ablimitt يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 10:24 AM
80-يىللاردا ياپونىيە بۇنى تەتقىق قىپ باققان بۇلۇپ ، ئۇ ...
سىزنىڭ ئېلىكتىر ئىلمى ۋە بۇ ساھەدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكا -كەشپىياتلار توغرىسىدكى يازمىلىرڭىزنى تولۇق ئوقۇپ كېلۋاتىمەن ، مەن فىزىكىغا ئانچە قىزقىپ كەتمەيمەن ،لېكىن سىزدەك ئەمەلىي قوللىنىشچان ئېلىكتىر ئىلمى ساھەسدىكى بىر تالانىت ئىگىسىنىڭ بولغانلىقى مۇنبەردىكى مۇشۇنداق ئەل ئىچى كەشپىياتچىلىىرى ئۈچۈن بىر تېپىلغۇسىز پۇرسەت ، مېنىڭچە ئۇ ياشلاردا ياخشى نىيەت ۋە ئىرادە بار ،بىراق نەزىرىيىۋى بىلىمى مول بولماسلىقى ،بۇ ساھەدە مەخسۇس تەربىيە كۆرمىگەن بولشى مۇمكىن .
ئۆزى قىلۋاتقان ئىشنىڭ پىرىنسىپى ۋە نەزىريە ئاساسىنى پىىششىق بىلمىسە ، سىز دىگەندەك نۇرغۇن ئەجىر ۋەۋاقىت بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ . مەنمۇ بۇ كەشپىياتچىلارنىڭ ئىزدىنىش روھىغا قايىل ،بىراق بۇلار راسلا سەل ھاياجان، يېنىك تەبىئەتلىك ئىكەن ، بۇ بىر كەشپىياتچى ياكى ئلىم -پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۈچۈن چوقۇم تۈزەتمىسە بولمايدىغان ئاجىزلىق .