كىمنى ئالساڭ ئالمامسەن؟!
ھەسەنجان ئابدۇراخمان
(شېئىرىي چاقچاق)
ئۆزۈڭ تاللاپ، كۆرۈشۈپ، كىمنى ئالساڭ ئالمامسەن؟
ئىچ - سىرىڭنى بىلىشىپ، كىمنى ئالساڭ ئالمامسەن؟
ئوبدان قىز دېگەن تولا، ئەمما جۈپتۈڭ بىر بۇلار،
تەمكىن ھالدا ئويلىشىپ، كىمنى ئالساڭ ئالمامسەن؟
ۋەدىلەشكەن ئورۇنغا، كەلمىگەننى تىللىما،
ئۇپا - ئەڭلىك سۈرگەننى، يان - قېشىڭغا چىللىما،
تەقۋا - مۇسلىم قىزلارنى، ئەيىب تېپىپ خىللىما،
ئەتراپىڭنى كۆزىتىپ، كىمنى ئالساڭ ئالمامسەن؟
ئويناپ يۈرسە ئالدىڭدا، دوستلىرىڭنىڭ بالىسى،
قۇرداش تۇرسا سەن بىلەن، شۇ بالىنىڭ دادىسى،
ئېچىشمامدۇ ئىچىڭدە، يۈرۈكىڭنىڭ يارىسى،
خۇدايىمغا ھال ئېيتىپ، كىمنى ئالساڭ ئالمامسەن؟!
2014-يىل 16-ئاپرېل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-16 12:38 PM