ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار، ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ!!
دوسلار google play يەنى ‹گوگىلى ئەپ بازىرى› دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەپ بازىرى بولۇپ، بۇ ئەپ بازىرىغا ھەر كۈنى ئەڭ يىڭى، نەچچە خىل تىلدىكى ھەرخىل- سەرخىل ئاندىرويىد ئەپلىرى يوللىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئىسلامى ئەپلەر، لايىھەلەش ئەپلىرى، ئۈن-سىن ئەپلىرى، ۋە باشقىلار...........
لىكىن بۇ ئەپ بازىرىغا تىزىملاتمىساق بۇ ئەپلەرنى چۈشۈرەلمەيمىز، بۇ ئەپ بازىرىغا تىزىملىتىش
نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنىڭ ئارزۇسى،جۈملىدىن مىنىڭمۇ.
مەن بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، تىلفۇننى يىرىم كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئاران تىزىملاتقانىدىم.
بىرىنچى قىتىم تىزىملىتىشىم مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، بۇ ئۇسۇلىمنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۈچۈن
تىلفۇنۇمنى نەچچە قىتىم زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپ، گوگىلى ئەپ بازىرىغا قايتا-قايتا بىر نەچچە قىتىم، تىزىملىتىپ يۈرۈپ،
مانا ھازىر خىلى پىششىق بولۇپ قالدىم
بۈگۈن مەن سىلەرگە ئۆزەمنىڭ گوگلى ئەپ بازىرىغا تىزىملىتىش ئۇسۇلىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن..
1-باسقۇچ، google play نى تىلفۇنىڭىزغا قاچىلاپ، ئاچقاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى رەسىمدىكى كۆرسىتىلگەن بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ:
2-باسقۇچ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بويىچە، 1-بوش ئورۇنغا چ چ ئىلخەت ئادىرىسىنى، 2-بوش ئورۇنغا ئۆزىڭىز خالىغان 8خانىلىق
نۇمۇر كىرگۈزىسىز مەسىلەن بۇ رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىسىز يەنى چەمبەرگە ئىلىنغان بەلگىنى بىسىپ.
3-باسقۇچ، چىققان بوش ئورۇنغا چ چ نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزىسىز مەسىلەن بۇ رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىسىز.
4-باسقۇچ، رەسىمدىكى كۆرسىتىلگەن يەرنى باسىسىز، رەسىمگە قاراڭ:
ئۇ يەرنى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش چىقىدۇ، رەسىمگە قاراڭ:
بەلگە قويۇلغىنىنى تاللاپ بولۇپ كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىسىز.
5-باسقۇچ، چىققان ئەسكەرتىشتىن، چەمبەر ئىچىگە ئىلىنغىنىنى باسىسىز رەسىمگە قاراڭ:
6-باسقۇچ، بوش ئورۇننىڭ بىرىنچىسىگە، ئۆزىڭىز خالىغان 8 خانىلىق ھەرىپ كىرگۈزىسىز، مەسىلەن كونۇپكا تاختىڭىزنىڭ
بىرىنچى قاتارىدىكى 8 خانىلىق ھەرىپنى كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەسكەرتىش: چوقۇم لاتىنچە چوڭ ھەرىپ شەكلىنى كىرگۈزىسىز، ئەمدى ئاستىدىكى بوش ئورۇنغا، ئۈستىدىكى بوش ئورۇنغا سالغان ھەرىپنىڭ ئۆزىنى سالىسىز، يەنى چوڭ
ھەرىپلىك قىلىپ.. رەسىمگە قاراڭ:
ئاندىن كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز..
7-باسقۇچ، رەسىمدىكى كۆرسىتىلگەن يەرنى باسىسىز، رەسىمگە قاراڭ:
كۆرسىتىلگەن يەرنى باسقاندىن كىيىن، چىققان ئەسكەرتىشتىن، ئۆزىڭىز خالىغاننى تاللاڭ، مەسىلەن، ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ ئىسمى دىگەندەك، رەسىمگە قاراڭ:
تاللاپ بولغاندىن كىيىن شۇنىڭغا ماس ھالدا تۆۋەندىكى بوش ئورۇنغا ئۆزىڭىز خالىغان جاۋاپنى يازىسىز چوقۇم لاتىنچە يىزىقتا يازىسىز، ئۇنىڭ ئاستىدىكى بوش ئورۇنغا ھىچنىمە يازمايلا كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىسىز رەسىمگە قاراڭ:
8-باسقۇچ، رەسىمدىكى ئەسكەرتىش بويىچە داۋاملىق كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىسىز رەسىمگە قاراڭ:
بۇ باسقۇچتا دەلىللەش نۇمۇرىنى كىرگۈزۈڭ دەپ ئەسكەرتىدۇ، سىز ئاستىدىكى بوش ئورۇنغا ئۈستىدىكى ھەرىپنى توغرا كىرگۈزۈڭ، ئەگەر بىرىنچى قىتىم تۇغرا كىرگۈزەلمىسىڭىز قايتا كىرگۈزۈڭ دەپ ھەرىپ ئالمىشىپ چىقىدۇ،
دەلىللەپ بولغاندىن كىيىن كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىسىز، رەسىمگە قاراڭ:
9-باسقۇچ، چىققان ئەسكەرتىشتىن، بەلگە قويۇلغاننى بىسىپ كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈڭ، رەسىمگە قاراڭ:
ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ، چىققان ئەسكەرتىش بويىچە كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتسىڭىز بولىدۇ، كىيىنكى باسقۇچ دەل سىز ئارزۇ قىلىۋاتقان گوگلى ئەپ بازىرى رەسىمگە قاراڭ:
ئەمدى گوگلى ئەپ بازىرىدىكى ئەپلەرنى چۈشۈرۈشنى باشلاڭ ھەرگىز تارتىنماڭ
رەسىمدىكى تەرتىپ بويىچە، توغرا مەشغۇلات قىلىڭ.
گوگىلى ئەپ بازىرىنى چۈشۈرۈش: http://yunpan.cn/QNxXWXxGErgMb 访问密码 390a
مەنبە: www.yanfun.cc
ئەسكەرتىش: رۇخسەتسىز باشقا توربەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئالمىچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 12:07 AM
|