گۈلئايشەم شۇنداق ئويلىدى.ئەمدى ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ ھەم شىرىن،ھەم ئاچچىق،ياشلىق-گۆدەكلىك خاتىرىلىرى كىنو لىنتىسدەك بىرمۇ بىر ئالدېدىن ئۆتتى....
        بۇدرۇق پاقلاندەك شوخ، بوۋاقتەك غەمسىز، سۈزۈك كورلا نەشپۈتىدەك چۈرۈك، ئەتراپتىكى ھەممىلا نېمە گۈزەل ۋە قىزىقارلىق بىلىندىغان 16ياشقا تولغان چېغىدا ئۇنى تۇنجى مۇھەببەت مەس قىلدى،ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.ئۇ نەسىھەت ۋە تەھدىت قىلغان ئاتا ئانسىنى،ئىستىقبال ۋە بەخىت،ۋەدە قىلغان مەكتىپنى چۆرىۋىتىپ،تەرەكتۇرچى يىگىت بىلەن قاچتى.يىگىتنىڭ ئويناق كۆزلىرى بىلەن بۈدىرە چاچلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن گۈزەل،قىممەتلىك،بىلىمسىز يىگىتنىڭ قوپال چاقچاق ،بىھايا ناخشىلىرى ئۇنىڭغا مەكىت قوغۇنىدەك لەززەتلىك بىلىندى.ئۇ مۇرادىغا يەتتى.تويدىن كىيىن،بىر پارچە كىگىز،بىر يوتقان-كۆرپە بىلەن ئۆي تۇتقان بولسىمۇ،ئۆزنى بەخىت ئىگسى،غالىپ-ئۈستۈن ھىساپلىدى.چىرايلىق ئەر-ئۇنىڭ ھاياتى.ئائىلە ئۇنىڭ بەختى بولۇپ تۇيۇلدى.ئۇ ئەر ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىشكە،ئائىلە ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا رازى بولدى،توپىغا مىلنىپ ئېتىزدا ئىشىلدى،قىغ-كۇكۇمغا سۈركىلىپ قوي بودېدى.باشقىلار:«تۆت بۇلۇڭ،بىر كولۇڭ» دەپ كۆزگە ئىلمىغان ئۆيگە گىلەم سالدى.رادىيو ئالدى،ئېرىنىڭ مىھمانلىرى ئۈچۈن ئوتتا كاۋاپ،ھالى خاراپ بولسىمۇ زارلانماستىن خوش بولدى.ئېرى تەرەكتۇرنى تاشلاپ سۇ ئىدارسىنڭ ماشىنسنى ھەيدىگەن يىلى گۈلئايشەم ئوغۇل تۇغدى.بۇدۇرۇق ئوغلى گۈلئايشەمنىڭ ھاياتىغا تىخىمۇ چوڭ قەدىر-قىممەت تەقدىم قىلدى.ئۇ ئەمدى باياشات،غەمسىز ياشاپ،بالىلىرىنى قاتارغا قوشۇشقا چىن ئىخلاس بىلەن ئىشەندى ...
        لېكىن ھايات توختام سۇ ئەمەسكەن،يالغانچى كۈنلەر،ئالدامچى يىللارمۇ بولىدىكەن،ھەتتا تۇيۇقسىز مۆلدۈر يېغىپ،بوران چىققاندەك،بالايۇ ئاپەت ئېلىپ كېلدىغان كۈنلەرمۇ بولدىكەن.بىر كۈنى دوستلىرىدىن ئېرىنىڭ بىر قىزنى ماشنىغا سېلىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەنىنى ئاڭلىدى.ئېرى كەلگەندە سۈرۈشتۈرگىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئېرىدىن تۇنجى قىتىم قاتتىق تاياق يېدى.گۈلئايشەم يەنە گۇناھنى يەنە ئۆزىگە قويدى:بالا،ئۆي بىلەن بولۇپ كېتىپ ئەرنى رازى قىلالمىدىم،ئۆزۈمنى تاشلىۋەتتىم .ئەزمەتنىڭ مەندىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بولغاچقا،تالاغا قارىغان دەپ ئويلىدى.ئۇ ئەمدى كۆپرەك جاپا تارتسىمۇ،ئېرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولدى،ئۇ ئۆزنى ياساشقا،ئېرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇش،ئويۇنلارغا بېرىشقا باشلىدى.لېكىن ئۇ بۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ بەكرەك رەنجىش تاپتى:.ئېرى ئۇنىڭ كۆزىچىلا باشقا قىزلار بىلەن تانسا ئوينايدىغان،ئېرىنىڭ ئويناق كۆزلىرى بىلەن بۇدرە چاچلىرى باشقا قىزلارغا ھوزۇر -ھالاۋەت بېرىدىغان،ئۇنىڭ كۆڭۈل يارسىنى ئۇلغايتىدىغان بولۇپ قالدى.گۈلئايشەم روھى خورلىنىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دوستلىرىغا ھال ئېىيتىدىغان ،دوستلىرىنىڭكىدە قونۇپ قالدىغان بولۇپ قالدى.ئۇ بىر كۈنى بالسىنى كۆتىرىپ ئۆيگە ئەكەلدى-دە ،بېشغا چاقماق چۈشكەندەك قاتتىق ۋارقىرىدى:ئېرى بىر ئايال بىلەن كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتاتتى...
            شۇنىڭدىن كىيىن گۈلئايشەم قويغان -تۇتقىننى بىلمەيدىغان،ئولتۇرغان يېرىدە سائەت-سائەتلەپ ئولتۇردىغان،كىشلەرگە كۆرۈنۈشتىن نومۇس قىلدىغان بولۇپ قالدى مانا شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ھاياتىدا مۆلدۈرلۈك بوران تۇيۇقسىز پەيدا بولدى.بالسى تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى.گۈلئايشەم بالسىنڭ قەۋرىسنى قۇچاقلاپ نەچچە كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى،لېكىن ئۇ تارتقۇلۇققا ئۆلمىدى.بالا كۆيۈكى،ئەرنىڭ زۇلمى ئۇنى ۋاقىتسىز قېرىتىپ 20  نەچچە يېشىدىلا يۈزىگە قورۇق ،داغ چۈشتى .
       بالسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ،ئېرى ئۇنى تىخىمۇ خورلىدى:ئۇردى،تاشلىدى.بىر كۈنى ئۇ ئېرنىڭ ئايقىغا يامىشىپ يالۋۇرۇپ:«ئۇر،تىللا،قۇل قىل،لىكىن سىرىتقا قارىما!» -دېدى.ئېرى ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ گۈلئايشەمنىڭ قۇلىقىغا دەسسىدى.قۇلاق ۋە بۇرۇنلىردىن قان چىقىپ تۇرغان گۈلئايشەمنى ھاممسى ئۆيگە ئېلىپ كەتتى .
            «ھوي ئەزىمەت ،سەن مېنىڭ ھاياتىمدىكى يۇلتۇزۇممۇ؟مەن سېنى كۆرمىگلى ئۈچ-تۆت يىل بولدى،تايقىڭ،تىل ئاھانىتىڭ ئۇنتۇلدى،نېمىشقا كۆزلىرىڭ بىلەن بۈدرە چاچلىرىڭ ئۇنتۇلمىدى ؟نېمشقا يەنە نامىڭنى تىلغا ئالىمەن،نېمىشقا سېنى چىللايمەن!»-گۈلئايشەم پىچىرلاپ ئۇخلاپ قالدى.
        گۈلئايشەم ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئويغاندى:تاڭ ئېتىپتۇ.ھويلىدا بالىلار ۋارقىراشماقتا . ئۆزىدىن نېرىدا سامان تەكىگە بېشنى قويۇپ،چەكمەن يەكتەكنى غېرىپچە يېپىنىپ روزى بەز يېتىپتۇ.گۈلئايشەم ئورنىدىن تۇرۋىدى:
-ئوبدان ئۇخىلىدىلىمۇ؟- دېدى روزەك كۈلۈپ تۇرۇپ.           
-قوزا بارمىكەن ؟         
   -تاپتۇق .
         -بىر قوزىنى دەپ ھەممىڭلار باياۋانغا چاپتىڭلىمۇ ؟                                    
        كۈزگە بېرىۋالسا 70- 60   كويلۇق قوي دېسلە! –دېدى روزەك ئورنىدىن تۇرۇۋىتىپ – تۇرسىلا خېنىم،ھىلى بالىلار سالام بەرگىلى كىرىدۇ.
        گۈلئايشەم ھېچنەدە كۆرمىگەن ھۆرمەتنى بۇ ئۆيدە كۆردى: ئالتە بالا،بىر كىلىن ئۇنى«ئانا» دېيىشتى.گۈلئايشەم نومۇس قىلىپ،روزەككە:
        -ھېچ بولمىسا چوڭ ئوغۇل بىلەن كىلىن ئاچا دېسۇن،ئانىسى نېمىسى!-دەپ پىچىرلىدى.
        «ئانا» ئېغىزدىكىلا گەپ ئەمەسكەن،باللار ۋە ئەرنىڭ ھۆرمىتىمۇ يىتەرلىك بولدى:بىرىنجى كۈنلا ئۇنىڭ ئالدىغا قاتلىما،قايماق،پىششىق تۇخۇملار قويۇلدى.باشقىلار بولسا زاغرا بىلەن غىزالىنىپ ئىشلىرىغا كېتىشتى.چۈشكىچە گۈلئايشەم باغ،ھويلا-ئاراملارنى يەنە ئارلىدى.باغ ئۇنىڭ زوقنى تارىتتى .ئۇ يەردە قويۇق تېرەكلەرنىڭ سايىسى،مەي باغلاپ پىشقان شىرنىلىك چېقىر ئۈجىمە،جىگدىلەرنىڭ پۇرىقى،قۇشلارنىڭ سايراشلىرى كۆڭۈلگە ئارام ،بولۇپمۇ نۇرغۇن ۋاقىتنى ھامىسىنىڭ تار ئۆيدە خىيال بىلەن ئۆتكۈزگەن مىسكىن ئايال ئۈچۈن بۇنداق سالقىن ھاۋالىق باغ جانغا راھەت تۇيۇلدى.ئۇنىڭ ۋارقىراپ ناخشا ئېيىتقۇسى،دەرەخلەرگە ياماشقۇسى،باغلاقتىن بوشانغان موزايدەك قىيغىتقۇسى كەلدى.ئۇ باغدا يالغۇز يۈرۈپ يۇمران جىگدە كۆچەتلىرى ئارىسدىن بىردەمدىلا 50-60  تۇخۇم يىغىۋالدى.ئىچ پۇشۇغىدا باغنىڭ نېرسىغىچە بېرىپ يىراقتىكى مەھەللىگە،كېۋەزلىكتە كەتمىننى يالىت-يۇلىت قىلىپ ئىشلەۋاتقان بالىلارغا زوقمەتلىك بىلەن قارىدى...
        چۈشتە ئۇ بالىلارنى پىشىشىق تۇخۇم بىلەن مېھمان قىلدى.قارا قۇمچاق كېلىن ئۇنىڭغا ئېڭىشىپ پىچىرلىدى:
        -ئاتام ئۇقسا تە بولىدۇ.ھەر ئالتە كۈندە 500  تۇخۇم ساتمىز،تۇخۇم پۇلى100  كوي،كېمىسا بوۋاي خاپا سالدۇ  ئانا!
        -يەنە نېمە ساتسىلەر؟
        -كۆكتات،ئۆرۈك،ئۆردەك،بېلىق،ياغاچ،ئارىلاپ قوي،گۆش،سۈت،قايماقمۇ ساتىمىز.
         -يەكشەمبە بازاردا قانچىلىك پۇلغا ئېشلەيسىلەر؟
                -كۆپ بولغاندا بەش –ئالتەيۈز كوي،بولمىسا ئۈچ-تۆت يۈز كويلۇق نەرسە ساتمىز،ئانا.         
        -پۇلنى سىلى تۇتاملا؟
        -ياق،ھىسابنى مەن چىقرىمەن،پۇلنى ئاتام ئۆزى ساندۇققا سالىدۇ.ئۈچ –تۆت ئايدا بىرقېتىم بانكىچى كېلىپ پۇللارنى ئېلىپ كېتدۇ.بىزنىڭ بالنىڭ دادسى بىللە بېرىپ چەك ئەكىلىدۇ.
        -ئۇقتىلمۇ،دادىلىرى پۇل يىغىپ نېمە قىلدىكەن؟
        -تازا بىلەلمىدىم ئانا،مەن قوغۇنلۇققا باراي.قوغۇنلار بۇ يىل بەلەن ئوخشىدى.قوغۇن پىشقاندا ئىككى –ئۈچ يۈز كوي كىرىم بولىدۇ.
        -يەنىچۇ؟
        -كۈزلۈك كىۋەز پشقاندا نەچچە مىڭ كويلاپ پۇل كىرىدۇ.
        -يەنە پۇل كىردىغان قانداق چاغلار بار.
        -ئەتيازدا باققان قويلارنى ساتقاندا ،يازدا ھۆكىمەتكە بۇغداي ئۆتكۈزگەندە،ھە،راستلا ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن.بىزنىڭ بالنىڭ دادسىنىڭ دېيىشچە،  1000  تال جەگە ياغاچ سېتىلىپتۇ.يېقىندا ياغاچ كىسدىغانلار كېلەرمىش.
    -بىرتال جەگە نەچچە كوي؟
        -كەم بولسا ئالتە-يەتتە كوي،بولمىسا ئون كوي.
        -ۋاي ئاتام!-دېدى گۈلئايشەم پىشاينىسگە شاپلاقلاپ،-پۇل دېگەننى كوچىنىڭ توپسىدەك ئۇسسىيدىغان گەپكەنغۇ!
        ئۇ شۇنچە پۇللۇق ئائىلنىڭ ئەزاسى،ياق ئەزاسى ئەمەس،غوجايىنى.ئۇ ئەلۋەتتە خۇشال بولشى،ھاممىسنىڭ ئۆيدە بىر كوي ئۈچۈن چىراينى سارغايتقان كۈنلىرنى ئۇنتۇشى،بوۋاينى ياخشى گەپ بىلەن ساندۇقنىڭ ئاچقۇچنى بېرىشكە پۈتۈن ئائىلنىڭ كىرىم-چىقىمنى باشقۇرۇش ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە كۆندۈرشى كېرەك.
        كەچكى تاماقتا گۈلئايشەمنىڭ ئالدىغا پىششىق گۆش تارتىلدى.
        گۈلئايشەم گۆشنى پارچىلاپ ئەڭ چوڭىنى روزەككە قالغانلىرنى بالىلارغا بۆلۈپ بەردى.روزەك خاپا بولۇپ :
        -يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ.گۆشنىڭ تەمىنى تېتىپ قالسا،بالىلار قوتاندىكى قوينى تۈگتىدۇ خېنىم !-دېدى.
        قوتاندىكسى تۈگسە ئېتىزدىكسى باركەن،ۋاييەي!-دېدى گۈلئايشەم.بالىلار خۇشال بولۇشتى.ئەمما روزەك قولىنىڭ كەيىنى بىلەن ئاغزىنى سۈرتۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
        كەچ كىرگىچە ئېغىر ئەمگەك بىلەن چارچىغان بالىلار كەچكى تاماقتىن كېيىنلا ئاشۇ تاماق يېيىلگەن ئۆيدە ئوڭغۇل-دوڭغۇل يېتىشىپ ئۇخلاپ قىلىشتى.يالغۇز گۈلئايشەملا ھىلىقى يوغان «مېھمانخانا»سىغا قايتىپ كېلىپ،كۆرپىلەر ئۈستىگە يانپاشلاندى.سىرىتتىن نەي ئاۋازى ئاڭلاندى،گۈلئايشەم راھەتلىنىپ تىڭشىدى.ئارقىدىن گۈلئايشەم ياخشى كۆرىدىغان «گۈل مەرەم»دېگەن ناخشا ئېيتىلدى.گۈلئايشەم ناخشىغا ئەگەشتى:

        بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار گۈل مەرەم،
        ئەگىمەي ماڭالاملا گۈل مەرەم.
        بىر پىيالە چاي تۇتۇپ گۈل مەرەم،
        كۆڭلۈمنى ئالالاملا گۈل مەرەم.

    ياش ئايالنىڭ ھېسياتچان قەلبى ناخشا بىلەن ئويغاندى.«قويچى بولساڭمۇ يىگىتسەن-دېدى ئۇ ناخشىغا زوقلىنىپ-شۇڭا ناخشاڭغا ئەگەشتىم...»
        ئۇ شۇ بىر كۈن ئىچىدە ھاياتتىن يەنە نۇرغۇن لەززەت ئېلىشقا بولدىغانلىقىغا ئىشەندى:بىر يەردە قېقىلساڭ يەنە بىر يەردە كۈتۈلىدىكەنسەن،بىرنى يوقاتساڭ بىرنى تاپىدىكەنسەن ،خاپىلىق خۇشاللىق دېگەنلەر يۈزگە چۈشكەن خالدەك ساڭا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولۇپ تۇرالمايدىكەن،گۈلئايشەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلغان بۇ ھايات ئۇنىڭغا  مۇھەببەتمۇ ئاتا قىلسۇن،بىز ئۇنىڭغا خەيرىلىك تىلەيلى.چۈنكى قاراڭغۇلۇقتىن يەنە ئىككىنچى بىر قەلىپ ئىگىسى چىقىپ كەلمەكتە:ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى بۇندىن   30  نەچچە يىل بۇرۇنقىدەك ھاياجان،خۇشاللىق ۋە نومۇس كۈچى بىلەن تېپچەكلىمەكتە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amarjan911 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 11:07 PM  


ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 06:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kuklam1979315 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 05:24 PM
داۋامىنى  دەرھال  يوللاڭ،  تىمىڭىز  تەستىقلىنىپتۇ!!!
...

رەھمەت ،ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىسىۋاتىمەن، ئەتىگىچە تۇلۇق يوللىنىدۇ

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 06:55:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uytag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-10 07:01 PM
ئىھ توپىلىق يولنىڭ ئاستىغا زوردۇن سابىر دەپ يېزىۋەتكە ...

ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت، خەتنى تىز ئۇرىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن
كىيىنكى بۈلىكىگە ئەسكەرتتىم

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 11:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى
3
        غوجايىن بولۇش ئىنساننىڭ روھىدىلا ئەمەس،بەلكى بەدىنىدىمۇ يېڭلىق پەيدا قىلدىكەن.قاراڭلار گۈلئايشەم مۇنۇ ئۆيدىكى توققۇز ئەمگەكچىنىڭ غوجايىنغا ئايلىنۋىدى،بىر ئايدىن كېيىن يۈزدىكى داغ ئىزلىرى بىلەن ئىنچىكە قورۇقلىرى تۈگەپ خۇددى ئەزىمەت بىلەن بەخىتلىك سائەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ۋاقتىدىكىدەك چىرايىدىن نۇر ۋە كۈلكە يېغىپ تۇردىغان بولۇپ قالدى.ئۇ  ھاۋانىڭ سالقىن چاغلىردا كېۋەزمۇ ئوتىدى،قۇغۇنىڭ ئۇتىنى چاپتى،قول تەرەكتۇر بىلەن بۇغداي تىپۋاتقان خامانغا بېرىپ ئارا تۇتۇپ ئاياق سالدى،كېلىن بىلەن سەھەر-كەچلىكى كالا ساغدى...لېكىن ئۇ بۇ ئېشلارنى ئۆزنىڭ ھەممىگە يارايدىغان «خوجايىن »ئىكەنلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلدى.ئۇ ئېشلاردىن ئەيىپمۇ تاپاتتى.ئۇنىڭ تاپقان ئەيىۋى چوڭ ئوغۇلنىڭ ئوغىسنى قايناتقان بىلەن روزەكنىڭ زوقنى قوزغايتى:
    -ئاناڭلارنىڭ دېگىندەك قىلڭلار!-دەيتى ئۇ تاماق ئۈستىدە بالىلارنى جونۇپ ،–ئۇنىڭ قولى تەككەن يەردىن گۈل ئۈنىدۇ.كۆردىڭلارمۇ،ئاناڭلارنىڭ قۇلى تەگكەچكە كەيگەن كۆڭلەكلىرنىڭ رەڭگى ئېچىلدى.ئاناڭلار كەلمەستە ئاق كۆڭلەك،قارا كۆڭلەك،كۆك كۆڭلەك ھەممىسلا لاي رەڭ ئىدى!
        گۈلئايشەم بۇ ئۆيگە خۇشاللىق،يېشىللىق ئېلىپ كەلدى.ئۇنىڭ قولى بىلەن يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ كىرى،ئۆينىڭ توپسى تۈگدى،ئۇلارنىڭ غىزاسىغا تەن كىرىپ،باللارنىڭ باش كۆزى تازلىنىپ ،چىرايى قان يۈگۈردى.مانا بۇ نىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھۆرمىتى ئاشتى،مەرتىۋىسى چوڭايدى.ئۆز ئانىسدىن كىچىك قىلىپ يىتىمچىلىك ۋە غۇرگۈللۈكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتىپ تۇرمۇش-ئەمگەك،يېيىش،ئۇخلاش دېگەن تۇرمۇش چۈشەنچىسى بىلەن چەكلەنگەن بالىلار،«ئايالنىڭ ۋەزىپىسى –خامىننى پىششىق قىلىش»دەپلا قارايدىغان كېلىن ،بېقىش تېپىپ سەمرىپ پارقىراۋاتقان كالدەك كۈندىن كۈنگە گۈزەللىشۋاتقان ئائىلسنى كۆرۈشۈپ ،گۈلئايشەمنى چىن تىلى بىلەن «ئانا» دېيىشتى.
        لېكىن گۈلئايشەمنىڭ يەنلا توققۇزى تەل ئەمەسمىدى.
        قورسىقى توق،غېمى يوق ئادەمنىڭ روھى ۋە جىسمانى تەلىۋى ئۆرلەۋىرىدىكەن : گۈلئايشەم ئەمدى ئۆز ھاياتىدا نېمنىڭ كەمچىلىكنى سەزدى: ئۇنىڭغا مۇھەببەت لازىم ئىدى.ئۇ  ئېردىن رازى ،چۈنكى ئېرى تاپقان پۇللارنى گۈلئايشەممۇ قولى ساندۇققا سالدى ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى چوڭ ئوغلى باشقۇرغىنى بىلەن ھامان بىر كۈنى ئۇ نىڭ قولغا چۈشۈرۈشكە گۈلئايشەمنىڭ كۆزى يەتتى .ئېرىدىن رازى بۇلۇشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى،ئېرى ئىشتىن ھېرىپ كىلدۇ-دە كەچكى تاماقتىن كىيىنلا ئۆينىڭ بۇلۇڭغا كىرىپ ئۇيقۇغا كېتىدۇ.ئۇ گۈلئايشەمنىڭ رازىمەنچىلىكگە ئاشۇ ھاردۇق ئۇيقۇسى بىلەن ئېرىشكەن.گۈلئايشەم خالىغانچە خىيال قىلالايدۇ...
        بۇ رازىمەنچىلىك ھىسابىغا ئۇ بۇ ئۆيدە نىمىگە ئېرشەلەيدۇ ؟ پۇل ۋە گۇمرانلىق ئۇنىڭ ھاياتىىنڭ ئاخىرى مەقسىدىمۇ؟ ئۇنىڭ ھاياتتىن تەلەپ قىلىدىغىنى مۇشۇلار ئەمەسقۇ؟ ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويچە ياششى،يەنى مۇھەببەت ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم قۇربان بىرىشى ،يەنە شۇ قۇربان بىرىشى ھەقىقى لەززەت خۇشاللىق تېپىشى لازىم لېكىن قىنى ئۇ مۇھەببەت؟ كىم ئۇنى ۋە ئۇ كىمنى ياخشى كۈردۇ؟ ئەزىمەتنى ئۇنتالمىغنى بىلەن ئەزىمەت ئۇنى ئۇنتىغان .ئەمسە ئۇنىڭ قەلبى نىمگە تەلپۈندۇ؟ نىمىشقا ئېچى پۇشۇدۇ،كېچىلىرى نىمىشقا ئۈيقۇسى كەلمەيدۇ؟ ئۇنى بىئارام قىلغان بۇغالتىرنىڭ قوڭىر كۆزلىرمۇ ؟ بوغالتىر گۈلئايشەمنى ئەگىپ كەلدىمۇ ؟ ئانداق بۇلسا گۈلئايشەمنىڭ يالغۇزلىقنى بىلىپ تۇرۇپ نىمىشقا ئاتتىن چۈشمىدى؟ ھىسابلاش ماشىنسى بىلەن دىگىۋار قەغەزلىردەك رەقەملەرنى ھىسابلاۋاتقاندا نىمشقا گۈلئايشەم ئەتەيلەپ گەپ قىستۇرسىمۇ قاراپ قويمىدى.گۈلئايشەم ئۇنىڭ چىشىغا تىگىش ئۈچۈن دىگىۋاردىكى ساپ پاختا مەھسۇلاتنى 120 جىڭغا چۈشۈرۈپ بەرمىسەڭلا بولمايدۇ دىگەندى،بوغالتىر سوغوقلىق بىلەن ،ئۇنىڭ پىكرى قېقىپ:«سىلى ئارلاشمىسلا » دەپ نىمىشقا ئالىيدۇ؟ئايالغان كۆزلەردىن مۇھەببەت ئىزلەش ئەخمەقلىق ئەمەسمۇ ؟ ئەمسە كىم ۋە نىمە ئۇنى ئۇخلاتمايۋاتدۇ ئاۋۇ قويچىنىڭ ئاخىشسىمۇمۇ يا؟ ياق، گۈلئايشەم نىملا بولمىسۇن قويچىسىغا قاپاق ئاچمايدۇ.ئۆزنىڭ خوجايىن ئىكەنلىكنى ئۇنتۇپ ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ تۇردىغان قويچىغا ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئىزھار قىلمايدۇ.ياق، كىتىش كىرەك .گۈلئايشەم بۇ يالغۇز كۆزلەككە مۇھەببەت ئىزلەپ كەلگىنى يوق ئۇ يوقسىزچىلىق،سارغىيىش ئازابىدىن كەلگەن ئۇ ۋىجداننى نەپسىگە بوي سۇندۇرۇپ،ئاز-تۇلا پۇلغا ئىگە بۇلۋالماقچى.بۇ مەقستىدى ئەمەلگە ئاشسىلا بۇ كۆزلەكتىن كىتىدۇ.يانپاشلاپ يېتىپ شۇلارنى ئويلاۋىتىپ توساتىنلا چوڭ ئوغۇل بىلەن روزەكنىڭ پارىڭنى ئاڭلاپ قالدى.  
        -30 مىڭ جىڭ بوغداي ساتتۇق،-دېدى ئوغلى دادىسغا پىچىرلاپ،پۇلنى ھېلىقى 6200 كويلۇق چەكنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ 10 كويغا توغۇرلاپ قۇيايمۇ؟
        -ئوسمان بانكىچىغا ئېيىت،توغۇرلاپ بىرىدۇ.
        گۈلئايشەم ئۆيدىن ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقتى:
        -مەنچۇ؟ نىمىشقا توغۇرلىيالمايدىكەنمەن.پۇلنى ئەكلىپ ماڭا بەرسىلە!
        ئوغۇل دادسىغا قارىدى،روزەك ساپ سېرىق چىشلىرنى كۆرسىتىپ ھىجايدى:
        -سىلە ئاۋارە بولماڭلار خوتۇن!
        -گېپىمنى يىرمىسلا دەيمەن،مەن پۇلنى ھاممامغا ئاپىرىپ بەرمەيمەن،چۆنتەكلىرگە سالمەن.
        -بولىدۇ خوتۇن بولىدۇ،-روزەك كۈلۈپ قويۇپ ئوغلىغا مەنلىك قاراپ قويدى.
        كەچتە چوڭ ئوغۇل گۈلئايشەمگە ئون مىڭ كويلۇق چەكنى  ئەكلىپ بەردى.ئون مىڭ كوي –بىر پارچە قەغەز چوڭ بايلىق ،گۈلئايشەم ئۆز ھاياتىدا بۇنچىلىك بايلىقنى ئالقىندا كۆرۈشنى ئويلاپمۇ باقمىغان تۇرسا،قانداقمۇ ھاياجانلانمىسۇن؟ ئۇ چەكنى ئاۋال يانچۇغىغا،كېيىن ھېچكىم يوق چاغدا تامبالغا تىكۋالغان مەخسۇس يانچۇقىغا سالدى.ئەمدى ئۇ ئۆينىڭ تۇلۇق خوجايىنى ئىكەنلىكگە ئىشەندى.ئۇنىڭ ئەمدى ھېلقى ئىچ پۇشقى ،نامەلۇم بىرنى سىغىنىشلىرى ۋاقتىنچە تۈگدى.
        گۈلئايشەم ئۈچ  كۈندىن كېيىن بۇ كۈزلەككە يول ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە چاي بەردى.چۈشلۈك چاي ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بىغى بۈلەكچىلا ئاۋاتلاشتى.ياشلار ناخشا –ئۇسۇل بىلەن گۈلئايشەمنىڭ ياشلىقنى بۇرنىغا پۇراتتى.
        -روزاخون باينىڭ ئۆينىمۇ قىشتىن ياساپ بەرسەك،ئاستى-ئۈستىگە تاختاي قىقىپ گۈلئايشەمگە ساراي سېلىپ بەرسەك بولغۇدەك.
    -نىملا قىلسا يارشىدۇ.ھاي، روزاخۇن ئاكا ،نىمشقا قوڭغۇراقلىق پوشتا ھارۋىسى قىلمايسە؟ خېنىمڭنى يىنىڭغا ئولتۇرغۇزۇپ غوجەك بايدەك يەكشەمبە بازادا تاماشا قىلساڭ بولمامدۇ؟
        -روزەك باي ماشىنا ئالارسەن-ھە؟...
        مانا شۇنىڭدىن كېيىن «روزەك بەز» دىگەن ئىسىم «روزەك باي»غا ئالماشتى.
        بۇ ماختاشلار ۋە خۇشامەتلىك سۆزلەر گۈلئايشەمگە يىقىن كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشىدىغان يېڭلىقلار بۇلۇپ تۇيۇلدى.
        كۈز پەسلى ، يىڭلىق پەسلى،باياشاتچىلىق-توي پەسلى ئىكەن.
        بىر مۇخبىر كىلىپ ئۇلارنى سۈرەتكە تارىتى.گۈلئايشەم روزەك باينىڭ يوغان قوغۇنلارنى تۇتشۇپ چۈشكەن بۇ سۈرىتى«ئەمگەك بىلەن بىيغان ئائىلە»دىگەن خەت بىلەن گېزىتكە چىقتى .
        تۇنۈگۈن ئىكىسكۇرسىيچىلەر كەلدى،ئۇلارغا گۈللىنۋاتقان ئىەىلىكنىڭ غوجايىنلىرى روزەك بەز بىلەن گۈلئايشەم ئۆز ئىشلىرىنى تونۇشتۇردى.ئاىشىمى گۈلئايشەمنىڭ مىڭىسىدە بىر تۇيغۇ پەيدا بولدى:«مۇھەببەتسىزمۇ ھاياتتىن خۇشاللىق تاپقىلى بولىدىكەنغۇ،يېڭىلىقلار ئەجەپ كۆپ؛ئېتىزدا،ئۆيدە،مەھەللىدە،ھەممىلا جايدا شۇلارنىڭ لەززىتىمۇ گۈلئايشەمەە يېتىدىكەنغۇ؟»
گۈلئايشەم بۈگۈن كېچە روزەككە يىقىنراق ياتتى.ئۇ بوۋايغا پۇل خەجلەشنى يەنى زامانغا لايىق ئۆي سېلىش،ئۈستەل-ئورۇندۇق،ئىشكاپ،سافا ياسىتىش،ئىلاج قىلىپ توك ئەكىلىش،تېلىۋوزۇر ئېلىش،ئۆيدىكىلەرگە زامانغا لايىق كىيىم ئېلىش،گىلەم سېلىنغان ھارۋۇغا ئولتۇرۇپمىھمانغا بېرىش توغۇرلۇق ئىشلار توغرىسىدا ئۇزاق ۋە قىزغىن سۆزلىدى.روزەك تاكى خورىكى باشلانغۇچە ھەممىسىگىلا « ھە » دەپ ياتتى.
شۇنداق قىلىپ گۈلئايشەم ھېلىقى بىكارچىلىقتا پەيدا بولغان مۇھەببەت ھېسىياتىنى يېڭىش،ئۆزىنى يېڭىلىقلارنىڭ قاتناشچىسى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتتىگەنلىكى ئورنىدىن تۇرۇپلا ئىشقا تۇتۇش قىلىدىغان بولىۋالدى.
گۈلئايشەم بۇ ئۆيگە كېلىپ ئۈچ ئايدىن كىيىن روزەكباينىڭ ياخشى ياردەمچىسى ۋە غەمخورچىسى بولۇپ قالدى.ئۇ ئىشقا ھەۋەس بىلەن كىرىشتى.ئۇنىڭ قوللىرى قايتىدىن ئىشقا پىشتى.تاتراڭغۇ يۈزى دىھقان ئاياللىرىغا خاس رەڭ بىلەن گۈزەللەشتى.ئۇ ئەمدى غەم-قايغۇنى ئۇنتۇپلا قالماستىن،مۇھەببەتنىمۇ ئۇنۇتتى:«نېمىشقا بۇرۇنراق شۇنداق قىلمىدىم –ھە ؟ئەخمەق ئىكەنمەن،نادان ئىكەنمەن،بولمىسا نېمىشقا بەختىمنى تىگىتلەردىن ئىزدەيتىم!»
گۈلئايشەم قاقاھلاپ كۈلۈپ،ياكى ئۈن سېلىپ ناخشا ھويلىغا كىرىپ كەلگەندە،روزەكباينىڭ قەلبىدە بىر خىل خۇشاللىق ئوتى يالقۇنلايتى.بۇ ئوت گۈلئايشەم ئۇنتۇپ كەتكەن ھىلىقى مۇھەببەت ئوتى. گۈلئايشەمنىڭ ئەكسىچە ئەمدى روزەكباي دۇنيادا مۇھەببەتسىز ياشاش مەنىسىزلىك دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى.ئۇ كۈنىدىن-كۈنىگە ئۇلغۇيۋاتقان مۇھەببىتىنى قەدىرلەيتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئايالىنىڭ دېگىنىنى قىلاتتى.ئايالى ئۈچۈن ھەر نېمە قىلىشقا رازى ئىدى.مانا بۇ روزەكباينىڭ ھاياتىدىكى يېڭىلىق.بۇ يېڭىلىقلار ئۇلارغا ھايات تەقدىم قىلغان.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھاياتقا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيىتماقتا.
مانا قاراڭ،يەكشەنبە كۈنى گۈلئايشەمنىڭ ئاللىقاچان يىراقلىشىپ كەتكەن دوسىتلىرى ئەر-ئايال بولۇپ بىر تىراكتوردا ئۇنى ئىزدەپ كەپتۇ.روزەكباي ئايالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۇلارغا قوي سويدى.
روزەكباي ئەزەلدىن توي-تۆكۈن،ئويۇن-تاماششاغا بارمايتى.لىكىن گۈلئايشەمنىڭ دوسىتلىرى ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن كۈنى،تاش چوكانلار بىلەن يىگىتلەر   روزەكباينى ئۆز ئارىسىغا ئېلىۋىلىپ چاقچاق ۋە ئۇسسۇللىرىغا ئارىلاشتۇردى.ياش ئەر –خوتۇنلار ئارىسىدا ئارانلا قورۇنۇپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە گۈلئايشەمنىڭ شوخلۇقى تۇتۇپ ئۇنى ئۇسسۇلغا تارىتتى.چاۋاك،قىقاسلار روزەكباينى مىدىرلىتالمايتى،لىكىن گۈلئايشەمنىڭ دومسىيىشى ئۇنى ئىختىيارسىز ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى.ئۇ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى دەپ قوللىرىنى قوتازلارنىڭ قۇيرۇقىدەك ئارۋاڭ-سارۋاڭ قىلىپ ئۇسسۇل ئوينىدى.
روزەكبايغا مۇھەببەت،خۇشاللىق تەقدىم قىلغان بۇ تۇرمۇش ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىشلارنى قايتىدىن ئۆگەتتى.ئۇ پۇتىغا ئۆتۈك،دىكادىن شىم-توجۇركا،بېشىغا چىمەن دوپپا كىيدى.بۇ نەرسىلەرنى كىيىش ئۇنىڭغا قانچىلىك يات، نومۇسلۇق بولسىمۇ،ئايالىنىڭ كۆڭلى ئۇنى كىيىشكە مەجبۇر قىلدى.ئۇنى ئاز دەپ يۈزىنى سوپۇنداپ يۇيىدىغان،ئاخشىمى پۇتىنى يۇيىدىغان،ئىشتىن كېلىپ كىيىم يۆتكەيدىغان،«قاملاشمىغان»قىلىقلارنىمۇ چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى.ياخشى كۆرگەن ئايالىنىڭ بۇ ئىشلاردىن كۆڭلى خوش بولغىنى ئۈچۈنلا روزەكباي دىلى تارتمىسىمۇ ئۆزىنى زورلىدى.چۈنكى بۇ كۈنلەردە گۈلئايشەمنى خوش قىلىش ئۇنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى ئىدى.
لىكى گۈلئايشەم دوسىتلىرىغا ئارىلاشقانسىرى ھاياتىدىكى كەم نەرسىنى قايتىدىن يادىغا ئالدى.ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە  كىمدۇر بىرىگە يوشۇرۇن چوغ ساقلاقلىق ئىكەن.گەرچە بۇ چوغ ياسالما جىمجىتلىقنىڭ كۈلى بىلەن بىر مەھەل كۆمۈلۈپ ياتقان بولسىمۇ،ئەمدى دوسىتلىرىدىن كەلگەن ياشلىق-مۇھەببەتنىڭ شامىلىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن قايتىدىن يالىڭاچلىنىپ ۋىلىلداپ يالقۇنجاشقا باشلىماقتا ئىدى.
ئۇ شىرىن،مۇرادى ھاسىل بولمىغان بىر چۈشنىڭ تۈرىتكىسى بىلەن تۈندە ئويغاندى.ئۇ يېنىدا ياتقان ئېرىنىڭ خورىكىدىن بىزار بولۇپ،كۆينەكچان،يالاڭئاياق مېڭىپ تالاغا چىقتى.دالا ئايدىڭ،قارامتۇل دەرەخلەر گويا قېنىق كۆك تاۋاردىن لىباس ئارىتقاندەك،يىراقلاردىكى قارىيىپ تۇرغان مەھەللىلەرنىڭ ئۈستىگە ئاق داكا تارتىلغاندەك،گىرىمسەن ئېتىزلار ئاشۇ داكا ئاستىدا ئۇخلاۋاتقاندەك،بۇ سىرلىق كېچىدە يالغۇز گۈلئايشەمنىڭ يۈرىكىلا بىر خىل ئەندىكىش،سېغىنىش بىلەن تىپىرلاۋاتقاندەك قىلاتتى. گۈلئايشەم ئوڭ ياڭغىنى ئالقىنىغا قويۇپ،كېچىنىڭ سالقىن ھاۋاسىدىن لەززەتلىنىپ كۆتەك ئۈستىگە ئولتۇردى.شۇ چاغدا دەرەخلەر ئارىسىدىكى قوي قوتىنى تەرەپتىن ئاستا،يېقىملىق ناخشا ئاڭلاندى.ناخشا مۇڭلۇق ئىدى. گۈلئايشەم ناخشىچىنىڭ يېنىغا كېتىپ بېرىپ:« سەمەت قويچى،بەلكىم سەن مېنى دەپ ئۇخلىيالمىغانسەن،يەر ئاستىدىن قاراشلىرىڭ باشقىچە ئىدى،ئېيىتقان ناخشىلىرىڭ ماڭا ئاتالغان بولسا،مەن سېنى مۇرادىڭغا يەتكۈزەي» دېدى.
قويچى بىمەھەل كەلگەن غوجايىننى كۆرۈپ قدتلانما كارىۋات ئۈستىدىن چاچراپ تۇرۇپ گەدىنىنى سىلىدى:
كىم سېنى ئۇخلاتمايۋاتقان،سەمەتباي!-ئايال ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى.
قويلار،ئاچا،قويلار!-سەمەت داجىدى،گۈلئايشەم ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى.
ساراڭ،قورقما،غوجايىنىڭ قېرى ئىتتەك مەلەق ئۇيقۇدا!
كېرىپ كەتسىلە ئاچا-،دېدى سەمەت تىترەپ،-ئۇنداق قىلمىسىلا،نامەھرەم بولىدۇ،غوجايىننىڭ تۇزىنى ھالاللاپ يېگىلى قويسىلا؟
ساراڭ،-دېدى گۈلئايشەم كاسىلداپ تىترەۋاتقان يىگىتنىڭ قولىنى سىلكىپ قويىۋىتىپ،-ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ نېمىگە كاكىرايسەن ئەمىسە ؟
بايىلا بىر قوي قوزىلىدى،شۇنىڭ خۇشاللىقى ،ئاچا!
ئۆل،ئىلاھىم،- گۈلئايشەمنىڭ قويچىغا غەزىپى كەلدى،-ھايۋاننىڭ كەينىدە يۈرۈپ يۈرىكىڭمۇ بۇلغىنىپتۇ!
گۈلئايشەم ھۆكۈم قىلدى،ئۇ ئەزىمەتنى ئۇنتالمايدىكەن.

ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28004
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5273
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-11 11:05:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4
يېڭى ياسالغان يول بىلەن بىر كىچىك ماشىنا چىقىپ كەلدى.ماشىنىدىن رايون كاتىبى چۈشتى-دە،رزەكباي بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ،ئۆيگىمۇ كىرمەستىن روزەكباينى ئالدىراتقىلى تۇردى:
-ناھىيەگە،ۋىلايەتكە بارىدىكەنسىلەر،زاغرا تۈگۈپ يۈرمىسىلە،ئاز-تولا پۇل،بىلەت ئالسىلا بولدى.
-كىيىم يۆتكىسىلە،- دېدى گۈلئايشەم ئىش كىيىمى بىلەنلا ماڭماقچى بولغان روزەكباينىڭ پېشىدىن تارتىپ.
-ئوبدانراق كىيىنسىلە،-دېدى كاتىپ كۈلۈپ،-ئېكىسكۇرىسىيە،مەجلىس بولغاندىكىن دۆلەتكە پاختا سېتىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەر قاتارىدا ئولتۇرىلا،سۆزلەيلا!
- سۆزلەيدىغان بولسام خوتۇنۇمنى ئېلىۋالساممىكىن؟-روزەكباي كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ كاتىپقا قارىدى.
كاتىپ ساددا بوۋاينىڭ گېپىدىن كۈلۈپ گۈلئايشەمگە قارىدى، گۈلئايشەم  مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ،ئېرىگە:
مېنى ئېلۋالمىسىلىمۇ بۇيرۇتمامنى ئېلىۋالسىلا،ياخشى گىلەمدىن بىر جۈپ ئالغاچ كەلسىلە،يادىلىرىدا تۇتسىلا،تۆت گەزلىك،بىر ئانار گۈللۈك،بىرى لوڭقا گۈللۈك بولسۇن.يەنە بىر دانە تىكىش ماشىنىسى ،گۈللۈك دىچۆلىياڭدىن12  ياق،18 مېتىر،ئەترەڭ سارجىدىن.....
ئۇ بىر توقاي سودا بۇيرۇدى،روزەكباينىڭ ئاغزى ئېچىلىپ،بېشى گىلدىڭلاپ تۇراتتى. گۈلئايشەم نېمىلا دېسە ئۇ باش لىڭىشتىپ ماقۇللايتى. گۈلئايشەم ئۇنىڭ قولىغا بىر كاللەك پۇلنى تۇتقۇزغاندىن كىيىن،بوۋاي ھالال ئەمگىكىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى خۇددى بىرى ئىچ ئاغرىتىپ بېرىۋاتقاندەك ئەندىكىپ قولغا ئالدى.مانا بۇلار روزەكباينىڭ ھاياتىدىكى ھېلىقى يېڭىلىقنىڭ كۈچى.مۇھەببەت بوۋاينى قانچىلىك يۇمشاتقان –ھە ؟ناۋادا بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن گۈلئايشەم بىر كويلۇق سودا بۇيرۇغىنىدا ئىدى،بوۋاينىڭ قول ۋە لەۋلىرى تىترەپ،بېشى « ياق» گىلدىڭلىغان بولاتتى.
مۇھەببەتكە ئاپىرىن،بارلىق بىخىللارنىڭ دىل غەزىنىسى مۇھەببەت بىلەن تولغان بولسا،بۇ جاھاندا كۆڭۈلسىزلىكلەر خىلى ئازايغان بولاتتىكەن –ھە ؟لىكىن ياخشى ئادەملەرمۇ ئەيىبتىن خالى بولمىغانغا ئوخشاش،ياخشى نەرسىلەرمۇ كىشىلەرنى غەم ۋە ئازابقا سالىدىغان چاغلارمۇ بولىدىكەن.
بۇ خىل ئىشتىن بىر مۇشۇ يىل،يەنى 1983-يىلى 9-ئاينىڭ 12- كۈنى مۇشۇ يىزىدا سادىر بولدى.
گۈلئايشەم بۆلەكچىلا ياسىنىدىغان،كۈلىدىغان،كۈلگەندە،سۆزلىگەندە ئاۋازىنى تىترىتىدىغان بولۇپ قالدى.ئېرى كېتىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن ئايالدا يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگىرىش بالىلارنى قىزىقتۇرغىنى بىلەن كىلىننى غەملىك،چوڭ ئوغۇل بىلەن قويچىنى غەزەپ-نەپرەتلىك قىلىپ قويدى.
چوڭ ئوغۇل بىلەن قويچى چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئۇلارنىڭ بېغىدىن ياغاچ توشۇشقا كەلگەن شوپۇرلارنىڭ ھەممىسىنى،بىخەستىلىك قىلىپ ئۆزى يوق چاغدا ياغاچ كېسىش بىلەن توسۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان دادىسىنى، ئۈژمە كۆڭۈل ئانىنى ئىچىدە تىللاشتى.لىكىن پالاكەتنى تىل بىلەن توسىۋالغىلى بولمىغاندەك،تالاي گۇنالارنى قوينىدا يوشۇرىدىغان قاراڭغۇ تۈننىمۇ تىل ۋە نارازىلىق بىلەن ئۆزگرتىۋالغىلى بولمايدىكەن.
كىتابخان، بۇ ھېكايىدە تۈن نېمانداق تولا دەپ قالماڭ،ئەپۇ قىلىڭ،يەنە بىر قىتىم،يەنى ئاخىرقى قىتىم بىز گۈلئايشەمنى تۈن قوينىدا يالغۇز قويۇپ كۆرەيلى.
تۈن،ئايسىز تۈن،يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىدىكى قىزىقچىلىقلارغا قاراشماقتا،ئۇلار چىمىرلىشىپ خۇددى يەرگە يىقىنلىشىۋاتقاندەك،ئۇلارنىڭ بىرلىرى يەرگە سەكرەپ چۈشۈۋاتقاندەك،يەنە بىرلىرى نومۇسچان قىزغا ئوخشاش كۆزىنى قاچۇرىۋاتقاندەك قىلماقتا.
گۈلئايشەم ھويلىدىكى كات ئۈستىدە،يۇلتۇزلارغا قاراپ ئوڭدىسىغا ياتماقتا.ئۇنىڭ شوخ يۈرىكى كۆرەك قەپىزىنى دۈپۈلدىتىپ يوشۇرۇن سىرلارنى ئاشكارىلاپ قويىدىغاندەك،تېنىقى تىزلەپ،ئىچىگە پاتمايۋاتقان خۇشاللىقى بىلەن ھاياجانلىرىنى سىرىتقا چىقىرىپ قويۇۋاتقاندەك،كۆزلىرى يۇلتۇزلارغا سىر ئېچىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە.
ئۇ ھاياجان ۋە ۋەھىمە ئىچىدە تولغانماقتا.ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ۋىجدان بىلەن خاھىش قاتتىق ئېلىشماقتا.ئۇنىڭ بىر سەزگۈسى ئۆزىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن،لىكىن ئايالنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئېرى- روزەكبايغا خىيانەت قىلىشنى ۋىجدانسىزلىق دەپ قارىسا،ئۇنىڭ يەنە بىر سەزگۈسى ياق،سەن ۋىجدان دېگەننى بىلمەيدىكەنسەن،كۆڭلۈڭ تارىتمىغان ئادەمنىڭ ئايالى بولۇش ۋىجدانسىزلىق،خاھىشىڭ سېنى بەخىتلىك قىلىدۇ،ۋۇجۇدۇڭنى تىترەتكەن يىگىت بىلەن كەت،ئۇنىڭ يولىدا قۇربان بولساڭمۇ سەن بەخىتلىك دېمەكتە.
ئۇ ئازاپ ۋە ھاياجان بىلەن تولغىنىپ، ئەتراپقا قۇلاق سالدى.قويلدر پىشقىرىدۇ،ياۋا ئۆردەكلەر،قۇشلار سەگەك.لىكىن سەگەك ئىتلارمۇ جىمىغان… بىردىنلا ئاياق تېۋىشى ئاڭلاندى.مانا ئۇنىڭ يېنىغا يالاڭئاياق يىگىت كەلدى ۋە ئۇنى كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ ماڭدى.گۈلئايشەمنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن ھالسىز پۇت-قوللىرى يىگىتنىڭ بىلەكلىرىدىن ساڭگىلاپ چۈشۈپ تۇراتتى.
پۇلنى ئۇنتۇمىغانسەن؟
ياق،ئۇ مانا!
گۈلئايشەم ئون مىڭ كويلۇق چەك تىكىلگەن تامبىلىنىڭ يانچۇقىنى سىلاپ قويدى.
ئۇلار قاراڭغۇ باغقا ئەگىگەندە يىگىتنىڭ گەجگىسىدىن كۈچلۈك بىر قول سىلكىپ تۇتتى.
گۈلئايشەم چۆچۈپ يەرگە چۈشتى.ئۇ ئۈنسىز دومىلاۋاتقان ئۈچ گەۋدىگە ئۆزىنى ئاتتى:
ئۇنى ئۇرماڭلار،مېنى ئۇرۇڭلار،ئەزىمەتتە گۇناھ يوق.
قورقمىسىلا ئانا !- گۈلئايشەم تونۇدى،بۇ چوڭ ئوغۇل.
دېمەك، ئەزىمەتنى يەرگە باسقان،قاراڭغۇ باغقا ئېلىپ كەتكەن قويچى بىلەن چوڭ ئوغۇل ئىكەن.ئۇلار ياش شوپۇرنىڭ گۈلئايشەم بىلەن كۇسۇرلاشقانلىرىغا دىققەت قىلىشقان،ئۇلارنىڭ پېيىگە چۈشكەن،ئاتىغا سادىق بۇ ئىككى كۈچۈك روزەكباينىڭ نېسىۋىسىگە چېۋىن قوندۇرماسلىق ئۈچۈن سەگەك يېتىشقان ئىكەن.
گۈلئايشەم ئەتىگەنلىكى كىلىنىدىن سورىدى:
شوپۇرنى نېمە قىلدى،ئەجەپ يامان نېمىكەن.ئۇخلاپ قاپتىمەن،كۆتىرىپ ماڭغىنىنى تۇيماپتىمەن،ھېلىمۇ ياخشى....
ھەيدىۋەتتى ئۇ ئوغرىنى !
گۈلئايشەم ئەتىگەنلىك چايدىن كىيىن دومىلىنىپ زارلاندى.ئۇنى ئوتتۇرانجى ئوغۇل مەھەللە دوختۇرىغا ئېلىپ ماڭدى.
ئۇ دوىتۇردىن چىقىپ بالىنى كەتكۈزىۋەتتى-دە،ھاممىسىنىڭكىگە كىردى.چۈشتىن كىيىن ئۇ بانكىغا كىردى.
ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي پوكەي ئالدىدا ئۇزاق تۇردى.ئاخىرى ياش قىزنىڭ ئالدىغا چەكنى قويدى:
ھەممىسىنى ئالماقچى،توي ئىشىمىز بار.
قىز كۈلۈپ قويۇپ يان ئۆيگە كىرىپ كەتتى.بىردەمدىن كىيىن ھېلىقى بانكىچى بىلەن ساقچى بىللە چىقتى.
ئوغرى،بۇزۇق!- دېدى بانكىچى گۈلئايشەمگە قوللىرىنى شىلتىپ،-بۇرۇنقى ئېرىڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئون مىڭ كوينى ئوغۇرلاپ شاڭخەي،گۇاڭجۇلارغا بېرىپ سودىگەرچىلىك قىلماقچىسەن،راسىتمۇ؟
گۈلئايشەم لاغىلداپ تىترىدى:
راسىت !
جىنايەت بىلەن قولغا چۈشتۈڭ،- دېدى ساقچى،-سېنىڭ شىرىكىڭ ئەزىمەتنى ئاخشاملا  روزاخۇن ئاكىنىڭ بالىلىرى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.ئۇ ھەممىنى ئىقرار قىلدى.سەن ئۇنى يېڭىلدۇرغانسەن،راسىتمۇ ؟
ياق،ياق،مەن ئۇنى يېڭىلدۈرمىدىم،-دېدى گۈلئايشەم كاسىلداپ تىترەپ،-ئۇ مېنى يېڭىلدۈردى.
كېم ؟
كىم بولاتتى..... كۆڭلۈم !
ئايال يۈزىنى تۇتۇپ ئۆپكىدەپ يىغلىدى.ئۇنىڭ ئەپسۇس ۋە پۇشايمان بىلەن تولغان ياشلىرى ئۇنى قوغداپ قالالامدىكىن ؟
گۈلئايشەم يەتتە كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدى.يەتتە كۈنگىچە ئۇنىڭ كۆز يېشى قۇرۇمىدى.ئۇنىڭ خىيالىدىن ئاتا-ئانىسى،ھاممىسى،بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرغىنىدا بولغان ئىشلار بىر-بىرلەپ ئۆتتى.ئۇ ھاياتىدىكى خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرىنى تۈگۈنلەپمۇ باقتى.تارتقان خاپىلىقى كىچىك،خۇشاللىقى چوڭ تۈگۈن بولۇپ تۈگۈلدى.
خاپلىقى تۈگۈلگەن تۈگۈچنى ئاىتۇرۇپ كۆرىۋىدى،خاپىلىقلىرىنىڭ تولىسىغا ئىشىق-مۇھەببەت يېشىنىڭ داغلىرى چۈشۈپتۇ.يەنە كېلىپ بۇ داغلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئەزىمەتنىڭ نامى يېزىلغان ئىكەن . ئۇ يېقىنقى سوراقنى ئەسلىدى:
سوراقچى ئەزىمەتتىن سورىدى:
روزاخۇننىڭ ئون مىڭ كوي پۇلىنى ئېلىپ قېچىشنى سەن گۈلئايشەمگە دېدىڭمۇ ياكى گۈلئايشەم ساڭا دېدىمۇ ؟
مەن روزاخۇننىڭ پۇلىنى نەدىن بىلەتتىم!-دېدى ئەزىمەت سوغۇق كۈلۈپ،گۈلئايشەم ماڭا يالۋۇردى،ئىچ ئاغرىتقان گۇناھىم بار!
گۈلئايشەم ئۇنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تىترىدى.«ئىت»،- دەپ ئويلىدى ئۇ،- ئۇنىڭ چىرايلىق سۆزلىرىگە ئالدىنىپتىمەن.
گۈلئايشەم ھېلىقى ئۇچرۇشىشنى ئەسلىدى: ئەزىمەت تۇيۇقسىزلا ئۇلارنىڭكىگە ماشىنا ھەيدەپ كەلدى.ئۇنى كۆرۈپ گۈلئايشەم ئۆيگە مۆكۈندى.ئەزىمەت مايلىق شەپكىسىنى گەجگىسىگە كىيىپ،ئىشىكتە گىرەدەپ تۇرىۋېلىپ:
-گۈلئايشەم سېنى دەپ كەلدىم بىلەمسەن،ئايالنى بالىسى بىلەن قويۇۋەتتىم،پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق،تۆۋە قىلدىم!
-ۋالاقلىماي چىقىڭ!
-مېنى كەچۈرۈڭ گۈلئايشەم،سىزنى دەپ ياش ئايالىم بىلەن ئوغلۇمنى تاشلىدىم.سىز قېرىنى تاشلىيالمامسىز؟ھاممىڭىز ئېيىتتى ئازاپتا ئىكەنسىز!
گۈلئايشەم ئۇنىڭغا ئىشەندى ۋە ئۇنىڭ بىلەن قېچىشقا ماقۇل بولدى.
سوراقچى گۈلئايشەمگە قارىدى:
ـ ئۇنىڭغا يالۋۇرغىنىڭىز راستمۇ؟
ـ راست...
ئەزىمەت قويۇپ بېرىلدى.راستنى ئېيتقاندا ،گۈلئايشەم ئەزىمەتتىن شۇ كۈنى قاتتىق يىرگەندى.ئۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قېتىم يۈزلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈنلا ھەممىلا سوراققا «راست» ـ دېدى.
يەتتىنچى كۈنى ئۇنى سىلىق مۇئامىلە بىلەن باشلىق ئىشخانىسىغا باشلاپ چىقتى . ئۇنى تاشقىرىقى ئۆيگە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئىچكىرىكى ئۆيدە تالاش بۇلۇۋاتاتتى ،گۈلئايشەم تالاشقۇچىلارنى تونۇدى. بۇلار روزەكباي بىلەن بانكىچى ئىدى . بانكىچى :
ـ ئۇ ئوغرى . بۇزۇق ،ساڭا قىلچە كۈڭلى يوق تۇرسىمۇ ،يەنە ئۇنى خوتۇن قىلىمەن دەيسىنا ! ـ دەيتتى .
ـ ئۇ ئوغرى ئەمەستۇر ، مېنى ياخشى كۆرمىگىنى بىلەن بالىلىرىمغا ئامراق ،ئۆيۈمگە كۆيىنىدۇ ،ئۇنى ھېلىقى ئازدۇردى ،بىر ئادەم ئازسىلا بۇزۇق بۇلاتتىمۇ ؟ ـ دەيتتى روزەكباي .
ـ چەكنى ئوغرىلىغان تۇرسا !
ـ ئۆزىنىڭ چېكىنى ئۆزى ئوغرىلامدۇ ؟
شۇ چاغدا ئۆيگە تاشقىرىدىن بىر كىشى كىرىپ كەلدى ، ئۇ مۇشۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى . ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ گۈلئايشەمگە:
ـ ئەپۇ قىلىڭ ،گۈلئايشەم سىزنى ئۇقۇشماستىن يەتتە كۈن تۇتۇپ تۇرۇپتىمىز ، ئۆيىڭىزگە قايتىڭ ، يولدىشىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ ،سىزنى روزاخۇنكام ئاقلاپ چىقتى ،ـ دېدى .
ـ ياق ، مەن ئوغرى ، بەرىبىر ئۇنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىماقچى ئىدىم ! گۈلئايشەم ئورنىدىن تۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلىدى .
ـ گۈلئايشەم ! ـ ئىچكىرىدىن روزاخۇن يۈگۈرۈپ چىقتى ،ـ كېچىكىپ قالدىم ،بالىلارنىڭ سەۋەنلىكى ،جۈرسىلە ،ھارۋا ئەكەلدىم .
گۈلئايشەم روزەكباينىڭ سېغىنىش ، مۇھەببەت يالقۇنجاپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدى ،ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە ساددا دېھقانغا بىر خىل يېڭى تۇيغۇ پەيدا بولدى ، گۈلئايشەم تۇنجى قېتىم كۆرۈۋۈتقاندەك بوۋايغا قارىدى ،بوۋاينىڭ يالغۇز بورنىلا ئەمەس ، ھەممىلا يېرى گۈلئايشەمگە چىرايلىق كۆرۈندى .
ـ سىزنى دەپ ئات ـ ھارۋا قىلدىم . سودىلىرىڭىزنى تولۇق ئالدىم ، توك چىقىرىدىغان ماشىنا ئالدىم ، ئەكىلىشكە ئوغۇل قەشقەرگە كەتتى ، قېنى ھارۋىغا چىقىڭ .
گۈلئايشەم يەرگە قارىدى ، ئۇ ھازىر يالىڭاياق ئىدى . ـ پىيادە كېتىلى .
ـ نېمىشقا ؟
ـ مۇڭداشقاچ .
گۈلئايشەم شۇنداق دېدى ـ ، يالىڭاياق پۇتلىرى بىلەن يېزا يولىنىڭ يۇمشاق توپىسىنى دەسسىدى.
ئېھ ، توپىلىق يول ، گۈلئايشەمگە پايانداز بول !

1984-يىل 6-ئاي . مەكىت
1984-يىل 14- ئۆكتەبىر . ئۈرۈمچى  
( ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتىلدى )

شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1985-يىلى نەشىر قىلغان مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەپەندىنىڭ  « جىگدىلەر پىچىرلايدۇ » ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amarjan911 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-11 11:11 PM  


ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ
ھەسەلنىڭ تاتلىقىنى ھەرە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش