مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: NURDEN

كوچىدا قالغان قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرداش يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 10:16 PM
مۇنبەرگە ساپ بىكارچى، نان قېپى، ساپاسىزلار كىرەم ...

ئۇنداق ئەمەس ئاكا خاتا چۈشەنمەڭ راستىنى ئىيتسام مەن توردىشىمىز سانجاينى ئۇستاز تۇتۇپ شۇنىڭدىن ئۈگىنىۋاتىمەن .مۇنبەردىكى پىشقەدەملەرگە راسلا ھۆرمىتىم با مىنىڭ.
\سىلە بولغاچقىلا بىزمۇشۇ قۇرلارنى يىزىپ ئولتۇرۇپ]يىمىز ئۇستاز

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102859
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىز  بەك ياخشى  يېزىلىپتۇ  ، لىكىن ئاخىرى چىقماپتۇ  . تېزراق يىزىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمىز   ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96516
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 12:38:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللا   بۇ  توقۇلما ھكايىمىتى  مەن مۇ   يەركەننىڭ ھەزرىتىپىردىن    1-ماي كىنۇخانسى ھەزرىتىپىر يولى  گەيشەڭ دىسىڭىز  مەن تېخى راس بولغان ۋەقەلىك ئوخشايدۇ دەپتىمەن
قانداقلا بولمىسۇن راس بولغان ۋەقەلىكتەك چىقىپتۇ

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 12:38:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللىڭە!!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 02:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aygilas يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 11:36 PM
تىمىڭىز  بەك ياخشى  يېزىلىپتۇ  ، لىكىن ئاخىرى چىقماپتۇ   ...

رەھمەت ھازىر دەرىستىن چۈشۈپ يىزۋاتىمەن.ئازلا قالدى.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 02:31:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wolkan0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 12:38 AM
ۋاي ئاللا   بۇ  توقۇلما ھكايىمىتى  مەن مۇ   يەركەننىڭ ھەز ...

رەھمەت .ئۇ يەر جاي ناملىرى راس ۋەقەلىكمۇ %50راست.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 02:31:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 12:38 AM
داۋامىنى تىزراق يوللىڭە!!

ئازلا قالدى قىرىندىشىم.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 03:14:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NURDEN يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 01:44 PM
(1)         2014- يىلى 4-ئاينىڭ ...

بۈگۈن تولۇق تۈگۈتۈپ ئاخرىنى تولۇقلاپ يوللاپ قويدۇم.دوسلارنىڭ كۆرۈپ .ئەسەرگە قارىتا تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى بىرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1575
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 03:14:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كوچىدا قالغان قىز


                                                                    (1)

2014- يىلى 4-ئاينىڭ مەلۇم بىركۈنى شەنبە يەكشەنبىلىك دەمئىلىشتىن پايدىلنىپ ئۆيگە قايىتقان ئىدىم.3سائەتلىك مۇساپە مىنى خىلىلا چارچىتىپ قويغان ئىدى.كىلىپلا دوستۇمغا تىلفۇن قىلدىم دە،كۆرۈشۈپ بىللە تاماق يىيىشكەچ بۇرۇنقى بالىلىق چاغلانى ئەسلىشىپ كۈلۈشتۇق.دىمىسىمۇ شۇ بالىلىق چاغلارنەقەدەر گۈزەل ھە!

كەچمۇ كىردى،بىز ئالتۇنلۇقنىڭ يىنىدىكى كىچىك يول بىلەن ماڭدۇق،ماي تىياتىر خانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە دوستۇم ئاپتوماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالغىلى كىرىپ كەتتى ،مەن ئۇنى ساقلىغاچ بۇ قەدىمىي يۇرتنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندىم.

يۇلتۇزلاردەك كوچا چىراغلىرى خۇددى ماڭا گىپى باردەك كۆز قىساتتى.يوللاردىكى رەت-رەت ماشىنىلار بولسا بەيگە ئاتلىرىدەك بىر-بىرلىرىنى ۋېڭ-ۋېڭ قىلىپ ياندىشىپ شەھەرنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرغان ئىدى.سەل نىرىراق بولسا ئىككى ساقچى ماشىنىسى بىر سەپ بولۇپ توختىدى،دە.يەنە تەڭلا قوزغالدى بۇ ئىككى ماشىنا بەيگە ئاتلىرىدەك بىر-بىرىگە يول بەرمەي ،بىر-بىرىنى يانداپ ئالدى تەرەپتە بىرنەرسە تارقاتقاندەك ناھايىتى تىز سۈرئەتتە يۈرۈپ كەتتى.

تۇيۇقسىز يىراقتىن كەلگەن ئەنسىز بىر ئاۋاز مىنىڭ كەيپىمنى بىراقلا يوق قىلدى.يىراقتىن بىر قىز بىرنىمىلەنى توۋلاپ كىلۋاتاتتى.

ئاكام ئامەس........ئاكام ئامەس.......ھىھ ھىھ ..ھىھ ھىھ......،ئاكام ئەمەس،......

ئانچە يىراق بولمىغان خان جەمەتى مىھمان سارىيى تەرەپتىن 16~17 ياشلار چامىسىدا،ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىغا ئۇچىسىغا نىپىزغىنا ئاق كالتا يەڭ كۆينەك كىيۋالغان،پۇتىغا پادىچىلار ئىشتىنى،ئىشتاننىڭ ئۈستىگە يۇپكا كىيۋالغان ،بىر قاراشقىلا سەھرادىن كىرگىنى بىلنىپ تۇردىغان قاپقارا ئوي كۆزلىرى قۇندۇزدەك بادام قاشلىرىنىڭ ئاستىدا تىنەپ يۈرگەن قوزىدەك ،نىمىلەردىندۇر ئۆزىنى قاچۇرۋاتقەندەك قىلاتتى.

قىزنىڭ كەينىدىن 5مىتىرلاچە نىرىدا 30ياشلار چامىسىدا قاراشقىلا بايىلا بىر رۇمكا ئىچۋالغىنى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇردىغان سىرىق مايمۇن تەلەت بىر ئەر ،دەمبەس قەدەم قوغلاپ كىلۋاتاتتى.قىز كىلىپلا ماڭا ئىسىلدى دە،يەنەشۇ ھىلىقى گەپنى تەكرارلىدى.‹‹ئاكام ئەمەس...ئاكام ئەمەس...››.

قىز قورىققىنىدىن تىلى گەپكە كەلمەي قالغان ئىدى.مەن قىزدىن:سىڭلىم سىزگە نىمە بولدى؟كىم ئاكىڭىز ئەمەس؟. دەپ سورىغاچ كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا ھىلىقى بەدنىيەتكە قاراپ قويدۇم.قىزنىڭ تىلى گەپكە كىلىدىغاندەك ئەمەس.ھىلىقى مەس مىنى كۆرۈپ ئورنىدا قىقىپ قويغان قوزۇقتەك تۇراتتى.مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاز بىر-بىرىمىزگە ئالىيىشىپ پىسخىكا جىڭى قىلغانمۇ بولدۇق.ئىچكەن ھاراق جاسارەت ئاتا قىلدىمۇ ياكى شەيتان ئۇنى كۈشكىرىتتىمۇ؟بىلمىدىم. ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ مەن تەرەپكە قاراپ كىلۋاتاتتى.

قارىماققا خىلىلا قاۋۇل،سالماق،سۈرلۈك كۆرنىدىغان لىكىن ئەمدىلا 22نىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىىگىمدىن بىرەسى بىلەن سوقۇشۇپ باقماي دۇنياغا سەبىي قەلبىم بىلەن قارايدىغان مەن،ئالدىمدا دېۋىدەك ئىككى يانغا بەدەن سىرغىتىپ كىلۋاتقان ئۇ مەلئۇندىن راسلا دىسەم سەل قورقۇنۇش ھىس قىلغان ئىدىم.

بىردەمدىلا ئۇ ھايۋان ئالدىمدا ھازىر بولدى.‹‹ئاداش!››دېدىم مەن ئۆزۈمنى سەل چوڭراق قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا:بۇ قىزنى تونامسىلە؟

ئاكام ئەمەس ...ئاكام ئەمەس.....ئارىدىكى تىنىچلىقنى ئۇ قىز بۇزدى.

بۇگەپنى ئاڭلاپ مەن دەرھال ئۇ مەلئۇنغا قاراپ :نىمە ئىش بۇ؟تونمايدىغان قىز بالىنى نىمىشقا قوغلايسىلە؟؟دەپ زەردە قىلدىم .ئۇنىڭ چىرايىنى بىرخىل جىدىيلىك ۋە قورقۇنۇش قاپلىغان ئىدى.

ئۇ دەرخال ئىسىگە كىلىپ:ھە بۇ قىز..بۇقىز.....(ئۇ سەل دۇدۇقلىغاچ)،بۇقىز بىزنىڭ خوشنىمىزنىڭ قىزى مەن ئۇنى دادىسىغا تاپشۇرۇپ بىرەي دىگەن ،دىدى.

مەن ئۇنىڭغا قاراپ:

ـــــ ئەمسە ئۇ قىزنىڭ دادىسىغا تىلفۇن قىلىڭلا !

ـــــ مەندە تىلفۇن يوق.

مەن دەرخال يانجۇقۇمدىن تىلفۇننى ئالدىم،توۋا ما ئىشنى كۆرۈڭ.بۇ تىلفۇننىڭمۇ يا بۇرۇن ئەمەس يا كىيىن ئەمەس دەل مۇشۇنداق چاغدا توكى تۈگەپ ئېتىلىپ قالغىنىنى. ئىچىمدە‹‹ تىلفۇننىڭ توكى يوق ،بۇ مەلئۇنمۇ بۇ قىزنىڭ تونۇشى ئەمەسلىگى ئىنىق،ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك؟ئۈنلۈك توۋلاپ ئتراپتىكىلەدىن ياردەم سورايمۇ؟ياق قەتئېي ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ،ئەگەر بۇ مەلئۇننىڭ شىرىكلىرى بولۇپقالسىچۇ؟ئۇچاغدا بۇلار بىرلىشىپ بارچە گۇناھنى ماڭا ئارتىپ قويۇپ ئۆزى قىچىپ كىتىدۇ دە،مەن بۇيەدە يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيمەن.››،‹‹ياق نىمىلا بولمىسۇن بۇقىز نى قۇتقۇزۇشۇم كىرەك،بىر ئامال قىلاي،توختا

قانداق قىلسام بولا ھەي ھەجەپ بىشىم قاتتى.››.

مەن يۇقارقىدەك ئويلانى قىلىپ بولغۇچە ھىلىقى قىز قولۇمدىن يۇلۇنۇپلا يەنە :‹ئاكام ئەمەس....ئاكام ئەمەس.....›› دىگىنىچە قىچىپ كەتتى ،ياق !قىچىپ كەتمىدى بەلكى مەندىن ئۈمۈتسىزلىنىپ يەنە كىملەرگىدۇر يىلىنغىلى كەتتى.مەن بىرتەرەپتىن شۇنچە چوڭ شەھەردە بۇ ئىشنىڭ ماڭا يولۇققىنى،ھەم شۇنداقلا ئۇنى قۇتقۇزالمىغىنىمغا ئۆكۈنسەم يەنە بىرتەرەپتىن بۇ شەھەردە ئۇنى قۇتقۇز غىدەك ئاكىلىرىمىز نىڭ چىقمىغىنىغا،كۈندۈزى يول-يوللاردا توسۇپ كىملىك تەكشۈرەيدىغان شۇ ساقچىلىرىمىز نىڭ نىمىشقا بۇ كىچىدە مۇشۇنداق ياردەمگە مۇھتاج كىشلەر يىنىدا پەيدا بولماي .ئەكسىچە چوڭ يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ماشىنىلىرىنى ھەيدىشىپ بىر -بىرى بىلەن بەسلىشىشپ يۈرگىنىگە غەزىپىم تاشتى ۋە چۇڭقۇر ئويلارغا غەرىق بولدۇم.

ھىلىقى مەلئۇنمۇ ماڭا بىر قارىۋىتىپ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كىتىپ قالدى.


داۋامى بار......



                                                                          (2)
ـــــ ئاداش ھاڭۋىقىپلا قاپسەن تۇنجى مۇھاببىتىڭنى كۆرۈپ قالمىغانسەن؟
ئاغىنەمنىڭ كۈلكە ئارلاش قىلغان بۇ چاقچىقى مىنى بايىقى ئاچچىق ئويلاردىن تارتىپ چىقتى.بايقى ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەيمۇ؟ياق ياخشىسى دىمەي.چۈنكى مىنىڭ بۇ ئاغىنەمنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئاچچىغىدا ئۇنى بىرنىمە قىلىپ قويسا قانۇن ھەرگىزمۇ قەھرىمانلىق قىلىپ سەبىي قىزنى بۆرە ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرغان دىمەيدۇ، ئەكسىنچە مەزكۈر جىنايەتچى كۈپكۈندۈزدە بىگۇناھ خەلىق -ئاممىسىنى يارلانـدۇرغان دەپ يەنە شۇ نائەھلىنى قويۋەتسە،يەنە زىيان بىزگە بولىدۇ.توغرا ئۇنىڭغا دىمەي.
ـــــ ھىچ ئىش يوق ئاداش سىنى ساقلاپ سەل توڭۇپقاپتىمەن.نىمانداق ئۇزۇندا چىقىسەن؟پۇللانى ساناپ بولالالماي قالدىڭمۇيە؟
دەپقويدۇم كۈلۈپ تۇرۇپ.
ـــــ ھە دەيمە ھىساپلىغۇچ بولسا بىرىپ تۇرە، دىدى ئۇمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
شۇنداق قىلىپ دوستۇم بىلەنمۇ خوشلاشتىم لىكىن كۆڭلۈم بىر قىسمىلا ئېچىمدىن بىرخىل ئاچچىق سۇ ماڭغانچە ئۇستىگە مىڭىپ بۇرنۇمدىن چىقىپ بىردەمدىلا كۆزۈمدىن ئىسسىق ياش تامچىدى.توۋا بۇ ئەجابا كونىلا ئېيىتقان ۋىجدان ئازابىمىدۇ؟ مىڭىۋاتىمەن،پۇتلۇرۇم جانسىز‹كۆزلۈرۈم نۇرسىز،كاللام قۇپقۇرۇق،ئېسىيادىم يەنىلا شۇ بىچارە قىز دا ئېدى.نىمىشقىمۇ بىللە ئېلىپ كەتمىگەندىمەن؟ئالدى تەرەپتىن كىلۋاتقان كىرا ماشىنىسىنى توستۇمدە خۇددى بىلىق ئۆزىنى سۇغا ئاتقاندەك ئۆزۈمنى
ماشىنا ئورۇندۇقىغا ئاتتىم.ماشىنا ئاستا يۈرۈپ قىزىل چىراققا كىلىپ توختىدى.بىرخىل كۈچ مىنى ئارقا تەرەپكە قاراتتى،ھىلىقى قىز،دەل شۇ .ئۇ ئەمدى يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ ھەزرىتىپىر يولى تەرەپكە قاراپ ماڭغان ئىدى.دىمەك ئۇ قىزنى قۇتقۇزغۇدەك بىرمۇ ئىنسان چىقمىغان ئىدى.
ـــــــ مەن چۈشۋالاي ،دىدىم جىددىي ئاۋازدا شوپۇرغا قاراپ.
ــــــ يىگىت قىزىل چىراغدا چۈشكىلى بولمايدۇ،يولنىڭ ئۇ يىقىدا چۈشۋىلىڭ ھە.
ـــــ بولمايدۇ ئاكا......................مىنى چۈشۈرۈپ قويۇڭ.
مەن شوپۇرغا بايىقى ئىشلانى قىسقىغىنە قىلىپ سۆزلەپ بەردىم.شوپۇر ئوتتۇرياش ،زىيالىي سۈپەت بىر ئادەم ئىكەن.
ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ ماڭا:ئۇكا سىزگە دىسەم ھازىر شۇنداق قىلىپ كىشىلەنى ئالداپ پۇل تاپىدىغانلا جىقىيىپ قالدى.سىز بۇيەرلىك
ئەمەس ئوخشايسىز،(دىمىسىمۇ مەن ئايدا بىرە قىتىم كىلىپ ئۆيدىكىلە بىلەن جەم بولۇپ كەتكەننى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۆيگە كەلسەم بەك سىرىتلاغا چىقمايتىم)بۇ ئالدامچىلانىڭ ۋاستىسى كۆپ ھەرگىز ئالدىنىپ قالماڭ .دىمەسما ئاچچىقتىن بىشىمدىن تۈتۈن چىقكەتتى.
توۋا تاسلا قاپتىمەن ساددىلىق قىلىپ ياخشى ئېش قىلدىم دەپ ئۆزۈمنى ھەم ئاغىنەمنى بالاغا قويغىلى.ئىلگىرى مەن ئوقۇۋاتقان شەھەردە كونا ئوقۇغۇچىلانىڭ شۇنداق ئالدامچىلانىڭ گىپىنى قىلغىننى ئاڭلىغان بولساممۇ ،بۇكىچىك شەھەرگە بۇنچىۋالا تىز كىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.مەن بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزۈمدەك ساددا،ئاق-كۆڭۈل دەپ ئويلايتتىم.
شۈكرى ئىگەم بەندىلىرىڭنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگىن.
                                                                (3)
ماشىنا كوچا ئىغىزىدا توختىدى.ماشنىدىن چۇشۇپ مەھەللە يولىدا مىڭىۋاتىمەن.كاللامدا بۈگۈن يولۇققان ئىشلا بىر-بىرلەپ
ئۆتمەكتە خۇددى قورقۇنۇشلۇق چۈشكىلا ئوخشاش،ئەمدى ئويلىسام بۇھايات مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاددىي ئەمەسكەن.كىشلەمۇ
ھەم ئۇنداق ئاددىي ئەمەسكەن.بولدى بەس ھايات قىسمەتلىرىنى سۆزلىمەي،چۈنكى مەن ئۆزەم شۇ ھايات كارتىنىسى ئىچىدە ياشاپ
يەنە شۇ ھاياتنى سۈرەتلەشكە ئامالسىز مەن.مەن تىخى ھاياتنىڭ ئەڭ ئاددىي بوسۇگۇسىدا خالاس.
شۇ خىياللا بىلەن ئۆيگىمۇ كىپقالدىم.ئانام چىرايىمنىڭ بىر قىسما بولۇپقالغىنىمنى كۆرۈپ مەندىن ئەنسىرەپ نىمە ئىش بولغىنىنى سوراپ سۆزلەپلا كەتتى.مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ سەل چارچاپ قالغىنىمنى باھانە قىلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم.
دىمىسىمۇ مىنىڭ بۇ چىراي ئىپادەم ئەتتىگەن ئۆيگە كەلگەندىكى خۇشال،جۇشقۇن ،شوخلۇقۇم بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايتى.
مەنبە:ئۆزۈم.
داۋامى بار........

                                                                      (4)
ياتاق ئۆيگە كىرىپلا كۆزۈم قاراڭغۇلۇشۇپ كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم.كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇ ئىشلانى ئويلىماسلىققا قانچە تىرىشقان بولساممۇ لىكىن مەندەك يىگىرمە نەچچە يىل شەھەردە ياشاپ چوڭ بولغان ئادەمنىڭ شۇ ئالدامچىلاغا ئالدانغىلى تاس قالغىنىم
كاللامدىن ئۆتمىدىيۇ لىكىن يەنىلا ئۇلانىڭ دامىغا چۈشمىگىنىگە خۇش بولدۇم ،لىكىن تۇرۇپلا ئويلاپقالدىم.مەن ئۇچرىغان ئۇ ئىشلا بىرمەيدان ئالدامچىلىق بولماي راس بوپقالسىچۇ ؟ياق!ئۇنداق ئەمەس ئۇلار چوقۇم ئالدامچى.چوقۇم ئالدامچى! ماڭا زادى نىمە ئىش بولغاندۇ ؟ئۆيگە كەلگەندىن بىرى خىيالىمدىن كەچكىنى شۇ نقىزنىڭ بىچارە ھالىتى.
توختا،ئۇقىز ئالدامچى بولسىمۇ ئۇنداق ئوخشۇتالمايدۇ.مەن كۆرگەن ئۇ بىچچارە قىزنىڭ چىراي ھالىتىنى ھەتتا سەنئەت ئىنىستۇتىنىڭ ئاكتىيورلىرى مۇ قاملاش تۇرلماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى مەن كۆگەن ئۇ چىراي تىخى ھىچقانداق فىلىمدە كۆرۈلمىگەن بىر چىراي.
قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىشنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇراي،بولمىسا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس،
توغرا ئەتىلا سۈرۈشتىسىنى قىلاي.شۇنداق قىلىپ تاڭ ئىتىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم،ھىلىقى
ھەجەپ تاڭئاتمىدى بۇ كىچە دىگەن مىسرالاردەك.بۇكىچە ھىچ تاڭ ئاتىدىغاندەك ئەمەس،لىكىن مەن بەكلا قىينىلىپ نەپسىم سىقىلۋاتاتتى.
مانا قۇياش شەرىقتىن كۆتۈرلۈپ كۈچلۈك نۇرىنى مەھەللە بويلىرىدىن تارتىپ تا مىنىڭ ياتاقىلىپ ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىگىچە يەتكۈزدى. ئانام دەملىگەن ناۋات چاي بىلەن تۈنۈگۈنلا ئانام خوشنىمىزنىڭ تونۇرىدا ياققان توقاچتا ناشتا قىلىپ بولۇپ بىركۈنلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتىم.ئىشنى قايەردىن باشلاش كىرەك؟ساقچىخانلارغا بىرىپ سوراپباقايمۇ؟ياق ئۇلاغا نىمە دەيمەن.ئاخشام سىلەنىڭ ساقچىلا قۇتقۇزمىغان قىز ئالدامچىمۇ؟ئۇنى تۇتتۇڭلامۇ دەمدىم ياكى ئاخشام مەن قۇتقۇزمىغان قىزنى ئۇچراتتىڭلامۇ؟دەمدىم.توختا يەنىلا ئىشنى ئاخشام مەن ئۇنى ئۇچراتقان جايدىن باشلاي ئەگەر ئۇ ئالدامچى بولسا بۈگۈن كەچ يەنە ئۇچرايدۇ،ئۇنداق بولمىسا......ھەي راستىمنى ئىيتسام مەن ئۇنىڭ ئالدامچى بلۇپقىلىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم.
مەن ئاخشامقى بانكىنىڭ ئالدىغا كەلدىم،ئەتتىگەندە ئىشقا ماڭغان خىزمەتچىلە،ئالدىراش دۇكانلىرىنى رەتلاۋاتقان تىجارەتچىلە،شەنبە -يەكشەنبىلىك كۈچەيتىش سىنىپلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قىممەتلىك دەمئىلىشىنى قۇربان قىلىپ ئىمتاھاننىڭ قۇربانى بولۇپكەتكەن ،چىرايىدا ھارغىنلىقتىن باشقا ئىپادە قالمىغان ئوقۇغۇچىلا،يازلىق تىرىقچىلىق ئۈچۈن سەھەردە كىرىپ ھەرخىل ،دىھقانلار ئەمەس شۇ ساتقۇچىلا ئۆزىمۇ ئىسمىنى ئۇقمايدىغان دىھقانچىلىق دورىلىرى ئىچىدىن ياخشىسىنى تاللاش ئۈچۈن ماڭغان دىھقانلار،ئىشقىلىپ يولدىكى ھەرخىل كىشىلە بۇ
شەھەرنىڭ ئەتتىگەنلىك مەنزىرىسىنى،تۈنۈگۈن كەچتىنمۇ بەكرەك جانلاندۇرۋەتكەن ئىدى.توۋا
شەھىرىمىزنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى بىلەن كۈندۈزلۈك مەنزىرىسى تۈپتىن ئوخشىمايتتى.چۈنكى
كۈندۈزلىرى ئاخشامقىدەك كىچە مۈشۈكلىرى كۆرۈنمەيتى.بەلكىم كەچ بولسا ئاللا قاياقلاردىن چىقىشار ئۇ ئۆلۈشىنى بىلمەيدىغان نىجىسلار.
مەن ئاخشامقى تىلفۇن بوتكىسى ئالدىغا بىرىپ ئۇ ئاكاشتىن ئاىشامقى قىزنىڭ ئەھۋالىنى سورۇدۇم.ئۇ مىنىڭ بىشىمدىن -ئايىغىمغىچە قارىۋەتكەندىنكىيىن،ئۆزىڭىز كىم بولىسىز دىگەنتى
مەن ھەممە ئىشلانى ئۇنىڭغا ئىيتىپ ئۆزۈمنىڭ ئۇ ئىش توغۇرلۇق بىركىچە ئۇخلىيالنىغانلىقىمنى،
شۇڭا بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىش نىيىتىمنىڭ بارلىقىنى ئىيتتىم.ئۇ ئادەم مىنىڭ سەمىمىيىتىمنى كۆرۈپ ماڭا :
ــــــ ئۇكا مەنمۇ ئىنىق بىلمەيمەن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاخشامقى ئۇ قىز بىر باينىڭ قىزىمىش.
ــــــ نىمە؟باينىڭ قىزى.؟..؟!
ــــــ قالغىنىنى مەنمۇ ئىنىق ئۇقمايمەن،سەن گەيشەڭ مەكتەپ ئالدىدىكى كەشتە ساتىدىغان ھەدىمىزدىن سوراپباققىن بەلكىم ئۇ بىلىشى مۇمكىن.
دىمىسىمۇ كەشتە ساتىدىغان ئاياللارنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق ئىدى.ئۇلاردىن كەشتە سىتۋالغىلى كۈندە ھەرخىل ئاياللار كىلەتتى،بۇنداق جىق ئايال كىشى بولغان يەردە ئىنىقلا ھەرخىل بەس-مۇنازىرىلەر بولماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.
ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا ئۇ ھەدەشنى مۇ تاپتىم.
ـــ ئەسسالام ئەلەيكۇم ھەدە!سىزدىن بىرسىنى سۈرۈشتۈرەي دىگەنتىم.
ـــ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.ئەھ ھە ئەھ ھە...
بۇ كەشتىچى ھەدىمىز ئەمدىلا 40نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ،سالامەتلىكى ئانچە ياخشى كۆرۈنمەيتتى.
مەنبە:ئۆزۈم.
داۋامى بار..........

                                                               (5)

ــ ئېيتىڭ بالام كىمنى سۈرۈشتۈرمەكچى سىز؟
ـــ 16~17ياشلار چامىسىدىكى دائىم مۇ ئەتراپتا يۈرىيدىغان بىر قىز،ئۇنى تونۇملا؟(ھىلىقى ئاكاش ماڭا ئۇنىڭ مۇشۇ ئەتراپتا يۈرىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئېدى.)
ـــ ھەي..ھەھ...،بۇقىز...
ـــ ھەدە مىجەزىلىرى يوقمۇ نىمە؟دوختۇرغا كۆرسۈتەيلىمۇ؟
ئۇنىڭ سۇلغۇن چىرايى ئىغىر تىنىقلىرىغا قاراپ ئۇنىڭدىن سورۇدۇم.
ـــ ياق بالام كىرەك يوق ،شۇ ئەشۇ قىزنىڭ گىپى چىقىپ سەل كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالدى شۇ.
ـــ بىر يىلچە بولدىغۇ دەيمەن ،دەپ سۆز باشلىدى كەشتىچى ئاپاش.
ـــ ئۇقىز دۇكۇنۇمنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپقالدى،چاچلىرى چۇۋۇق،كىيىملىرى يىرتىق،يۈز-كۆزلىرى كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.بىر قاراشتىنلا باشقىلانىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى بىلنىپ تۇراتتى.
بۇ گەپلەنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن بىشىم يىرلىپ كىتەي دەپقالدى.مەن نىمە قىلدىم سىڭلىمغا ئوخشاش بىر قىز مەندىن ياردەم سورىسا مەن ئەكسىنچە ئۇنى ئالدامچى دەپ بۆرىنىڭ ئالدىغا يالغۇز تاشلاپ
قويسام مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ؟ئاھ خۇدا مىنى كەچۈر مەندەك ئىتىقادى ئاجىز مىللىتىمنىڭ قىزلىرىنى قوغدىيالماي يەنە ئۆزۈمنى ئەر ھىساپلىغان خۇنۈك بەندەڭنى كەچۈ رگىن.شۇتاپتا باشقا گەپ قۇلۇقۇمغا كىردىغاندەك ئەمەس،مىنى كەچۈرۈڭ سىڭلىم!مىنى كەچۈرۈڭ!!
ـــ ئوغلۇم،ئوغلۇم. ئوغلۇم سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟
بۇچاقىرشىدىن ئۆزۈمنى ئاران يىغدىم دە،
ـــ ھىچ ئىش يوق ھەدە،
دەپ ئۇنىڭ بايانىنى ئاڭلىدىم.
ـــ ساقچىغا مەلۇم قىلايلى،ئۇ مەلئۇننى تۇتۇپبىرىدۇ قىزىم دىسەم قەتئىي ئۇنمىدى.ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئۆيدىكىلىرى ئۇقسا ئاكىلىرى ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتەمىش.
ـــ ئەمسە ئۇ ئۆيىگىمۇ بارمايدىكەن دە؟تىخىمۇ قىزىقىپ سورۇدۇم مەن.
ـــ ئۇنداقمۇ ئەمەس شۇ ئاكىلىرى يوق چاغدا بارىدىكەن،بۇقىز ئاكىلىرىدىن بەك قورقىدىكەن.
بولمىسا ئائىلىسى خېلى بايكەن،لىكىن قىزنىڭ ئۆگەي دادىسى باكەن بۇقىز ئۆگەي دادىسىنى ئۆچ
كۆرگەچكە ئۆيدىن چىكىتىپتىكەن.لىكىن بىرقىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە
ئۇچراپتۇ.دەسلەپ ئىچىم ئاغرىدى.
ـــ شۇچاغدا بۇقىزغا ئىچىم ئاغرىپ دۇكاندىكى رەختىلا دەماللىققا سوغۇقتىن دالدا بولغۇدەك قىلىپ
چاپان تىكىپ بەردىم.قورسۇقىنى تويغۇزۇپ قويدۇم.بىر ئامال قىلىپ ئائىلىسىگە خەۋەر قىلدىم،ئانىسى كىلىپ ماڭا زارـزار يىغلاپ دەرت تۆكتى،بۇقىز پات ـ پات ئۆيدىن چىكىتىدىكەن
ئەتىسى يەنە پەيدا بولۇپقالىدىكەن،ئاكىلىرىمۇ ئەھۋالىنىڭ نەدىن ـ نەگىچىلىكىنى سورىمايلا ئۇرىۋىرىدىكەن.بىچارە ئانا قىزىنىڭ دەردىدە يىگىنى يىگەن ئەمەس ،كىيگىنى كىيگەن ئەمەس
باللىرىدىن ئەنسىراپلا يۈرىدىكەن.
بۇ گەپلەنى ئاڭلاپ بىر تۇرۇپ بۇ ئانىغا ئىچىم ئاغرىسا بىر تۇرۇپ بۇ قىزنىڭ بەڭۋاشلىقىغا ئاچچىغىم كىلەتتى.بىرتۇرۇپ بۇقىزنىڭ ئاكىلىرىنىڭ قارىسىغا بۇقىزنى دۇمبالىشى نىرۋامنى قايناتسا بىرتۇرۇپ ئەركەكلىرىمىزنىڭ (شەخسەن مەنمۇ مۇستەسنا ئەمەس)،كىچىككىنە بىر قىزنى قوغداپقالالمىغىنىغا زەردەم قاينايتتى.
گۇناھ زاداى كىمدە؟ئانىدىمۇ؟ئاكىلىرىدىمۇ؟ئۆگەي دادىدمۇ؟ھىلىقى ھاراقكەش مەلئۇندىمۇ؟
ياكى ئۇ قىزنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىدىمۇ؟
مەن كەشتىچى ھەدەم بىلەنمۇ خوشلۇشۇپ ئۆزۈمنى قويدىغان تىنىچ يەر ئىزلەپ يۈرۈپ كەتتىم.
چۈنكى مىنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن ئىدى.

داۋامى بار........
                                                                     
                                                                     (6)
    ماڭاـ ماڭا ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي يىڭى بازار مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەپقاپتىمەن،قارىسام دوقىدا تاتلىق ياڭيۇ ساتقىلى تۇرۇپتۇ.تاتلىق ياڭيۇنىڭ مەزلىك پۇرىقىدا قورسىقىم ئاچقىنىنى ھىس قىلدىم ،دە.بىرىپلا يۇمشاققىنە پىشقان تاتلىق ياڭيۇدىن بىرنى ئىلىپ مەززە قەلەپ يىيشكە باشلىدىم.
ـــ توختا ۋۇ جۇۋاينىمەك ئۆلتۈرۋەتمەيدىغان بولسام سىنى.توختا دەيمەن!
ـــ تىز قوغلا دەيمە تىز.
تۇيۇقسىز غەيرى ۋە قوپال توۋلىغان ئاۋازدىن ھەيرانلىق بىلەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم.ئىككى ئەر بىر قىزنى قوغلاۋاتاتتى.بىرى بىرىنىڭ كەينىدىن قوغلىغاچ توۋلاۋاتاتتى.ھىلىقى قىزغا كۆزۈم چۈشتى،بۇقىز ئەجەپ تونۇش چىرايغۇ.
ئەجىبا مەن بۇقىزنى بۇرۇن بىريەدە كۆگەن بولغۇيمىتىم.قىزنىڭ ئىككى كۆزى تاياق دەستىدىن كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى.ئوڭ پۇتىنى ئازراق سۆرەپ ماڭاتتى يۇ شۇنداق تىز يۈگۈرەيتتى،توختا،بۇقىز بەكلا تونۇش دىدىم دە ،قىزغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدىم .توۋا ھىلىقى قىز ئۇنىڭ ئوڭ قىشىدىكى مەڭدىن تونىمىسام تاياق يەپ ئادەم تەلەتى قالمىغان بۇ قىزنى تونيالمايدىكەنمەن تاستىن.
    ئەمدى چىدىمىدىم،مەيكى سوتقا تاتىلامدىم ،ياكى تۈرمىەە كىرەمدىم بۇ مەلئۇنلانى ئۆلتۈرۋىتىمەن ھۇ مەلئۇنلار دىدىم دە،تاتلىق ياڭيۇچىنىڭ كۆمۈر قىسىدىغان لاخشىگىسى(قىسقۇچ)نى ئىلىپلا ئىتىلىپ ماڭدىم.
تىرىىىىىت ..........تىرىىىىىىىىىىىىت....تىىىرىت...
ياندىن تۇيۇقسىز چىققان  ماشىنىنىڭ قاتتىق بىر تورمۇزلىغان ئاۋازى بىلەن ھىلىقى قىز پوككىدە قىلىپ يەرگە يىقىلدى.
مەن ئورنۇمدا قىتىپلا قالدىم.بىرچاغ ھىلىقى ئىككى ئەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى يۈزلىرىنى تاتلاپ،چاچلىرىنى چاڭگاللىغانچە ‹‹ئاھ سىڭلىم !ئاھ خۇدا بۇ نىمە ئىش؟بىچارە سىڭلىم!››دىگىنىچە يەرگە تىزلىنىپ قالدى دە،ئۇ قىزنىڭ پۇتىغا باش قويۇپ يىغلاپ كەتتى.
ئەسلى بۇ .ئىككىسى ئۇ قىزنىڭ ئاكىسى ئىكەندە،ئىسىت شورپىشانە قىز پەلەك ساڭا شۇنچە تەتۈر كەلدى!ئون گۈلۈڭنىڭ بىرى ئىچىلماي تۇرۇپ قارا قىسمەت سىنى ئۆلۈم يولىغا قىستىدى ئەمەسمۇ.بىچارە مىنى كەچۈرۈڭ مەندەك ۋىجدانسىزنى
كەچۈرۈڭ، بەلكىم ئاخشام سىزنى تاشلاپ كەتمىگەن بولسام بۇپاجىئەمۇ يۈزبەرمەس بولغىيتتى.لىكىن تەغدىردىن قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ دە.
    بىر ھىساپتا بۇ قىزنىڭ شۇنچە ئاسان ھەم تىنىچلا ،ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەكلا قاراڭغۇ،رەزىل،رەھىمسىز،ئىشىپلاس مەلئۇنلارغا،ۋىجدانسىز ئەرلەرگە تولغان  بۇدۇنيادىن خوشلۇشۇپ. ھىچقانداق غەم - ئەندىشە يوق،ئۇنى ئۇرىدىغان ئاكىسى يوق ،تىنىچ دۇنياغا كەتكىنى ياخشى بولدى.لىكىن.....لىكىن شۇ قىزنىڭ ئانىسى ئۆز يۈرەك -پارىسىنىڭ ئىچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرسە يۈرەكلىرى لەختە بولۇپ كەتمەسمۇ؟ئۆز قىزىنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈشكە كۆزى قىيامۇ؟
ئۇلۇغ ئاللا شۇ ئانىغا بۇ مۇسىبەتكە بەرداش بەرگۈدەك سەبىر،غەيرەت-چىدام ئاتا قىلغايسەن.بۇ قىزنىڭ جىنايەتكارى بولغانلانى پەقەت ئۆزۈڭ بىلگۈچىسەن،چۈنكى بۇسېر ئەمدى ئۇ قىز بىلەن بىللە كەتتى ئەمەسمۇ!شۇ جىناياتچىلەرنىڭ جاجىسىنى بەرگيسەن!بۇ مەسۇم قىزنىڭ روھىنى جەننەتتە قىلغايسەن!ئاخىرىدا بارلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆوڭلىەە ئىنىساپ -سەۋىر ئاتا قىلغايسەن !ـــــــــ ئامىين!
مەنبە:ئۆزۈم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NURDEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 04:58 PM  


ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105031
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 03:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى بۈگۈن تولۇق تۈگۈتۈپ ئاخرىنى تولۇقلاپ يوللاپ قويدۇم.دوسلارنىڭ كۆرۈپ .ئەسەرگە




قېنى ئەمىسە يۇققۇ؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش